تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«ئىتتىپاقلىق تۆمۈر، ئىتتىپاقلىق پولات، ئىتتىپاقلىق كۈچ. ئىتتىپاقلىق جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىشى، ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى.» ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان،تىزگىنلەيدىغان كەسكىن كۈرەش بۇ يەكۈننى چوڭقۇر دەلىللىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا چىڭ تايىنىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ - داۋالاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللاندۇق، بىزنىڭ بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا تولۇق ئىشەنچىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار.» يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشكە قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىزنى تۈپ سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى بېجىرىش سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىنى جىددىي تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشىمىزدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. دېھقانلار كالېندارى بويىچە يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى مەخسۇس ئاڭلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قايتا تەتقىق قىلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، قايتا سەپەرۋەر قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلدى، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خۇبېي قاتارلىق يۇقۇم ئېغىر جايلارغا يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئالاقىدار جايلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولدى. بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشتىن تارتىپ، ئاممىنى كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىش، ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىنى مۇجەسسەملەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش - ئامما تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىشقىچە، يەنە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى ھازىرقى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشقا تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىشقىچە بولغان جەرياندا پارتىيە بايرىقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىتىش، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ ئىشلارنى بېجىرىشتىن ئىبارەت تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

جۇڭگو خەلقى ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھىغا ئىگە خەلق. يۇقۇم كىشىلەرنى بوشلۇق جەھەتتە ئارىلىق ساقلاشقا مەجبۇر قىلدى، ئەمما قەلبلەر تېخىمۇ يېقىنلاشتى. بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەشتە، قەيەردە يۇقۇم بولسا، قەيەردە قىيىنچىلىق كۆپ بولسا، شۇ يەرگە ھەر تەرەپ ياردەم بەردى، ھەممە قوللىدى. تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ قىلچە ئىككىلەنمەي سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشىدىن تارتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشىغىچە؛ خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرىنىڭ بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، يەرلىكنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىگە پائال ياردەم بېرىشىدىن تارتىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىگىچە؛ ئاساسىي قاتلامدا ئامما ئالدىنى ئېلىش - ئامما تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىشتىن تارتىپ، قاتناش تىرانسپورت، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كاپالىتى، بازار تەمىناتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بۇرچ - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە قۇدرەتلىك ئارقا تىرەك بەرپا قىلىشىغىچە، يەنە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بەس - بەستە پۇل، ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىشىغىچە ... جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى شەكىللەندۈردى. بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، بىز تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆز ئىش ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، غەلىبە قىلىش ئۈچۈن بىرىكمە كۈچ توپلاپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

«ھەممە تەڭ كۈچ چىقارسا، جاھاندا تەڭدىشى بولمايدۇ.» 1998 - يىلىدىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇشتىن تارتىپ، 2003 - يىلىدىكى سارسقا تاقابىل تۇرۇشقىچە، يەنە 2008 - يىلىدىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقىچە بولغان ھەر قېتىملىق ئۇلۇغ كۈرەشلەر بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى: خىرىسقا قانچىكى دۇچ كەلگەنسېرى، ئىتتىپاقلىقنىڭ كۈچىگە شۇنچە موھتاج بولىمىز؛ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش قانچىكى مۇشەققەتلىك بولغانسېرى، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇدرىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا شۇنچە موھتاج بولىمىز. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلساقلا، جۇڭگو خەلقى يېڭەلمەيدىغان قىيىنچىلىق يوق، ئاشالمايدىغان داۋان يوق. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا بىزنىڭ ئىشەنچىمىز بار، بىزنىڭ ئىقتىدارىمىز بار!

(2 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى