تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يۇقۇم»غا قارشى جەڭدىكى ئاشۇ تەسىرلىك ھېكايىلەر

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئۇلار ھەممە ئائىلىلەر جەم بولىدىغان پەيتتە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئىنتايىن قەيسەرلىك بىلەن چىڭ تۇرۇپ، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان كىشىلەرگە ئەڭ ئىللىق يۆلەك بولدى؛ ئۇلار يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، «قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچى»لەردەك قورقماس قىياپەت بىلەن قەھرىتان سوغۇق شامالدا ئەڭ قىممەتلىك مۇھەببىتىنى يەتكۈزمەكتە.

ئەر - خوتۇن تېببىي خادىملار:

مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىش

بۇ مەيدان ئومۇمىي خەلق سەپەرۋەر قىلىنغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە، تېببىي خادىملار ئېنىقكى ئاساسىي قوشۇن. شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا يۇقۇملۇق كېسەللىك 1 - بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تاڭ لى 12 ياشلىق ئوغلىنى ئۆيىگە قالدۇرۇپ قويۇپ، دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىدە خىزمەت قىلىدىغان ئېرى ياڭ شىنۋېن بىلەن ئۇدا ئون نەچچە كۈن جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئۇلار ئىناق ئەر - خوتۇن، شۇنداقلا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىۋاتقان سەپداشلار.

يۇقۇملۇق كېسەللىك بۆلۈمىدە ئۇچرىشىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى قالدۇرۇپ كۆزىتىلىدىغانلار بولۇپ، گۇمانلىق كېسەللىك مىسالى بايقالغان ھامان دەرھال پۈتۈن دوختۇرخانا بويىچە كوللېكتىپ جىددىي دىياگنوز قويۇشقا قاتنىشىشقا توغرا كېلىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، تاڭ لىنىڭ ئانىسى ھەر كۈنى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭغا چوقۇم مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىشنى تاپىلىدى، يەنە دائىم ئەندىشە قىلىپ: دوختۇرخانىنىڭ مۇداپىئە كىيىمى يېتەرلىكمۇ؟ دەپ سۈرۈشتۈردى. «بارلىق كۈچ بىلەن بىرىنچى سەپ كاپالەتلەندۈرۈلۈۋاتسا، مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى يېتىشمەي قالاتتىمۇ؟ ئەنسىرىمەڭ، مەن بۇ يەردە ياخشى تۇرۇۋاتىمەن، سىزمۇ ھەم شۇ، يېقىنقى مەزگىلدە سىرتقا چىقماڭ، ھە...» تاڭ لى كۆزىگە لىق ياش ئېلىپ: «قانچىلىغان چاغاندا ئاتا - ئانامنىڭ يېنىغا بېرىپ ھەمراھ بولالمىغانلىقىم ئېسىمدە يوق» دېدى.

گەرچە بىر دوختۇرخانىدا ئىشلىسىمۇ، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ كۆرۈشۈش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز. ھەر قېتىم جىددىي داۋالايدىغان ئاغرىقلار ئېلىپ كېلىنگەندە، مۇداپىئە ماسكىسى تاقىۋالغان تاڭ لى دائىم ئالدىراش - تېنەشلا ئېرىگە: «سىلەر كۆزنەكتە تۇرىسىلەر، مۇداپىئەگە بەك دىققەت قىلىڭ» دەپ تاپىلاپ قويۇپ، ئارقىدىن ھەرقايسىسى ئالدىراش ئۆز ئىشىغا يۈرۈپ كېتىدۇ...

بۇ بىر مەيدان كەسكىن سىناق، لېكىن ئۇلارنىڭ شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشەنچىسىمۇ تولۇپ تاشقان. «دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ بۇنداق قاتتىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئورۇنلاشتۇرمىسى بولغان ئىكەن، بىز چوقۇم قەھرىتان قىشتىن ئۆتەلەيمىز، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايمىز» دېدى تاڭ لى.

يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قاتناش ساقچىلىرى:

ئۇدا 50 نەچچە سائەت خىزمەت قىلىش

بۇ بىرنەچچە كۈن قايتىدىغان يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسى، 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك يول تارماق ئەترىتى ئۇلانباي چوڭ ئەترىتى قارىمىقىدىكى رايونغا كىردى، ئۇلانباي چوڭ ئەترىتى ئۆزىنى ياخشى مۇداپىئە قىلىش بىلەن بىللە، مەخسۇس ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى باشلىدى.

ئۇزۇن يول يۈرگەچكە، بەزى ئاپتوموبىللاردا ماي ۋە يېمەكلىك يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەنىدى. ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك يول تارماق ئەترىتى ئۇلانباي چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى سەي ۋېي ۋە خىزمەتداشلىرى ئىككى ماي قاچىلاش ئاپتوموبىلى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ماي قاچىسى سەپلەپ، ئېھتىياجلىق ئاپتوموبىللارنى ماي قاچىلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

«چاغاندىن بۇرۇن، چوڭ ئەترەت 1 - ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ ئاشخانىسى نان، موما ۋە تۇخۇم سېتىۋالغانىدى، بىز بارلىق يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ چىقىپ، يېمەكلىكى يېتىشمىگەن ئاپتوموبىللارغا يەتكۈزۈپ بەردۇق. يۇقىرى دەرىجىلىك يول تارماق ئەترىتىمۇ 30دىن ئارتۇق ساقچى كۈچىنى يۆتكەپ كېلىپ، مەخسۇس ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ياردەم بەردى، يەنە ئاممىغا مىنېرال سۇ ۋە يېمەكلىك ئەكېلىپ بەردى» دېدى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى مەخسۇس ۋەزىپىنى ئاخىرلاشتۇرغان سەي ۋېي ئەسلەپ.

شوپۇر ۋە يولۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە ئامان - ئېسەن قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خەلق ساقچىلىرى ساقچى ئاپتوموبىلى ئارقىلىق كۈچ ئۇلاپ يول باشلاش شەكلىدە قاتناشنىڭ راۋانلىقىنى قوغدىدى.

«بىزنىڭ چوڭ ئەترىتىمىزدە 21 پارتىيە ئەزاسى بار، ئۇلار بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، ئۇدا 30 نەچچە سائەت يول باشلاپ ئاندىن ئازراق دەم ئالدى» سەي ۋېي ۋە خىزمەتداشلىرى يولدا ئۇدا 50 سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلىش رېكورتىنى ياراتتى. كۆپچىلىكنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولغانلىقى ئۇنى ئەڭ تەسىرلەندۈردى.

«بەزى ئامما پەقەت يېرىم ئىستاكانلا قايناق سۇ ئالدى، بەزىلىرى يېمەكلىكنى رەت قىلدى، ئۇلار: تېخىمۇ ئېھتىياجلىق ئاپتوموبىللارغا ئېلىپ قويۇڭلار، دېدى. گەرچە كۆپچىلىك بەك چارچاپ كەتكەن بولساقمۇ، لېكىن قەلبىمىز ئاكتىپ كۈچ ۋە غەيرەتكە تولدى، پەقەت بىز ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولساقلا، ھېچقانداق قىيىنچىلىقنىڭ بىزنى يىقىتالمايدىغانلىقىغا، بۇ مەيدان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز!» دېدى سەي ۋېي.

مەھەللىدىكى «ئانا - بالا ئەسكەر»:

بىللە تاماق يېيىشمۇ تەس

بىر كىلوگىرام تۇخۇم، بىر كىلوگىرام ياڭيۇ... 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى سائەت 16دە، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى شىسەن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شىسەن شەرقىي كوچىسى شىمالىي مەھەللىسىدە، خىزمەتچى خادىم شەمسىيە ئادىل بىر تەرەپتىن ئاھالىلەرنىڭ تېلېفونىنى ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن خاتىرىلەۋاتاتتى. بۇ، ئۇ شۇ كۈنى تاپشۇرۇۋالغان ئىككىنچى زاكاز تالونى ئىدى.

شىسەن شەرقىي كوچىسى شىمالىي مەھەللىسىدىكى بىر جۈپ «ئانا - بالا ئەسكەر» بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەمسىيە ۋە ئانىسى شەمشىقەمەر مەمەت ئىزچىل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى. شەمسىيە ھۆددە كادىرى بولۇپ، 150 ئائىلىدىكى ئاھالىنى باشقۇرىدۇ ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىدۇ. بۇ بىرنەچچە كۈندە، مەھەللە دەرۋازىسىدا ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن باشقا، شەمسىيە يەنە «مال سەپلەش» يولىدا قاترىدى.

سىرتقا چىقىشى قولايسىز ياشانغانلار ۋە ئۆيىدە ئايرىپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شەمسىيە ۋە خىزمەتداشلىرى «ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى» بولدى. كۆكتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى، مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى... ئۇلار ھەر كۈنى نۇرغۇن «زاكاز تالونى» تاپشۇرۇۋالىدۇ. «ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ماسلىشىدۇ، مەيلى بىز كۈندە قانچە قېتىم تېلېفون قىلايلى، قانچە قېتىم ئىشىكىنى چېكەيلى، تېرىكىدىغان ياكى ئىشىكنى ئاچمايدىغانلار يوق» دېدى شەمسىيە.

ئانىسى شەمشىقەمەر چىماشەن ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدىكى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. «ھەر قېتىم يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇن يولۇچى <جاپا چەكتىڭىز> دەيدۇ، بۇنىڭدىن قەلبىم ئىللىپ قالىدۇ.» يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە جىددىي كىرىشكەندىن بۇيان، ئانا - بالا ئىككىسىنىڭ بىللە تاماق يېيىش پۇرسىتى ئىنتايىن ئازىيىپ كەتتى. «ئاپام ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدە نۆۋەتچىلىك قىلىدۇ، مەن كەچتە بەك كېيىن ئىشتىن چۈشىمەن. بىز كۈندە تېلېفون، ئۈندىداردا ئامانلىق سورىشىپ تۇرىمىز. بۇ مەيدان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلغاندا، مەن چوقۇم ئاپامغا ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپ بېرىمەن!» دېدى شەمسىيە.

(مۇخبىرلار جاۋ چۇنخۇا، چاۋ جىن، سۈي يۈنيەن، سۇ لۇپىڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى