تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە بەدەل پۇلىنى جىددىي ئاجراتتى

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللىدى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا ۋاكالىتەن باشقۇرۇۋاتقان پارتىيە بەدەل پۇلىدىن مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى چۈشۈرۈپ بەرگەن پارتىيە بەدەل پۇلى بىلەن قوشۇپ، جەمئىي 4 مىليون 700 مىڭ يۈەننى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە مەدەت بېرىش، ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاجراتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ كومپارتىيە ئەزالىرىدىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىپ تۇتۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۈلگىلىك رولى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كەسكىن جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى