تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ماددىي ئەشيا زاپىسى - تەمىناتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى يېتەرلىك ماددىي ئەشيا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ماددىي ئەشيا زاپىسى - تەمىناتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى يېتەرلىك ماددىي ئەشيا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيا كاپالىتى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن تۈرلۈك چارە - ئاماللار ئارقىلىق ماددىي ئەشيا زاپىسى - تەمىناتىنى ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى يېتەرلىك ماددىي ئەشيا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ گۇاڭمىڭ يولىغا جايلاشقان پۇجىتاڭ چوڭ دورىخانىسى بىلەن شىنتې دورىخانىسىدا ماسكا، ئىسپىرت، تېرمومېتىر، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش دانچىسى قاتارلىق يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا رەتلىك قويۇلغانىدى. شۆھرەت زاكىر نەق مەيداندىكى خىزمەتچى خادىملاردىن ھال سورىدى، ھەرقايسى دورىخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ۋە تاۋار زاپىسى - تەمىناتى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: تېببىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى ھازىر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، تېببىي دورا توپ - پارچە سېتىش كارخانىلىرى سەمىمىي تىجارەت قىلىپ، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دورا تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، تاۋارلارنى بېسىپ قويۇپ ھايانكەشلىك قىلىش، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش قاتارلىق جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق مەنئى قىلىشى كېرەك.

كەررېفور تاللا بازىرى نەنخۇ دۇكىنى تۈرلۈك تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش مىقدارى ۋە تەقسىملەش، يەتكۈزۈش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلماقتا. شۆھرەت زاكىر تاللا بازىرىدىكى كۆكتات، مېۋە - چېۋە، ئاشلىق - ياغ، گۆش، تۇخۇم، يېمەكلىك قاتارلىق مۇھىم تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتى ۋە ئەشيا ئوبوروتى ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈردى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە سودا ساراي، تاللا بازىرى قاتارلىق توپ - پارچە سېتىش كارخانىلىرىدىن ماددىي ئەشيالارنى تەقسىملەش ۋە زاپاس ساقلاشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى مال مەنبەسىنىڭ راۋان، تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك، سۈپىتىنىڭ بىخەتەر، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سېتىش خادىملىرى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقى بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

شۆھرەت زاكىر يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر مەھەللە كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىغا كىرىپ، خام، يېڭى كۆكتات قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنىڭ تەمىنات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كۆكتات، گۆش تۈرلىرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى زاپاس ساقلاش - تەمىنلەش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، تەشكىللەش، يۆتكەپ توشۇشنى كۈچەيتىپ، «كۆك - تاق»نىڭ يېتەرلىك، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئېھتىياج مىقدارى كۆپ ماللارنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ، بازارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئاساسىي كاپالىتى، بازار تەمىناتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى، مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرى ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش، مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئېھتىياجى ۋە زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىناتىغا سىجىل كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى