تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا ئىككى كارخانا ماسكا ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ، ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى داۋاملىق ئاشۇرۇلىدۇ

  1-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى ماسكا ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئىشچىلار ئالدىراش ئىشلىمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن، لۈ يىخەن خەۋىرى، فوتوسى): شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى ماسكا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا يەنە بىر كارخانا — كۈنەس ناھىيەلىك جۇڭكاڭ داۋالاش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى ماسكا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

  1-ئاينىڭ 31-كۈنى، مۇخبىر كۈنەس ناھىيەلىك جۇڭكاڭ داۋالاش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ يۇڭتيەن بىلەن ئالاقىلەشكەندە مۇنداق دېدى: كارخانىمىزدا 60 نەچچە ئىشچى-خىزمەتچى بار، خام ماتېرىيال زاپىسى يېتىشمىگەنلىكتىن، ھازىر بىر كۈندە پەقەت 20 مىڭ دانە ئەتراپىدا ماسكا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتىدۇ، 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەتراپىدا خام ماتېرىيال تولۇقلانسا، بىر كۈندە 100 مىڭ دانە ماسكا ئىشلەپچىقىرالايمىز.

  كۈنەس ناھىيەلىك جۇڭكاڭ داۋالاش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى 100 مىڭ دەرىجىلىك تازىلاش سېخىغا ئىگە بولۇپ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقىرالايدۇ. بۇ قېتىم ئىچكى ئۆلكىدىن كىرگۈزۈلگەن خام ماتېرىياللاردا تەخمىنەن 2 مىليون دانە ماسكا ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىكەن، نۆۋەتتە بۇ كارخانا ھەرتەرەپتىن خام ماتېرىيال سېتىۋېلىپ، داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلماقتا.

  1-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى ماسكا ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئىشچىلار ئالدىراش ئىشلىمەكتە.

  شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ماسكا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە خام  ئەشيا ماتېرىيال چەكلىمىسىگە ئۇچرىدى، نۆۋەتتە ھەر كۈنى 20 مىڭ ماسكا ئىشلەپچىقىرىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بىز كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا يېشىل يول ئېچىپ بەردۇق» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ خۇڭجۈن.

  نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى تۆت نەپەر خىزمەتچى خادىمنى شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونىغا ئەۋەتىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچلىقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

  «يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان ماسكا داۋالاشتا ئىشلىتىش دەرىجىسىگە يەتكەن خەلق ئىشلىتىدىغان ماسكا بولۇپ، باشقا تىككۈچىلىك زاۋۇتلىرى ئىشلەپچىقارسىمۇ بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا بىز پۈتۈن زېھنىمىزنى مەخسۇس داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىشقا قارىتالايمىز» دېدى شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ جيې.

    مۇخبىر شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان ماسكىنىڭ جەمئىي ئۈچ قەۋەت ئىكەنلىكىنى، ئەڭ سىرتقى قەۋىتىنىڭ ساپلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە توقۇلمىسىز رەخت ئىكەنلىكىنى، سىرتقى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىش مەنبەسىنى ئايرىغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئوتتۇرىدىكى بىر قەۋەت سۈزگۈچ ئۆزىكىنىڭ مىكروبسىزلاندۇرۇش ۋە ھاۋادىكى دانىچىلارنى توسۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى، ئەڭ ئىچىدىكى بىر قەۋەتنىڭ ماسكا تاقىغۇچىلار چىقارغان گازنى سۇيۇلدۇرۇپ، سۇيۇلدۇرۇلغاندىن كېيىن يەنە سىرتقا قويۇپ بېرىپ، ماسكا تاقىغۇچىلارنىڭ باشقىلارنى كېسەللىك يۇقتۇرماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى كۆردى.

    ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى، سايباغ رايونىدا ئىككى ئىشلەپچىقىرىش ئورنىنى ئالاقىلەشكەن، بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ تىيانشان توقۇمىچىلىق(گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىمۇ بىر ئىشلەپچىقىرىش سېخى بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى ئامما ئىشلىتىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ھازىرلىغان. «سېتىۋالغان خام ماتېرىيال يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، فابرىكىدا ئىشلەنگەن ماسكىغا قولدا ئىشلەنگەن ماسكىنى قوشقاندا، بىر كۈندە تەخمىنەن 40 مىڭ دانە ماسكا ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە ئىشچىلار پىششىق بولغاندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كېڭەيتكىلى بولىدۇ» دېدى جاڭ خۇڭجۈن.

  1-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى ماسكا ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئىشچىلار ئالدىراش ئىشلىمەكتە.

  1-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى ماسكا ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئىشچىلار ئالدىراش ئىشلىمەكتە.

  1-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى ماسكا ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئىشچىلار ئالدىراش ئىشلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى