تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئايرىۋېتىش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە

مۇتەخەسسىس مۇنداق مۇراجىئەت قىلدى:

ئايرىۋېتىش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈ شى خەۋەر قىلىدۇ: يۇقۇم ئالدىدا، نېمە ئۈچۈن ئاڭلىق ئايرىلىپ تۇرۇش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئايرىلىپ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىمىز؟ قويۇق ئۇچراشقان قايسى كىشىلەرنى ئايرىۋېتىش كېرەك؟ ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تارقىلىشچان كېسەل ئىلمى مۇدىر ۋىراچى نى مىڭجيەن مۇنداق چۈشەندۈردى: نۆۋەتتە ئۈنۈملۈك قاراتمىلىق دورا بولمىغان ئەھۋالدا، ئايرىۋېتىش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.

نى مىڭجيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئايرىۋەتكەندە تارقىلىشچان كېسەلنى تارقىلىش مەنبەسىدىن ئۈزۈۋەتكىلى بولىدۇ. نەپەس يولى قاتارلىق ئالاھىدە تارقىلىشچان كېسەل گۇمانىي ئاغرىقى ياكى ئاغرىقلىرى بايقالغاندا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارقىلىشچان كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى»غا ئاساسەن، قويۇق ئۇچراشقانلارنى چوقۇم قانۇن بويىچە ئايرىۋېتىش كېرەك. شۇڭا، ئاڭلىق ئايرىلىپ تۇرۇش بارلىق پۇقرالار جەزمەن ئۆتەشكە تېگىشلىك قانۇنىي مەجبۇرىيەت.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرى بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلار دېگەنلىك گۇمانىي ئاغرىق مىسالى، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى، يېنىك ئاغرىق مىساللىرىدا كېسەل قوزغالغاندىن كېيىن، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن مۇسبەت بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك ئۇچرىشىش ئەھۋاللىرىنىڭ بىرى بولغان، لېكىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلەنمىگەنلەرنى كۆرسىتىدىكەن: 1. بىللە تۇرۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ياكى باشقا قويۇق ئۇچراشقان كىشىلەر، مەسىلەن: يېقىن ئارىلىقتا خىزمەت قىلىش ياكى بىر سىنىپ ۋە ياكى بىر ئۆيدە ياشاش، ياكى يىغىلىپ تاماق يېيىش، يىغىلىش قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەنلەر؛ 2. دىياگنوز قويغان - داۋالىغان، پەرۋىش قىلغان، ئاغرىقلارنى يوقلىغان تېببىي خادىملار، ئاغرىقنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ياكى باشقا ئوخشاش تۈردىكى يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقان كىشىلەر، مەسىلەن: يېپىق مۇھىتتا ئاغرىقنى يوقلىغان ياكى تۇرۇپ قالغان، بىر كېسەلخانىدىكى باشقا ئاغرىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان كىشىلەر؛ 3. بىر قاتناش قورالىغا ئولتۇرغان ھەم يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقان كىشىلەر، جۈملىدىن قاتناش قورالىدىكى ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى پەرۋىش خادىملىرى، ھەمراھ بولغان كىشىلەر (ئائىلىسىدىكىلەر، خىزمەتداشلىرى، دوستلىرى قاتارلىقلار)، ياكى تەكشۈرۈپ باھالىغاندىن كېيىن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىش ئېھتىمالى بولغان ئاغرىق مىسالى (گۇمانىي ئاغرىق مىسالى، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى) ۋە يۇقۇملانغۇچىلار (يېنىك ئاغرىق مىسالى، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار) بايقالغان باشقا يولۇچىلار ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرى خادىملىرى؛ 4. نەق مەيداندا تەكشۈرگۈچى خادىملار تەكشۈرگەندىن كېيىن، باھالاش ئارقىلىق، ئەھۋالى باشقا قويۇق ئۇچراشقۇچىلار بىلەن ئۇچراشقانلارغا ماس كېلىدۇ، دەپ قارالغان كىشىلەر.

مۇتەخەسسىسنىڭ قارىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە، قويۇق ئۇچراشقانلارنى ئايرىۋېتىش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، يوشۇرۇن مەزگىلدىكى بەزى يۇقۇملانغۇچىلار، يوشۇرۇن يۇقۇملانغۇچىلار، يېنىك دەرىجىدە يۇقۇملانغۇچىلار بەلكىم ئۆزىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن ھەم روشەن كېسەللىك ئالامىتىمۇ كۆرۈلمەيدىكەن، ئەگەر ئايرىۋېتىلمىسە، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە خىزمەتداشلىرىغا يۇقتۇرىدىكەن، ھەتتا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تارقىلىدىكەن.

نى مىڭجيەن مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: يۇقۇم ئالدىدا، بىز ھەم تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، شۇنداقلا مەسئۇلىيەت ئورتاق گەۋدىسى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن ھەممە ئادەم ئاسان يۇقۇملىنىدۇ، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنى پەرق ئېتىش قىيىن، ھەربىر مەسئۇلىيەتچان، مېھرىبان پۇقرا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش زەنجىرىدىكى بىر ھالقا. كۆپچىلىك سىرتقا چىقىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتسىلا، ئايرىۋېتىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ يىغىلىشىنى ئازايتىپ، تارقىلىش خەۋپىنى ئازايتقاندىلا، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى زور دەرىجىدە توسۇپ قالغىلى بولىدۇ، بۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوللىغانلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى