تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە بايرىقىنى بىرىنچى سەپتە جەۋلان قىلدۇرۇش ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلماقتا

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى تولى يېزىسى بەيجيەنگوۋ كەنتىنىڭ كەنت كادىرلىرى بىلەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە دېزىنفېكسىيەلىدى. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، تولى يېزىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى)

بۇ، بىر مەيدان ئىس - تۈتەكسىز جەڭ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ياخشى ئىستىل، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتەك ھەرىكەت، ئىلمىي، ئېھتىياتچان پوزىتسىيە بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى. ھەر بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بىر قىپقىزىل بايراق بولۇپ، ئەڭ ئالدىدا ئاتاكىغا ئۆتۈپ، بىرىنچى سەپتە جەڭ قىلماقتا؛ ھەربىر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بىر مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان بولۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، يۇرت - ماكاننى قوغدىماقتا.

پارتىيە ئەزالىرى بىرىنچى سەپكە ئاتلاندى جەڭگە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ چېكىنمىدى

«مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن تىزىملىتىمەن!» «مەن سارسقا تاقابىل تۇرۇشقا قاتناشقان، تەجرىبەم بار، ئالدى بىلەن مېنى ئويلىشىڭلار!» «پارتىيە مېنى تەربىيەلىدى، ھازىر دەل مېنىڭ ئاتاكىغا ئۆتىدىغان ۋاقتىم، مەن بىرىنچى سەپكە بارىمەن!»... «مەن تىزىملىتىمەن» دېگەن بىر جۈملە سۆز قىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ ئىللىق سۆزگە ئايلاندى، شۇنداقلا كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەڭ جاراڭلىق قەسىمى بولۇپ قالدى.

ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش باش پونكىتى يولۇچىلارنى تەكشۈرۈش 2 - بۆلمىسى پارتىيە ياچېيكىسى پۇختا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېزلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاپ، ھەربىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى تولۇق قوزغاتتى.

يولۇچىلارنى تەكشۈرۈش 2 - بۆلمىسىدە ھازىر 199 خىزمەتچى بار. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، 20 پارتىيە ئەزاسى، بىر كاندىدات پارتىيە ئەزاسى ئىلگىرى - كېيىن تەلەپنامە تاپشۇرۇپ، يۇقۇم نەدە بولسا شۇ جايدا جەڭ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى! جېڭ ياڭ، جوۋ يىنچى قاتارلىق يولداشلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، دەم ئېلىشتىن ۋاز كېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى. تۆت نەپەر پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپى بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىش ئىرادىسىنى ئىدىيەۋى دوكلاتىغا يېزىپ، پارتىيە تەشكىلاتىغا تاپشۇردى؛ 60تىن ئارتۇق ئىتتىپاق ئەزاسى، ياش بەس - بەستە پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى تاپشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى قۇردى.

شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5 - دوختۇرخانىدا، جىددىي كېسەللەر بۆلۈمى، يۇقۇم بۆلۈمىدىكى تېببىي خادىملار ئۇدا نەچچە كۈن جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى. ئىككى بۆلۈم، ئىشخانىدىن تەركىب تاپقان پارتىيە ياچېيكىسىدا ئون پارتىيە ئەزاسى بار. پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، جىددىي كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خۇ يى مۇنداق دېدى: «ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىز. پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ھەربىر تېببىي خادىمنىڭ كۈرەش ئىرادىسى ئۈستۈن».

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى بىرىنچى ۋاقىتتا «قىزىل سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى» چىقاردى، 24 پارتىيە ئەزاسى چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ «جەڭگە بېرىش»نى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلدى. ئامبۇلاتورىيەدە، كېسەلخانىلاردا چاقناپ تۇرغان پارتىيە گېربى ئاق خالاتقا ياراشقان بولۇپ كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.

«يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشى ھەم پارتىيەلىك كادىرلارغا بولغان بىر قېتىملىق كەسكىن سىناق، ھەم بىر مەيدان چوڭقۇر پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىش.» سانجى ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋېن جىڭشۈەن مۇنداق دېدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، بۇ دوختۇرخانا سانجى ئوبلاستىدىكى بىردىنبىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ داۋالايدىغان بەلگىلەنگەن دوختۇرخانا قىلىپ بېكىتىلدى. دوختۇرخانا پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى پارتىيە ئەزالىرىغا ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىرىنچى سۈرئەت، بىرىنچى سالماق، بىرىنچى ئېنىقلىق دەرىجىسى بىلەن ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تەشەببۇسىنى چىقاردى. ھازىرغىچە، ئالدىن تەكشۈرۈش - ئايرىپ دىياگنوز قويۇش، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى، قالدۇرۇپ كۆزىتىش كېسەلخانىسى ھەم بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا بېرىپ بىرىنچى سەپتە كېسەل كۆرۈش ھەم داۋالاش - قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان تېببىي خادىملار ھەم ئارقا سەپ كاپالىتى خادىملىرى جەمئىي 163 ئادەم قېتىم بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە پارتىيە ئەزالىرى 24 كىشى. ئۇلار ئەسلىي مەقسەتنى ھەرىكىتىدە ئىپادىلەپ، بۇرچنى ئىش ئورنىدا ئەمەلىيلەشتۈردى.

ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش «ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېمى»نى مۇستەھكەملەش

بىر ئۈلۈش ئورۇنلاشتۇرما، توققۇز ئۈلۈش ئەمەلىيلەشتۈرۈش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالدىغا ئۆتۈشتەك قورقماس روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.

خېجىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى بىرىنچى ۋاقىتتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پىدائىيلىرىنى قوبۇل قىلىش بۇيرۇقى چىقاردى، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى تارماقلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلار بەس - بەستە ئاۋاز قوشتى، 700دىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى. تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بىرتۇتاش تەقسىملىشى ئارقىسىدا، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 102 پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇلدى، ئۇلار بۆلۈنۈپ كەنت (مەھەللە)لەرگە ئاتلىنىپ، دائىرە بويىچە ھۆددىگە ئېلىش شەكلىنى قوللىنىپ، مەسئۇلىيەت رايونى قۇرۇپ، يۇقۇمغا ئالاقىدار خادىملارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى، تېلېفون، ئۈندىدار ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، كەنت (مەھەللە)لەرنىڭ دائىرە بويىچە باشقۇرۇش، سىرتتىن كەلگەنلەرنى تاللاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تىزىملاش، ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، كەنت (مەھەللە)لەردە ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلدى.

ئۈرۈمچى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى ئۈرۈمچى ۋوگزالى ساقچىخانىسى پارتىيە ياچېيكىسى تېزدىن ياش خەلق ساقچىلىرى «پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى» قۇردى. «پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى» يولۇچىلارغا جەمئىي 3000دىن ئارتۇق ماسكا، 40 مىڭدىن ئارتۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقاتتى، يولۇچىلاردىن 100دىن ئارتۇق ئادەم قېتىمغا ياردەم بەردى، 2400 يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى. «ئالاھىدە پەيتتە، پارتىيە ئەزالىرى خەتەردىن قورقماي، ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئالدىدا مېڭىپ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ چىڭ ساقلاپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىقى ئارقىلىق يولۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دېدى بۇ ساقچىخانا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جوۋ فېڭ.

1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى ئىلى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ئات فېرمىسى توك بىلەن تەمىنلەش ئورنىنىڭ باشلىقى جاڭ جو خىزمەتداشلىرى بىلەن يىغىلىپ قالغان قارنى دەسسىگىنىچە موڭغۇلكۈرە ناھىيە بازىرىغا 7.8 كىلومېتىر كېلىدىغان توغىلچىن كەنتىگە بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە توك ئىشلىتىش كەسپىنى ئۆيىگىچە بېرىپ بېجىرىپ بەردى. «ياش پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئالدىدا مېڭىشىم كېرەك» دېدى جاڭ جو. ئۇ ھەم دۆلەت ئېلېكتىر تورى «تىيانشان قار لەيلىسى» ئىلى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، دۆلەت ئېلېكتىر تورى «تىيانشان قار لەيلىسى» ئىلى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى 400دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شۆبە ئەترەت تەشكىللەپ، دوختۇرخانا، مەھەللە، يېزا - كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش، تەكشۈرۈش - رېمونت قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق بىرىنچى سەپ ئىش ئورۇنلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى «تىيانشان قار لەيلىسى» ئىلى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى ئاممىنى جەمئىي 480 ئائىلە قېتىمدىن ئارتۇق ئۆيىگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش بىلەن تەمىنلىدى، ئاممىنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسىدىن 61نى ھەل قىلدى، ئېلېكتىر تورى لىنىيەسىنى 650 قېتىمدىن ئارتۇق كۆزەتتى.

ياخشى سىرداش بولۇش ئۇيۇشۇش كۈچىنى كۈچەيتىش

ھەر مىللەت ئاممىغا چىڭ تايانغاندىلا، ئاندىن بۇ مەيدان ئىس - تۈتەكسىز جەڭدە غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار ئاممىنى كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى تەشكىللەپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ھەم بىرىنچى سەپتە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئۇچتۇرپان بازىرىنىڭ ئىتتىپاق مەھەللىسىدە، مەھەللىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە پارتىيەلىك پىدائىيلار «پارتىيەلىك نەمۇنىچىلار يېتەكلەش سۇپىسى»دا ئاممىنىڭ گۇمانىنى تۈگىتىپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىپ، دىجورنىلىق قىلىپ تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇپ، يۇقۇمنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى. مەھەللە ئاھالىلىرى مۇنداق دېدى: مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى خۇددى ماگنىتقا ئوخشاش ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوشۇنىغا كىرگەن ئامما بارغانسېرى كۆپىيىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچى بارغانسېرى ئاشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، پارتىيە ئەزالىرى باشقا ئەترەت ئەزالىرىنى يېتەكلەپ ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۆزىتىپ ئۆلچەپ، ئالدىنى ئېلىش - مۇداپىئە كۆرۈش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە پائال ئاتلاندى.

دۆلەت باج باش ئىدارىسى قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونلۇق باج ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى گاۋ شۇ مۇنداق دېدى: چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىدىن باشلاپ، بۇ ئىدارە باج كادىرلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللىگە ياردەملىشىپ ئاھالىلەرگە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، خادىملار، ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىقلارنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

«كۆپچىلىك قانداق تۇرمۇش بۇيۇملىرى، دورىغا ئېھتىياجلىق بولساڭلار ئۈندىدار توپىغا يوللاڭلار، بۇيۇملارنى سېتىۋالغاندىن كېيىن مەھەللە كادىرلىرى ھەربىر ئائىلىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.» 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، توقسۇن ناھىيەسى توقسۇن بازىرى تيەنچۈەن مەھەللىسى مىڭجۇ جيايۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئۆي ئىگىلىرى ئۈندىدار توپىدا مەھەللە كادىرى غۇنچىخان روزىئېلى بۇ ئۇچۇرنى يوللىدى.

بۇنداق ھەرىكەت تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەرقايسى يېزا - بازار، مەھەللىلەردە قانات يايدۇرۇلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى لىيۈشەن تەۋەلىك رايونى فۇيوۋ يولى مەھەللىسىنىڭ مۇدىرى چېن لياڭ مۇنداق دېدى: بىز توردا ساغلاملىق - يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق توققۇز ئۈندىدار توپى قۇرۇپ، مەھەللە تاللا بازىرى، ئاشلىق - ياغ دۇكىنى، كۆكتات دۇكىنى قاتارلىق سودا تور نۇقتىلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئېلان قىلدۇق. سودىگەرلەر مالنى مەھەللىگە ئاپىرىپ بەرگەندىن كېيىن، بىزنىڭ پارتىيە ئەزالىرىمىز باشلامچى بولۇپ، ھەرقايسى ئولتۇراق رايونلارنىڭ مۈلۈك باشقۇرغۇچىلىرىنى ماسلىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ماددىي ئەشيالارنى ۋاقتىدا ئاھالىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە ئاپىرىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بەردى.

چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جاغىستاي بازىرى ئاقيار كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ئادىل سەيدۇللام بۇ كۈنلەردە بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ پارتىيە ئەزالىرىنى باشلاپ تېلېفوندا ئالاقىلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاممىنى ئۆز - ئۆزىنى ياخشى مۇداپىئە قىلىشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى. «مەن پارتىيە ئەزاسى، بۇنداق چاغدا ئەڭ ئالدىدا مېڭىشىم كېرەك، ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى ياخشى قوغداش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم» دېدى ئۇ.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، ما يىنىڭ، چاۋ جىن، لۇ فېڭباۋ، مېھرىگۈل ناسىر، لى شىڭ، گې يوۋجۈن، جاۋ يۆ، جاڭ جىلى، جاڭ رۇيلىن، چېن چاڭۋېي، جەزىرە نېسىپبېك، سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋاڭ ۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار مېھرىگۈل، تاڭ يۈ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى