تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنى جۇڭيى تېبابىتى دورىسى بىلەن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ «شىنجاڭ نۇسخىسى»دىكى لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى( مۇخبىر كاڭ خاۋيەن) يېقىندا دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى مۇكەممەللەشتۈرۈپ تارقاتقان «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇقىغا دىياگنوز قويۇپ داۋالاش توغرىسىدىكى لايىھە <سىناق يولغا قويۇلىدىغان 4-نۇسخا)»غا ئاساسەن،  مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىز مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، شىنجاڭنىڭ كىلىمات ۋە رايون ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، «شىنجاڭ نۇسخىسى»دىكى جۇڭيى تېبابىتى دورىسى بويىچە ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ ھەم بېسىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىسى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم بېسىپ تارقىتىلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنى جۇڭيى تېبابىتى دورىسى بىلەن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىغا ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر ئورتاق تونۇشى»نى بېسىپ تارقاتقان، بۇنى ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ كىلىنكىلىق ئالامىتى ۋە شىنجاڭدىكى ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنى ئوخشىمىغان تۈرگە ئايرىپ داۋالاش يولغا قويۇلىدىكەن.

«لايىھە»دە تەۋسىيە قىلىنغان دورا تەرلىتىش، ھۆللۈكنى تۈگىتىش ھەمدە تالنى ساغلاملاشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان، مەسىلەن: «مۇرەككەپ رېتسېپلىق يىجىخاۋ جەۋھىرى»، «ليەنخۇا چىڭۋېن» تۈرىدىكى قىزىتمىنى ياندۇرۇش، زەھەر ھەيدەش دورىسى، يەنە «خوشياڭ جېڭچى» ھۆللۈكنى تۈگىتىش دورىسى بولۇپ، كىلىنكىلىق كۆزىتىشتە تارقىلىشچان زۇكام، ئادەتتىكى زۇكام قاتارلىقلارنىڭ ئالامىتىنى ياخشىلاش، كېسەل جەريانىنى قىسقارتىشتا ناھايىتى ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن. ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، نەپەس ۋە خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لى فېڭسېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭيى تېبابىتى تەييار دورىسىدىن باشقا، «لايىھە»دە يەنە مۇناسىۋەتلىك رېتسېپ ھەمدە پايدىلانما پىكىرلەر تېببىي خادىملارنىڭ كىلىنكىدا پەرقلەندۈرۈپ ئەمەلىي قوللىنىشىغا سۇنۇلغان بولۇپ، ئاغرىقلارنىڭ كېسەل ئالاھىدىلىكىگە قاراپ دورىنى تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسىمۇ قەدىمقى ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە دوختۇرخانىدىكى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇھاكىمە قىلىشى ئارقىلىق جۇڭيى تېبابىتى(ئۇيغۇر تېبابىتى) داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلغان. قان سۈپىتىنى تەڭشەش، قاننى سوۋۇتۇش، قىزىتمىنى چۈشۈرۈش، ئاساسىي ئورگانىزملارنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، بەدەننىڭ تەبىئىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالاش پىرىنسىپىگە ئاساسەن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ كىلىنكىلىق ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، دەسلەپكى قەدەمدە جۇڭيى تېبابىتى دورىسى(ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسى) بىلەن ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش تەدبىرىنى تۈزگەن، بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر رېتسېپ ۋە  كېسەلنى داۋالايدىغان ئۈچ رېتسىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھازىر مەزكۇر دوختۇرخانىدا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىلمەكتە.

«شىنجاڭنىڭ كىلىماتى قۇرغاق، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدۇ، بۇ رېتسېپلارنىڭ تەركىبى نەپەس يولى سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە قارىتا ئۇزاقتىن بۇيان ئىشلىتىلگەن، ئۈنۈمى ئېنىق بولغان ئۆسۈملۈك دورىسىدىن تۈزۈلگەن، مەسىلەن: تىيانشان گۈلنەپشەسى، چۈچۈكبۇيا، زۇپا قاتارلىقلارنىڭ ئىسسىقلىق قايتۇرۇپ زەھەرنى تۈگىتىش، قىزىتمىنى قايتۇرۇش رولى بولۇپ، بەزى دورىلار بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلايدۇ». ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى نەپەس بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گۈلناز ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ ھەرىكەتچان ئېلان قىلغان لايىھەسى ۋە كىلىنكىلىق داۋالاش ئۈنۈمىگە ئاساسەن، دوختۇرخانىمىز ئۇنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، داۋالاش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

جۇڭيى تېبابىتى(ئۇيغۇر تېبابىتى) مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ ئاز بولمىغان يەرلىك دورىلىرى «تىزىملىككە كىرگەن»، مەسىلەن: ھۆل ئىسسىقتىن بولغان قان ماددىسى چىرىش تىپىغا تەۋە ئاغرىقلارغا ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش تۈرىدىكى سۇيۇق دورا، يەنى زۇكام جەۋھىرى تەۋسىيە قىلىنغان؛ قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان كۆك رەڭلىك ئۆت سۇيۇقلۇقى ماددىسى تىپىغا تەۋە ئاغرىقلارغا كېسەل ۋىرۇسىغا قارشى سۇيۇق دورا مۇرەككەپ رېتسېپلىق زۇپا قىيامى تەۋسىيە قىلىنغان؛ قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان تۇزلۇق بەلغەم ماددىسى تىپىغا تەۋە ئاغرىقلارغا نەزلە جەۋھىرى، ئۆپكىنى نەمدەش ئالى قىزىل تابلېتى تەۋسىيە قىلىنغان. ئادەتتىكى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىشقا قارىتا، ئاممىغا يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى تەڭشەش، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، پاكىز، يېڭى، گۆشسىز، پىششىق، يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە يېمەكلىكلەرنى يىيىش، گۆشنىڭ سۈپىتى، يېڭى بولۇش دەرىجىسىگە ئەھمىيەت بېرىش، خام، ئۆلۈك، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ھايۋاناتلار گۆشىنى يېيىشنى قەتئىي چەكلەش تەكلىپى بېرىلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى