تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بۇ مەيدان جەڭدە، بىز جەزمەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز!»

شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى −

«بۇ مەيدان جەڭدە، بىز جەزمەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز!»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن

2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش - داۋالاش ئەترىتىنىڭ ۋۇخەنگە يېتىپ بارغان 6 - كۈنى، 142 كىشىدىن تەركىب تاپقان داۋالاش ئەترىتى تۆت كۈننىڭ ئالدىدا يېڭى ۋەزىپىنى باشلىدى − يۇقۇم ئېھتىياجى سەۋەبلىك بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇپ داۋالاش دوختۇرخانىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلغان ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىي دوختۇرخانىسىغا ئومۇميۈزلۈك كىرىپ، بۇ دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملار بىلەن بىللە يېڭى تىپتىكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنى قۇتقۇزدى - داۋالىدى. مۇخبىر شۇ كۈنى شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئالاقىلەشكۈچىسى، داۋالاش ئەترىتى ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشۋىقات ھەيئىتى خۇاڭ لياڭ بىلەن ئۈندىداردا يەنە بىر قېتىم سىنلىق سۆزلىشىپ، ئۇ سۆزلەپ بەرگەن بۇ بىرقانچە كۈنلۈك «ئالدىنقى سەپ جەڭ خەۋىرى»نى ئاڭلىدى.

خۇاڭ لياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئەۋەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمى، نەپەس بۆلۈمى، يۇقۇم بۆلۈمىدىكى تېببىي خادىملار بولغانلىقتىن، دوختۇرخانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دەل ۋاقتىدا جانغا ئەسقاتقاندەك ئىش بولدى. 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن باشلاپ كېسەل كۆرگەندىن بۇيان، تېببىي خادىملارنىڭ خىزمەت سىجىللىقى ئىنتايىن چوڭ بولدى. بولۇپمۇ پەرۋىش خادىملىرى ئايرىش كىيىمى، قېلىن مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، كۆزنى قوغداش ئەينىكى، يۈزنى قوغداش توسۇقى تاقاپ، ھەر كۈنى كېسەلخانىدا ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ ئالتە سائەت خىزمەت قىلدى، بۇ مەزگىلدە پەرۋىش خادىملىرى تاماق يېمىدى، سۇ ئىچمىدى، ئاساسىي جەھەتتىن جىسمانىي كۈچى ئېغىر دەرىجىدە خورىغان ئەھۋالدا خىزمىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى. ئاغرىقلارغا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى چۈشۈرۈپ بېرىش، دورا بېرىش، ئوكۇل سېلىش، قان ئېلىش قاتارلىقلاردىن باشقا، يەنە تاماق يېگۈزۈش، سۇ ئىچۈرۈش، ھەتتا چوڭ - كىچىك تەرىتىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق كۈندىلىك پەرۋىشنىمۇ پەرۋىش خادىملىرى تاماملىدى.

«خىزمەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەربىر ئادەمنىڭ ئىچىگە كىيگەن كىيىملىرىنىڭ ھەممىسى ھۆل بولۇپ كېتىدۇ» دېدى داۋالاش ئەترىتىدىكى سېسترا سەي رۇڭ. مۇخبىر سائەت 21دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە سەي رۇڭغا تېلېفون قىلدى، سائەت 8دە ئىش ئورنىغا چىققان ئۇ ئەمدىلا خىزمىتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، تۇرۇۋاتقان جايىغا قايتىدىغان ئاپتوبۇستا ئىدى. 43 ياشلىق سەي رۇڭ كەچلىك ئىسمېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان بولۇپ، ئۇ باشقا سېسترالارنىڭ خىزمىتىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن بارلىق ئاغرىقلارغا قالدۇرما ئوكۇل يىڭنىسى سانجىپ قوياتتى.

«راستىنى دېسەم، مەن ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندە ناھايىتى ھارغىنلىق ھېس قىلىمەن، تاماقمۇ يېگۈم كەلمەيدۇ، بىر ئىستاكان قايناق سۇلا ئىچىمەن. ھېلىمۇ ياخشى تۇرۇشلۇق جايىمىزدا، داۋالاش ئەترىتى بىزگە توك ئەدىيال ئېلىپ بەردى، يوتقانغا كىرسەك ئىسسىق، ئۆيدىكىلەر بىلەن تېلېفونلىشىپ، تىنچ - ئامانلىقىمىزنى يەتكۈزىمىز...» سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، سەي رۇڭ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. ئەمدى ئۇ جەزمەن دەرھال ئۇخلاپ، جىسمانىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك ئىدى. چۈنكى ئۇ ئىككىنچى كۈنى سەھەر سائەت 6دە ئورنىدىن تۇرۇپ، سائەت 8دە خىزمىتىنى باشلىشى كېرەك.

بۇ ئىككى كۈنلۈك خىزمەت داۋامىدا تېببىي خادىملارنىڭ چېچىنىڭ بۆك ۋە مۇداپىئە كىيىمى بىلەن چىڭ ئورالمىغانلىقى بايقالدى، ئۆزىنى ياخشى مۇداپىئە قىلىش ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، داۋالاش ئەترىتىدىكى نۇرغۇن ئايال تېببىي خادىم چىرايلىق ئۇزۇن چاچلىرىنى كېسىۋەتتى.

داۋالاش ئەترىتى ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى بۇ بىر نەچچە كۈندە 32 پارچە پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى تاپشۇرۇۋالدى... خۇاڭ لياڭ چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «تېببىي خادىملار ئوخشاش بولمىغان دوختۇرخانىلاردىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىرادىسى ئىنتايىن قەتئىي، پۈتۈنلەي <شىنجاڭلىق ئوغۇل بالا> دەپ ئاتاشقا ئەرزىيدۇ».

2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سائەت 8گىچە، بۇ دوختۇرخانا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان جەمئىي 252 يۇقۇملانغان ئاغرىقنى قوبۇل قىلىپ داۋالىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 30ى ئېغىر ئاغرىق، 17سى خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىق بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋالاپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشلىدى.

«جەڭچىلەرنى جەڭ مەيدانىغا ئوقسىز ئەۋەتىشكە بولمايدۇ.» خۇاڭ لياڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ۋۇخەننىڭ ئۆزىدە مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پائال غەملىدى، توپلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى، نۆۋەتتە ئۇلار ئارقا - ئارقىدىن تۈرلۈك مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى تاپشۇرۇۋالدى.

شۇ كۈنى داۋالاش ئەترىتىدىكى دوختۇر يۈەن لىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىپ تۇرۇۋاتقان جايىغا قايتىپ كەلگەن ئۇ، ئىشىكتىن كىرىپلا كۆپچىلىك تەييارلىغان تۇغۇلغان كۈن تورتى ۋە ئۈستىگە ئالتۇن سېرىق رەڭلىك تۇخۇم پوشكىلى سېلىنغان بىر قاچا ئۇزاق ئۆمۈر ئېشىنى كۆردى، يەنە سەپداشلىرىنىڭ بەخت تىلەشلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى.

پەقەت ئالدىنقى سەپتىكىلەرلا بەخت تىلەپ قالماي، 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئەتىگەندىلا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5 - دوختۇرخانىنىڭ ئىچكى ئاجراتما كېسەللىرى بۆلۈمىدىكى خىزمەتداشلىرى توپتا ئۇنىڭغا بەخت تىلىدى. يۈەن لىنىڭ ئېرىمۇ سىنلىق پاراڭلاشقاندا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «بىز پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر سىزدىن پەخىرلىنىمىز، ۋۇخەندە ئۆزىڭىزنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىڭ، ئۆزىڭىزنى ئوبدان ئاسراڭ، مەن ۋە بالىمىز سىزنىڭ سالامەت قايتىپ كېلىشىڭىزنى ساقلايمىز!» يۈەن لى كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا يۈكسەك جەڭگىۋارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «بۇ مەيدان جەڭدە، بىز جەزمەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز! زەپەر قۇچۇپ قايتىشىمىزنى كۈتۈڭلار».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى