تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلارغا ئېھتىرام: شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا توسۇپ زەربە بېرىش» تېمىسىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى پائالىيىتىنى باشلىدى

  كۇەي جېنمىن: «پورەكلەپ ئېچىلىش»

  جاڭ شۈ: «قىيالماسلىق»

  لو شياۋكۇي: سىزما رەسىم «ھاياتلىقنى قوغدىغۇچى»   

 جىڭ گاڭ: قىيما قەغەز   «مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش» 

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ خەۋىرى، سۈرەتنى شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەمىنلىگەن) 1-ئاينىڭ 29-كۈنى، شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا توسۇپ زەربە بېرىش» تېمىسىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيەت پائالىيىتىنى باشلاپ، شىنجاڭدىكى كەڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، خەلقنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بەردى، بۇ ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ قۇتقۇزۇش، داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، پائالىيەت باشلىنىپ ئىككى كۈندىلا نەچچە يۈز پارچە ئەسەر تاپشۇرۇۋېلىنغان بولۇپ، سىزما رەسىم، ماي بۇياق رەسىم، تېز سىزما، قەغەز قىيما، جۇڭگوچە رەسىم قاتارلىقلار  تۈرلۈك شەكىللەر بار ئىكەن.

   چارچاپ كەتكىنى چىقىپ تۇرغان تېببىي خادىم ئاسما ئوكۇلنى تەڭشەۋاتقان بولۇپ، يېنىدىكى ئۈستەلدە بىر تەشتەك كاكتۇس ھۈپپىدە ئېچىلغانىدى، مانا بۇ شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كۇەي جېنمىن ئىجاد قىلغان «پورەكلەپ ئېچىلىش» ناملىق ئەسەر.

  كۇەي جېنمىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ نەزەرىدە تېببىي خادىملار كاكتۇس گۈلىگە ئوخشايدىكەن، تاشقى مۇھىتنىڭ قانچىلىك جاپالىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ، ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلالايدىكەن.

  بىر جۈپ كۆز، بىر تامچە مەرۋايىتتەك ياش، بۇ دەقىقىدە رەسىمگە جان كىرگەندەك قىلاتتى. «قىيالماسلىق» ناملىق بۇ رەسىمنى رەسسام جاڭ شۈ ھەقىقىي كۆرۈنۈشكە ئاساسەن ئىجاد قىلغانىدى، رەسىمدىكى باش پېرسوناژ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىنىڭ تېببىي خادىمى لۈ جۈن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىدى.

  «1-ئاينىڭ 28-كۈنى، مەن خەۋەردىن شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى تېببىي داۋالاش ئەترىتىنىڭ ۋۇخەنگە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا زەربە بېرىشكە ياردەمگە ئاتلانغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تېببىي داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى لۈجۈننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خوشلىشىۋاتقان چاغدىكى سۈرەت ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ سۈرەتنى رەسىم قىلىپ سىزىپ چىقتىم» دېدى رەسسام جاڭ شۈ.

  «نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ جىددىي پەيتتى، كەڭ تېببىي خادىملار پىداكارلىق كۆرسىتىپ، 1-سەپتە قەھرىمانە جەڭ قىلىپ، يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ھاياتلىق قەسىدىسىنى پۈتمەكتە. ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ئاق خالاتلىق تېببىي خادىملارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش 1-سېپىدىكى تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى تۇتقا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە يۇقۇمغا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇنەۋۋەر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشى كېرەك» دېدى كۇەي جېنمىن.

   بۇ قېتىمقى ئەسەر قوبۇل قىلىش ئاپتونوم رايوندىكى ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە يۈزلەنگەن، بۈگۈندىن باشلاپ، ئەدەبىيات، مۇزىكا، ئەلنەغمە، فوتو سۈرەت، كارتون، قۇم رەسىم، قىسقا سىن قاتارلىق سەنئەت شەكىللىرى ئارقىلىق نامايان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنى توردىن يوللىسا بولىدۇ. ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپ: ئىخچام، ئۆزگىچە، توردا تارقىتىشقا ماس كېلىدىغان بولۇش. ئەسەر قوبۇل قىلىش ئېلخەت ساندۇقى: 331232683@qq.com 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى