تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداپ، تېز ھەم قولاي ھەل قىلىش يولى» تەسىس قىلىندى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى دورىخانىنى تەكشۈرمەكتە.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دورا دۇكانلىرىدا ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى، فوتوسى) 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بازار تەرتىپىنى قوغداپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئالاقىدار تەلىپىگە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى تېز سۈرئەتتە «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاممىۋى سەھىيە 1-دەرىجىلىك جىددى تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى مەزگىلىدە ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى تېز بىر تەرەپ قىلىش يېتەكچى پىكرى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر»دېيىلىدۇ)نى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «پىكىر»گە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى بازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، ھەر قايسى رايون(ناھىيە)لىق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداپ، تېز ھەم قولاي ھەل قىلىش يولى» تەسىس قىلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، شەھەر باشلىقى قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق يىپ ئۇچلىرى مەخسۇسنى بېجىرىلىپ، شەھەرلىك ئىدارە، ئىشخانىلار ھەر كۈنى تۈرگە ئايرىيدۇ ھەمدە بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، ھەر قايسى رايون(ناھىيە)لىق ئىدارىلەر چوقۇم 24 سائەت ئىچىدە بېجىرىدۇ ھەمدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىدۇ. ھەر قايسى رايون(ناھىيە)لىق ئىدارىلەر ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن(شەھەرلىك ئىدارىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دەرھال بېجىرىشى كېرەك ھەمدە شۇ كۈنى سائەت 18:00دىن بۇرۇن شەھەرلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىشى كېرەك.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىستېمالچىلار ئەرز قىلىش-شىكايەتلىرىنى تېز بىر تەرەپ قىلىش دائىرىسى: (1) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئاممىۋى سەھىيە 1-دەرىجىلىك جىددى تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى مەزگىلىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى توردا ۋە تور سىرتىدا سودىلاشقان ئۈچ چوڭ تاۋار(ماددىي ئەشيا)، قاتناش، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى؛ (2) يۇقىرىقى تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ سودا پائالىيىتىدىكى «باھانى ئۆستۈرۈۋېلىش» قىلمىشى؛ يالغاننى راست قىلىپ كۆرسىتىش، ناچارنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىش قاتارلىق ساختا، ناچار تاۋارلارنى ياساپ سېتىش قىلمىشى؛ ساختا تەشۋىق قىلىش، چېتىپ سېتىش، بېلەت قايتۇرۇش قاتارلىقلارغا دائىر ئادىل بولمىغان سودا قىلمىشلىرى؛

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى تېز بىر تەرەپ قىلغاندا، ئەرز قىلغۇچى كىشى بىلەن ئالاقىلىشىپ نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئالدى بىلەن ئىستىمالچىنىڭ ئەرزىنى(قايتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش، تۆلەش) بىر تەرەپ قىلىش، ئاندىن تەرتىپ بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش(تۈزىتىشكە بۇيرۇش، دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، دېلونى ئۆتكۈزۈپ بېرىش). تىجارەتچىلەر ئەگەر قارشىلىشىپ بىر تەرەپ قىلىشنى رەت قىلسا، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش شەكلىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاشكارىلىنىدۇ ھەمدە نورمالسىزلىق تىزىملىكى قاتارىغا كىرگۈزىلىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بىردەك قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن يۇقىرى چەك بويىچە جازالىنىدۇ. تىجارەتچىلەر سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە ماسلاشسا، بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن نورمالسىزلىق تىزىملىكىدىن يۆتكەپ چىقىرىۋېتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى