تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ روھىي ساغلاملىق مەركىزى توققۇز پىسخىكىلىق ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسىنى ئېلان قىلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن): ئۆيدە ئايرىلىپ تۇرغان مەزگىلدە تەشۋىشلىنىۋاتامسىز؟ جىددىيلىشىۋاتامسىز؟ ئەندىشە قىلىۋاتامسىز؟ ئۇنداقتا، شىنجاڭ روھىي ساغلاملىق مەركىزى(ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-خەلق دوختۇرخانىسى)نىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يېزىپ بەرگەن بۇ «پىسخىكا رېتسىپى»نى كۆرۈپ بېقىڭ. 1-ئاينىڭ 29-كۈنى، شىنجاڭ روھىي ساغلاملىق مەركىزى(ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-خەلق دوختۇرخانىسى) توققۇز ھەقسىز پىسخىكىلىق ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيە تېلېفونىنى ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەھۋالى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان تۈرلۈك پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

نۆۋەتتىكى يۇقۇم ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئۆيدە ئايرىلىپ تۇرغانلاردا تۈرلۈك پىسخىكىلىق مەسىلىلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شىنجاڭ روھىي ساغلاملىق مەركىزى(ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-خەلق دوختۇرخانىسى) پىسخىكا 2-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لۈ شۇيۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەڭ ياخشى ئۇسۇل رېئاللىققا توغرا قاراش ھەمدە ئۆزىدىكى تەشۋىش، ۋەھىمە قاتارلىق كەيپىياتنى قوبۇل قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىسىم ئۆز-ئۆزىنى يېتەكلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۆزىگە ئاكتىپ بېشارەت بېرىپ، ئىجابىي ئۇچۇرلارنى، ئاكتىپ كۈچنى كۆپرەك قوبۇل قىلىش كېرەك. ئايرىۋېتىلگەنلەر ئۆزىنىڭ «ئايرىۋېتىلگۈچى»لىك سالاھىيىتىگە ماسلىشىشى، ناچار كەيپىيات ئۇچۇرلىرىنىڭ كاشىلىسىغا ئىمكانقەدەر ئۇچرىماي، ھازىرقى ھالىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

لۈ شۇيۈننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبلىك پەيدا بولغان پاسسىپ كەيپىيات ئۇزۇن داۋاملىشىپ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتسە، دىققىتىنى بۇراش ۋە كەيپىياتنى تەڭشەش ياكى ئائىلىسىدىكىلەرگە، دوستلىرىغا دەرت تۆكۈش ئارقىلىقمۇ كەيپىياتىدا ياخشىلىنىش بولمىسا، ۋاقتىدا داۋالىنىش ياكى كەسپىي پىسخىكا مەسلىھەتچىسىدىن ياردەم سوراپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشى كېرەك ئىكەن.

«شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ نوپۇزلۇق، ئىلمىي ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىشىنى، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئۇچۇرلارنى ئوقۇماسلىقىنى، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىكىنى، ئىغۋا تارقاتماسلىقىنى، چامىنىڭ يېتىشىچە ئۆزىنى قوغدىشىنى، ئادەم كۆپ جايلارغا ئىمكانقەدەر ئاز بېرىشىنى ياكى بارماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.» شىنجاڭ روھىي ساغلاملىق مەركىزى پىسخىكىلىق ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسىنىڭ مەسئۇلى، شىنجاڭ روھىي ساغلاملىق تۈرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مو لەنرۇڭ مۇنداق دېدى: ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقانلار كەيپىياتىنى پائال تەڭشەپ، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا ۋاقتىدا داۋالىنىشى، يەنە بىر تەرەپتىن ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى ئىلمىي ئايرىپ قوغدىشى كېرەك.

مو لەنرۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئۆيدە ئايرىلىپ تۇرغان مەزگىلدە، قەرەللىك مەشغۇلات ۋاقتى بېكىتىش، قېنىپ ئۇخلاش ۋە تەكشى ئوزۇقلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش، يان تېلېفوننى ئاز ئويناش كېرەك، كىتاب ئوقۇش، مۇزىكا ئاڭلاش، ئويۇن ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق دىققەتنى بۇراپ، ئۆزىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك، يەنە مۇۋاپىق ھەرىكەتمۇ قىلىش كېرەك، مەسىلەن، رادىيو گىمناستىكىسى، يوگا، پەي سوزۇش ھەرىكىتى، تەيجى گۇمپىسى قاتارلىقلارنى ئىشلىگەندە، تەشۋىشنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

24 سائەتلىك مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى نومۇرى: 3016111-0991;18129201293;18129201373;18129201339;18129201367;18129201332;18129202175;18129202572;18129202107.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى