تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىر مەيدان ئومۇمىي خەلق ھەرىكىتى، خەلق ئاممىسى بۇ مەيدان كۈرەشتىكى ئاساسىي كۈچ.

«ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى تەشكىللەپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.» يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بىزنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى ئىشقا سېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىش ۋە يول كۆرسىتىپ بەردى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ھەربىر ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت سالماقتا، يۇقۇم ئالدىدا چەتتە قاراپ تۇرغۇچىلار يوق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا. بۇ مەيدان ئالاھىدە جەڭدە شەخس بىلەن ئائىلە، شەخس بىلەن كوللېكتىپ، شەخس بىلەن جەمئىيەت زىچ مۇناسىۋەتلىك، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش. ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ساغلاملىقى، خىزمەتداشلىرىنىڭ بەختى، مەھەللىنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن، ھەربىر ئادەم ئاڭلىق ھالدا جەڭگە ئاتلىنىشى زۆرۈر. بىز ھەربىرىمىز ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئىگىلىگەندىلا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش چوڭ تورىنى ئاندىن ياخشى توقۇيالايمىز، پۇختا توقۇيالايمىز. ئاساسىي قاتلام مەھەللىلىرى، جۈملىدىن يېزا مەھەللىلىرىنىڭ سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دائىرىلەپ، ئالا قويماي باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئائىلىلەرگىچە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش»نى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن «كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يامراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تەك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نىشانىنى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش ھەم دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، ھەم بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىمىزدىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر.

ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىشتا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. خەتەرلىك پەيتتە، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بۇرچى، پارتىيەمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، خەۋپ - خەتەردىن قورقماسلىق، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ئاۋانگارت، ئۈلگە بولۇپ، رايون، ناھىيە، كوچا - بازار، شەھەر - يېزا، مەھەللە قاتارلىق مۇداپىئە تورىنى قۇرۇپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ چىڭ ساقلىشى، قەتئىي يوچۇق قالدۇرماسلىقى كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇتۇپ، رايون ئىدارە قىلىش، مەھەللە ئىدارە قىلىش، ئورۇن ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ھەمدە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئامما خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشقا، ئىشەنچنى ئاشۇرۇشقا، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىككە، ئىغۋا تارقاتماسلىققا، ئاممىنىڭ سىردىشى ۋە يۆلەنچۈكى بولۇشقا تەشكىللەش كېرەك، ھەممىدە ئاممىنى كۆزلەپ، ئاممىغا يېقىندىن تايىنىپ، خىزمەتلەرنى ئىنچىكە، پۇختا، ئەتراپلىق ئىشلىگەندىلا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرغىلى، پولات ئىستىھكام، پولات سېپىل قۇرغىلى بولىدۇ.

ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىشتا، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ئاساسلىقى يۇقۇش مەنبەسىنى تىزگىنلەش، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈۋېتىش، ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىنى قوغداش كېرەك. شەھەر - يېزا، ئاساسىي قاتلام مەھەللىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە سېپى بولۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى تېخىمۇ كونكرېت، ئىنچىكە بولۇشى كېرەك. كەڭ، چوڭقۇر بولغان يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى تەشۋىق - تەربىيەسى ئىنتايىن مۇھىم، ئىلمىي بولغان شەخسىي ھەم ئائىلىۋى مۇداپىئەلىنىش، ساغلاملىقنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، تازىلىق ئادىتى قاتارلىقلار ئاپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالايدۇ. قويۇق ئۇچراشقانلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى توسۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر، تىزىملاش، ئۆزىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، گۇمانلىق كېسەل ئالامەتلىرىنى بايقىغان ھامان ئايرىپ داۋالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى جەزمەن ئىنچىكە، ئەتراپلىق، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئائىلە، ئاممىۋى سورۇن، قاتناش قوراللىرى، مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئوخشاشلا مۇھىم، جەزمەن ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشتە دائىرىلەپ باشقۇرۇشتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللاردىن ئوبدان پايدىلىنىپ، تورغا كىرگۈزۈش، دائىرىگە كىرگۈزۈش، ئائىلىگە كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىچىك ھەرىكەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يۇقۇم ئالدىدا، بىز مەيلى قەيەردىن كېلەيلى، مەيلى قەيەردە تۇرايلى، ھەممەيلەن مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. بىزنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى تەكىتلىشىمىز كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش ئۈچۈندۇر؛ بىزنىڭ ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز يۇقۇمنىڭ ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈچۈندۇر. ھازىر، شەھەرلەردىن يېزا - كەنتلەرگىچە، بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان تېببىي خادىملاردىن كەڭ خەلق ئاممىسىغىچە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان بىر مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلماقتا. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا يېقىندىن تايىنىپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلدۇق، بىزنىڭ بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا تولۇق ئىشەنچىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى