تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ئەزىمەتلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرەيلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ھەربىر مەيدان پەۋقۇلئاددە جەڭ بىر تۈركۈم باتۇر جەڭچىلەرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ؛ ھەربىر قېتىملىق ھايات - ماماتلىق ئېلىشىشتا بىر تۈركۈم قورقماس ئەزىمەتلەر مەيدانغا كېلىدۇ.

يېقىندا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تېببىي خادىملار ۋە يولداشلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، «تېببىي خادىملارنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە خىزمىتىنى كۈچەيتىش»نى تەكىتلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقىتىپ مۇنۇلارنى ئېنىق تەلەپ قىلدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ۋە تېببىي خادىملارغا غەمخورلۇق قىلىپ، كۆيۈنۈپ، ئەمەلىي، سەمىمىي، جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە تېببىي خادىملارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىش كېرەك.» پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ئەزىمەتلەرنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىشىگە ئىلھام بەردى ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى.

«دۆلەتتە جەڭ بولسا، چاقىرغان ھامان كېلىمىز، جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلىمىز!» يۇقۇم ئالدىدا، كەڭ تېببىي خادىملار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، «ئەڭ گۈزەل قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچى»لەرنىڭ سىيماسىنى قالدۇردى؛ ھەرقايسى جايلاردىكى ياردەم بېرىدىغان داۋالاش ئەترەتلىرى جىددىي يىغىلىپ، چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى كېچىسى ۋۇخەنگە قاراپ يولغا چىقتى. بۇ كۈنلەردە، ماسكا بوغۇپ زەخىملەنگەن يۈزلەر، تەردىن ئاقىرىپ كەتكەن قوللار، ئوپېراتسىيە بۆلۈمى سىرتىدىكى داق يەردىلا ئۇيقۇغا كەتكەن سىيمالار... تېببىي خادىملار ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، ۋىرۇس بىلەن ئېلىشىپ، ۋىرۇس ئالدىدا قاتمۇقات ساغلاملىق مۇداپىئە سېپىنى قۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا نېمىنىڭ ئاق خالاتلىق جەڭچىلەرنىڭ قورقماس، چىدامچان، ئۆزىنى بېغىشلاش ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

«دوختۇرخانىنى ئىمكان بار بالدۇر پۈتتۈرۈپ، ئاغرىقلارنى تېزرەك ياتقۇزۇش كېرەك!» ۋۇخەن خوشېنشەن دوختۇرخانىسى، لېيشېنشەن دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئىش ئورنىدا، 100دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ماشىنىسى كېچە - كۈندۈز گۈركىرەپ، 1000دىن ئارتۇق ئىشچى كېچە - كۈندۈز توختىماي جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى. «بىز خادىملارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا ئاتلىنىشقا تەشكىللەپ، تېخىمۇ كۆپ تېببىي خادىملارغا تېزرەك <جەڭ كىيىمى> كىيگۈزۈشكە ئىمكانىيەت يارىتىۋاتىمىز!» يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيا تەمىناتى جىددىي بولۇۋاتقان ئەھۋالغا قارىتا، ھەرقايسى جايلاردىكى ئالاقىدار كارخانىلار بىرىنچى ۋاقىتتا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئىشلەپچىقىرىپ، ماددىي ئەشيا تەمىناتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. «ئىلمىي ماقالىنى ۋەتەننىڭ بىپايان زېمىنىغا يازايلى!» كېسەللىكنى ھۇجۇم بىلەن يېڭىش ئۈچۈن، زور بىر تۈركۈم پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە پائال ئاتلىنىپ، «ئۇرۇش ۋاقتىدىكى ھالەت» بويىچە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتتى...

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئىس - تۈتەكسىز جەڭدە، تېببىي خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى خىزمەتچىلەر كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇپ، يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ھاياتلىق قەسىدىسىنى پۈتتى. ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ماددىي ئەشيا كاپالىتى، قاتناش باشقۇرۇش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش... يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ھەربىر سېپىدە، ھەممەيلەن كەسىپنى قەدىرلەپ ئىش ئورنىنى چىڭ ساقلاپ، ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشماقتا. بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ئەزىمەتلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز! سىلەر جاپا چەكتىڭلار! سىلەر يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر! سىلەرنىڭ جىسمىڭلاردا ئۇلۇغ مىللىي روھ ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى جانلىق گەۋدىلەنمەكتە؛ سىلەرنىڭ ھەرىكىتىڭلار بىزنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىگە تېخىمۇ ئىگە قىلدى!

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ئەزىمەتلەرگە بىلدۈرۈلگەن ئەڭ ياخشى ئېھتىرام دەل ئۇلار بىلەن قەلبداش بولۇش، بىللە بولۇش، ئۇلار ئويلىغاننى ئويلاپ، ئۇلار ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئۇلارنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى بولۇشتۇر. مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، ئېھتىياجلىق نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئارقا سەپ كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. تېببىي خادىملارنىڭ سالامەتلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇداپىئەسى ۋە نۆۋەت ئالمىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي بېسىمىنى يېنىكلىتىش كېرەك. ئىش ھەققى تەمىناتى، ئەمگەك كاپالىتى، جىسمانىي سۇغۇرتا قاتارلىق جەھەتلەردە، ئۇلارنى ئەڭ ئەلا مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش، ئۇلارنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىش كېرەك. بىز ھەربىر ئادەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە، ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ، يېنىمىزدىن باشلاپ، بىرىنچى سەپنىڭ قۇتقۇزۇش - داۋالاش بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

«مەن سېنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭنى بىلمەيمەن، لېكىن سېنىڭ كىم ئۈچۈن ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن.» يېقىندا، بۇ ناخشا تېكىستى كەڭ تارقىلىپ، نۇرغۇن تورداش بۇ ئارقىلىق بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ئەزىمەتلەرگە ئېھتىرام بىلدۈردى. ۋىرۇس رەھىمسىز بولسىمۇ، كىشىلەر ئارىسىدا مۇھەببەت بار؛ جاسارەتلىك، قەتئىي بولغاندىلا، ھەرقانداق جەڭدە غالىب كېلەلەيمىز. بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە جۇڭگو چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ! جۇڭگو خەلقى چوقۇم غەلىبە قىلالايدۇ!

(خەلق گېزىتىنىڭ 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى