تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا ئاشلىق، ياغ بازىرىنىڭ تەمىناتى يېتەرلىك، يۈرۈشۈشى مۇقىم بولدى

 

 1-ئاينىڭ 31- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «ياخشى يۇرت» تاللا بازىرى ياشلار يولى تارماق دۇكىنىدىكى گۈرۈچ، ئۇن، ياغ بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم بولدى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن خەۋىرى، فوتوسى): نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئاشلىق، ياغ بازىرىدا باھانى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش كۈندىلىك مەلۇمات تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش كۈندىلىك مەلۇماتىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردا ئايان بولۇشىچە، چاغان مەزگىلىدە شىنجاڭدا ئاشلىق، ياغ بازىرى تەمىناتى يېتەرلىك، يۈرۈشۈشى مۇقىم، كاپالىتى كۈچلۈك بولغان.

  1-ئاينىڭ 31-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق، ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايون ۋە ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئاشلىق، ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىلىرىدا ئاشلىق، ياغ بازىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش، جىددىي ئەھۋالغا قوماندانلىق قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، ئاساسلىقى قوماندانلىققا تايىنىپ، خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، ئالاقە خادىملىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۇچۇر ۋە مەمۇرىي بۇيرۇقلارنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغان. ئاپتونوم رايون ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىك تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، باھانى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش كۈندىلىك مەلۇمات تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ھەر كۈنى بازار ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، خىزمەتلەر ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  بۇنىڭ ئىچىدە، تۇرپان شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس يىغىن ئېچىپ سەپەرۋەرلىك قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، مالىيە مەخسۇس تۈر مەبلىغىدىن 1 مىليون 150 مىڭ يۈەننى ئاشلىق، ياغ بازىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئىشلىتىشكە ئورۇنلاشتۇرغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەمىنلەشكە كاپەتلىك قىلىش مەخسۇس يىغىنى ئېچىپ، شەھەر مالىيەسىدىن 10 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە ئاشلىق، ياغ بازىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلغان ھەم ئاشلىق، ياغ بازىرىدىكى تىرانسىپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ راۋان يۈرۈش مەسىلىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلغان.

  1-ئاينىڭ 31-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى «ياخشى يۇرت» تاللا بازىرى ياشلار يولى تارماق دۇكىنىدا بۇ يەردىكى گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىقلارنىڭ سېتىشنى تېزلىتىش ھارۋىسىدا تولۇق تۇرغانلىقىنى، باھاسىنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇن گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىقلارنىڭ سېتىشنى تېزلىتىش شەكلىدە سېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. پۇقرالار چاغان كېلىشتىن ئىلگىرى گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىقلارنى تەييارلاپ بولغانلىقتىن، شۇ كۈنى گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىقلارنى سېتىۋالىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى تەمىنلەشكە جىددىي كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئاشلىق زاپاس ساقلاشنى كۈچەيتتى.

  سانجى ئوبلاستلىق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 5000 توننا ئۇننى زاپاس تەييارلاپ، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنى ئىككى ئايلىق تەمىنلەش مىقدارى بويىچە ئۇن ئىسكىلات قالدۇقىنى ئاشۇرۇشقا تەشكىللىدى. ئىلى ئوبلاستلىق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى غۇلجا شەھىرى بىلەن شىنجاڭ شېڭكاڭ ئاشلىق، ياغ، ماي چەكلىك شىركىتى، ئىلى مەيلىن ئاشلىق، ياغ چەكلىك شىركىتى ۋە ئىلى يىفېي ئاشلىق، ياغ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن جىددىي ئەھۋال تەمىنلەش توختامى ئىمزالاپ، تەييار ئاشلىق، ياغدىن 1500 توننا تەييارلىدى. تۇرپان شەھەرلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى تەييار ئاشلىق، ياغ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش زاپىسى قۇرۇپ، شەھەر، ئىشتاتلىق يېزا(بازار)لاردا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەمىنلەش تور نۇقتىسىدىن 72نى قۇردى؛ شىنجاڭدىكى ئالتە ئۇن پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى، تۆت ياغ پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلدى؛ 21 ئاشلىق، ياغ سودىگەرلىرى بىلەن مال بىلەن تەمىنلەغ كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئالتاي ۋىلايەتلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ تېزلىكتە 1600 توننىلىق تەييار ئاشلىق جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكەتچان زاپىسى قۇرۇشقا تەشكىللەپ، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاشلىق، ياغقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش قېتىم سانى ۋە سالمىقىنى زورايتىپ، بازاردىكى ئاشلىق، ياغ بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ۋە تەتقىق قىلىپ، نۇقتىلىق كارخانا، چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرى، توپ تارقىتىش بازارلىرى، يېزا ئىگىلىك سودا بازارلىرى قاتارلىقلاردىكى ئاشلىق، ياغنىڭ ئىسكىلات قالدۇقى، سېتىش مىقدارى، باھا ئەھۋالى ۋە پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىدى. بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى