تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ياخشى ئىستىل، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتەك ھەرىكەت ئارقىلىق، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە جەڭدە غەلىبە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايون يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى سىن يىغىنى ئاچتى

ياخشى ئىستىل، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتەك ھەرىكەت ئارقىلىق، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە جەڭدە غەلىبە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى سىن يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى ئارقىلىق، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئىلمىي ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، لېكىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا مۇرەككەپ، كەسكىن. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىپ، ھاياتلىق تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇم − بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش − مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئىستىل، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتەك ھەرىكەت، ئىلمىي - ئېھتىياتچان پوزىتسىيە ئارقىلىق، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

بىرىنچى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش، بىرتۇتاش ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈپ چىڭ ساقلاپ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى ئېنىق، توغرا ئىگىلەپ، تېخىمۇ چىڭ مەسئۇلىيەت، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل ئارقىلىق، يۇقۇمنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئاغرىقلارنى ئىلمىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش، ماددىي ئەشيا تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، تەشۋىقات - ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئىككىنچى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا يۆنىلىشتە چەتكىچە، تىك يۆنىلىشتە تېگىگىچە يەتكۈزۈلگەن، قاپلىنىشى پۇختا بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، كېڭىيىش خەۋپ - خەتىرىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك؛ مەھەللە، يېزا - كەنتلەردە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، سىرتتىن شىنجاڭغا كەلگەن كىشىلەرنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ شىنجاڭغا قايتقان كىشىلەرگە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەسكەرتمە ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىپ، شىنجاڭغا قايتقان كىشىلەرنى ۋاقتىدا تۇرۇشلۇق مەھەللىلەرگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئەسكەرتىپ، بايرامدىن كېيىن شىنجاڭغا قايتقان كىشىلەرگە بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ قاتناشنى كارانتىن قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇن ۋە ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىنى تازىلاش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى ۋە يىغىلىشىنى ئازايتىش كېرەك.

ئۈچىنچى، ئىلمىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى تەڭشەپ، ئەڭ ئىلغار داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، بىرمۇبىر لايىھە تۈزۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇملانغان ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش كېرەك. بېكىتىلگەن دوختۇرخانا، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى، بېكىتىلگەن ئاغرىقلار رايونى، دوختۇر - سېسترالار قوشۇنى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەت تەلەپلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەش ۋە بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قېلىپلاشقان بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئىلمىي تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا قۇتقۇزۇش - داۋالاش كېرەك.

تۆتىنچى، ھەقىقىي تۈردە ماددىي ئەشيا تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دورا، دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى، مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى، قۇتقۇزۇش - داۋالاش سايمانلىرى قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، يۆتكەش، زاپاس ساقلاش، تەمىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش، تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ماددىي ئەشيالارنى توشۇش يېشىل يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا، سۈپەت كاپالىتىگە، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بەشىنچى، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىشنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى نامايان قىلىشتىكى سىناق تېشى ۋە بىلەي تېشى قىلىپ، خەلق مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشى، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە بارلىققا كەلگەن ئىلغار تىپلار ۋە تەسىرلىك ئىش ئىزلارنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

ئالتىنچى، ھەر مىللەت ئاممىغا يېقىندىن تايىنىش كېرەك. ئاممىنى كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى تەشكىللەپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ھەربىر ئورۇن، ھەربىر كوچا، ھەربىر يېزا - بازار، ھەربىر مەھەللە، ھەربىر كەنت، ھەربىر ئائىلىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى قۇرۇپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار سىياسەت - تەدبىرلەرنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېڭى ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يەتتىنچى، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن شىنجاڭ «بىر تاختا شاھمات»، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتلەردىكى رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇشى، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى، مەسئۇلىيەتچان بولۇشى، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك؛ ھەقىقىي تۈردە خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ پۇختا بولۇش ئىستىلى ئارقىلىق تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك سالمىقىنى زورايتىپ، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلىرىنى مۇكاپاتلاش، تەقدىرلەش، دادىل ئىشلىتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، ئىستىلى تۇراقسىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

سەككىزىنچى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تۇتۇش، بىر قولدا مۇقىملىقنى قوغداشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.