تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قومۇل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە ئايرىش نۇقتىسى: ھەر كۈنى ئالتە قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆلچىنىدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يې سۈي خەۋىرى، سۈرەتلەرنى قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى تەمىنلىگەن): يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كىشىلەرنى ساراسىمىگە سالدى، تارقىلىش ئېھتىماللىقى بولغان يوللارنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن، 1- ئاينىڭ 26- كۈنى، قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ئىچىدىكى ئىككى بىنا ۋاقىتلىق تېببىي تەلەپ بويىچە ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىسى قىلىنغان. 2- ئاينىڭ 1- كۈنى، مۇخبىر تېلېفوندا بۇ ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە تېببىي خادىملارنى زىيارەت قىلدى.

قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ئىچىدىكى تېببىي تەلەپ بويىچە ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىسى قىلىنغان ئىككى بىنا.

قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى پارتىيە-مەمۇرىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما خەيبو مۇنداق دېدى: «ئايرىش نۇقتىسىدىكى ھەربىر ياتاققا تېلېۋىزور، سۇ ئىسسىتقۇچ، يوتقان-كۆرپە قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى سەپلەنگەن، تېببىي خادىملار ئايرىلىپ تۇرغان خادىملارغا ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق تاماق تارقىتىش ئاساسىدا، يەنە ئامالنىڭ بارىچە ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش ئېھتىياجى قاندۇرۇپ، ھەربىر ئۆينىڭ ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ».

ئايرىلىپ تۇرغان خادىملارنىڭ ناشتىلىقى.

ئايرىش نۇقتىسىدا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 13-شىسىغا قاراشلىق دوختۇرخانىنىڭ 24 سائەت بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان 19 داۋالاش خادىمى بار.

ساۋ يۈەنتاڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 13-شىسى خۇڭسەن دېھقانچىلىق مەيدانى دوختۇرخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئۇ كېلەر يىلى پېنسىيەگە چىقاتتى، لېكىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن بىرىنچى سەپكە قوشۇلدى، «مەن دوختۇر، تېخىمۇ مۇھىمى مەن بىر پارتىيە ئەزاسى، مەن چىقمىسام كىم چىقىدۇ؟» دېدى ئۇ.

ئايرىلىپ تۇرغان خادىملارنىڭ چۈشلۈك تامىقى.

«ھەر كۈنى ئايرىلىپ تۇرغان خادىملارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئالتە قېتىم ئۆلچەيمىز، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃37تىن يۇقىرى بولغانلار بولسا، بىز يەنە ئۆلچەش قېتىم سانىنى كۆپەيتىمىز. ئەگەر قىزىش، يۆتىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن خادىملار بولسا، بىز دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىمىز.» ساۋ يۈەنتاڭنىڭ ئېيتىشىچە، دوخت‍‍ۇرلۇق بىلەن ش‍‍ۇغۇللانغان 37 ي‍‍ىلدا ب‍‍ۇنداق جەڭگە ئۇ ئىلگىرىمۇ قاتنىشىپ باققان، شۇڭا ئۇ ئۆزىنى تەمكىن تۇتالىغان. «17 يىل ئىلگىرى سارسقا تاقابىل ت‍‍ۇرۇشتىمۇ مەن ب‍‍ىرىنچى س‍‍ەپتە ئ‍‍ىدىم، ئ‍‍الاقىدار خ‍‍ىزمەتلەرنى پ‍‍ىششىق بىلىمەن، ئۆزۈمگە ناھايىتى ئىشىنىمەن».

ساۋ يۈەنتاڭ مۇنداق دېدى: «بۇ بىرقانچە كۈندە ئايرىلىپ تۇرغان خادىملارنىڭ دائىم ئۆيىدىكىلەرگە ياكى دوستلىرىغا تېلېفون بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇردۇم، ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆپ دەيدىغىنى: <بىز ياخشى تۇرۇۋاتىمىز، خاتىرجەم بولۇڭلار>، بەزى ئايرىلىپ تۇرغان خادىملار يەنە بىز داۋالاش خادىملىرىغا ياخشى ئارام ئېلىشنى ئەسكەرتىپ، خىزمەتكە چوقۇم ماسلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ مېنى بەك تەسىرلەندۈردى».

بەش ياشلىق قىزىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، سېسترا گاۋ يىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە ئايرىش نۇقتىسىغا كېلىپ، ناھايىتى روھلۇق ھالدا ھەربىر ئايرىلىپ تۇرغان خادىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلغان ھەمدە ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭغان. گاۋ يىڭ مۇنداق دېدى: «بەدەننى كۆزىتىشتىن باشقا، يەنە ئايرىلىپ تۇرغان خادىملارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىشىمىز كېرەك، پەقەت ئۇلار ماسلاشقاندىلا، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئۈنۈملۈك بولىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى