تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

دېزىنفېكسىيە ئىسپىرتى ياساش كارخانىلىرىنى زىيارەت: «تېز، يەنىمۇ تېز بولايلى! بىز ھازىر يۇقۇم بىلەن بەيگىگە چۈشۈۋاتىمىز»

  2- ئاينىڭ 1- كۈنى، مۇخبىر جيارۇي شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا دېزىنفېكسىيە ئىسپىرتىنىڭ تەرتىپلىك ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقانلىقىنى، ئىشچىلارنىڭمۇ ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆردى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى: (سۈن فاڭتىڭ خەۋىرى، فوتوسى) «ھەممىمىز تېزرەك، يەنىمۇ تېزرەك بولۇپ، بىر قىسىم دېزىنفېكسىيە ئىسپىرتى مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك ئىشلەپچىقىرىپ، كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ ۋاقتىدا ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.» زاۋۇت ئىچىدە، خەن فۇشىڭ ئىشچىلارغا ياردەملەشكەچ، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  خەن فۇشىڭ شىنجاڭ جۇڭدا جيارۇي سودا-سانائەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، بۇ كارخانا ئىسپىرت قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ كارخانا ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى، ھازىر شىركەتتتىكىلەر ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ، پۇقرالار ۋە كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ. «بۇنداق ۋاقىتتا، بىز يۇقۇم بىلەن بەيگىگە چۈشۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ، 1-سەپتىكى ماددىي ئەشيالارنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز».

  2-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىدىكى جيارۇي شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا دېزىنفېكسىيە ئىسپىرتىنىڭ تەرتىپلىك ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقانلىقىنى، ئىشچىلارنىڭمۇ ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  خەن فۇشىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىشچىلار ئەتىگەن سائەت 9:00دا ئىشقا چۈشۈشى كېرەك بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سائەت 8:00 ئەتراپىدىلا زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلەيدىكەن. «زاۋۇت بۇ ئىككى كۈندە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ، ئاساسلىقى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفېكسىيە ئىسپىرتى ئىشلەپچىقىرىدۇ ھەمدە تۇنجى بولۇپ بۇ دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتلىرىنى بىرىنچى سەپكە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.» خەن فۇشىڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىدىكى يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ياردەم بېرىش جەريانىدا، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىزگىنلەش قوماندانلىق تارماقلىرىغا جەمئىي 200 يەشىك، قىممىتى 80 مىڭ يۈەنلىك داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفېكسىيە ئىسپىرتى ئىئانە قىلغان.

  خەن فۇشىڭنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە پائال ماسلىشىش ئۈچۈن، 1-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئۇلار بارلىق كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى جىددىي قايتۇرۇپ كېلىپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ دېزىنفېكسىيە ئىسپىرتى ئىشلەپچىقارغان. «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، بىز تىرىشىپ ئىشلەپ، جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى چوقۇم ئوڭۇشلۇق تاماملىنىدۇ».

  سەككىز سائەتلىك خىزمەت ۋاقتىغا ھېچكىم پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ قالدى، ئىش باشلانغىلى تۆت كۈن بولدى، ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقىت بارغانسېرى كەچ بولۇپ كەتتى، ئەمما ھېچكىم ئاغرىنمىدى.

  شىنجاڭ جيانىڭ «84» دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، ئىشچىلار ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. تۇنجى تۈركۈمدە ئىشلەپچىقىرىلغان 100 يەشىك كىچىك بوتۇلكىلىق «84» دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاچىلىنىپ بولدى، ئىشچىلار ئاپتوموبىلغا دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرىنى يۆتكىدى. ئىشلەپچىقىرىش سېخى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم ئىئانە قىلىنغان «84» دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى 1000 ساندۇق ئىكەن.

  مىچۈەن-دۇڭسەن رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى لى شياۋلىن مۇنداق دېدى: «بۇ، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى قوبۇل قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىئانە بۇيۇمى بولۇپ، ئاساسلىقى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىنىڭ دېزىنفېكسىيەلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيالارنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى تەقسىملەپ ئىشلىتىدۇ.»

  2-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىر جيارۇي شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا دېزىنفېكسىيە ئىسپىرتىنىڭ تەرتىپلىك ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقانلىقىنى، ئىشچىلارنىڭمۇ ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى