تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاشنىڭ كىلىنىكىلىق تەرتىپى تۈزۈپ چىقىلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن): يۇقۇمنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاشنى ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇپ، كىلىنىكىدا داۋالاپ ساقايتىشتا تايىنىدىغان «يول» بولۇش كېرەك. 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تەشكىللىگەن شىنجاڭ بويىچە يىراق مۇساپىلىك تەربىيەلەش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاشنىڭ كىلىنىكىلىق تەرتىپى»(1.1 نۇسخىسى)نى تۈزۈپ چىقارغان، بۇ پۈتۈن شىنجاڭغا كېڭەيتىلىپ، ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يۇقۇمنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاشنى قېلىپلاشتۇرۇشى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.

«بۇ قېتىمقى مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى تۈزگەن كىلىنىكىلىق تەرتىپ ئاساسلىقى كەڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى 1-سەپكە قاتناشقان دوختۇرلارنىڭ ھەر خىل قىزىغان ئاغرىقلارنى قانداق قىلىپ ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىشنى تېز، توغرا ئېلىپ بېرىشىغا ھەمدە گۇمانلىق كېسەللىك مىسالىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئېنىق دىياگنوز قويۇشقا قارىتىلغان يېتەكچىلىك قىلىش ئۆلچىمى بولۇپ، بىرقەدەر كۈچلۈك ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ھەم مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق كىلىنىكىلىق تەرتىپ سۈپىتىنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لۇ چېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە، ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، جىددىي ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى ئورۇنلاشتۇردى، لېكىن يۇقۇم ئەھۋالى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەنلىكتىن، 1-سەپتىكى تېببىي خادىملار ماسكا، قوغدىنىش كىيىمىنى قانداق ئىشلىتىپ ئۆزىنى قوغداش، كېسەل رايونىدا ئايرىش، دېزىنفېكسىيە قىلىشنى قانداق ئېلىپ بېرىپ دوختۇرخانا ئىچىدە گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنى كونترول قىلىش، ئاغرىقلارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈش ياكى يۆتكەپ ئايرىشنىڭ ھەرىكەت تەرتىپىنى يەنە قانداق قېلىپلاشتۇرۇپ ئۆلچەملەشتۈرۈش قاتارلىقلار ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلىرىدا مۇكەممەللەشتۈرۈشنى كۈتمەكتە.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، داۋالاش خادىملىرى ۋە كېسەل كۆرسىتىدىغان ئاغرىقلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاغرىقلارنىڭ كېسىلىگە دىياگنوز قويۇش، يۆتكەش، ئايرىپ داۋالاش، دوختۇرخانا ئىچىدە يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، لۇ چېن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس يولى ۋە خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەر، يۇقۇملۇق كېسەل، پەرۋىش، كىلىنىكىلىق پىسخىكا قاتارلىق 10دىن ئارتۇق ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىگە باشلامچىلىق قىلىپ، ئىلگىرىكى SARSنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇپ داۋالاش تەجرىبىلىرى ئاساسىدا، يېقىندا دوختۇرخانىغا كېلىپ كېسەل كۆرسەتكەن قىزىغان ئاغرىقلارغا دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش تەجرىبىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىغا دىياگنوز قويۇش لايىھەسى (4-1 نۇسخىسى) ۋە كىلىنىكىلىق شاللاپ تەكشۈرۈش، سانلىق مەلۇمات تەكشۈرۈشكە ئاساسلىنىپ، تېزلىكتە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش كىلىنىكىلىق تەرتىپى»(1.1 نۇسخىسى)نى تۈزۈپ چىقتى.

1-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنى ئاساسىي يىغىن مەيدانى قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدىكى 132 داۋالاش ئاپپاراتىدا تارماق يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، داۋالاش ئاپپاراتلىرى تېخنىكىلىق دېزىنفېكسىيە قىلىش، دىياگنوز قويۇپ داۋالاش بويىچە كىلىنىكىلىق تەرتىپ، تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش ۋە تەجرىبىخانا تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تېخنىكىسىدىن ئىبارەت بەش جەھەتكە ئىنچىكە كەسپىي چۈشەنچە بېرىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلىرىنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى ۋە قېلىپلاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، شۇ كۈنى 2000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كىشى تەربىيەلەشكە قاتناشتى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق كىلىنىكىلىق تەرتىپ سۈپىتىنى كونترول قىلىش مەركىزى يەنە بۇ تەرتىپنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاشنىڭ قېلىپلىشىشىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن ھەمدە يىراق مۇساپىدە ماسلىشىش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-بىرلىشىپ تىزگىنلەش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ قارار-ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى