تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەممەيلەن قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە بولۇپ، «يۇقۇمغا قارشى جەڭ» قىلىۋاتقان قەھرىمانلارغا كامېرالىرىمىز ئارقىلىق ھۆرمەت بىلدۈرەيلى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز رېن چۇنشياڭ خەۋىرى): بۇ بىر مەيدان ئالاھىدە بولغان يۇقۇمغا قارشى جەڭ، ئىس-تۈتەك بولمىغان بۇ جەڭ مەيدانىدا، نۇرغۇن كىشى قارشى يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىپ، چىڭ تۇرۇش ۋە ئەجىر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق، «يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سېپىلى» نى قوپۇرۇپ چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ ھاياتلىق ۋە ساغلاملىقنى قوغدىماقتا.

بۈگۈن (1-ئاينىڭ 31-كۈنى)، شىنجاڭ گېزىتچىلىك-تاراتقۇ گۇرۇھى چاقىرىق چىقاردى، مەيلى سىز باشتىن كەچۈرگۈچى، قاتناشقۇچى بولۇڭ، ياكى گۇۋاھچى، خاتىرىلىگۈچى بولۇڭ، يان تېلېفونىڭىزنى ئېلىپ، بىز بىلەن بىرلىكتە «يۇقۇمغا قارشى جەڭ» نىڭ بىرىنچى سېپىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى قېزىپ، «يۇقۇمغا قارشى جەڭ» نىڭ بىرىنچى سېپىدىكى تەسىرلىك مىنۇتلارنى خاتىرىلەڭ.

ۋىرۇس توسۇپ زەربە بېرىۋاتقان «ئاق خالاتلىق پەرىشتە»لەرنى، ئۇلارنىڭ خەتەردىن قورقماي، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە كېچە-كۈندۈز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى خاتىرىلىسىڭىز بولىدۇ؛

يۇرت-ماكانىمىزنى قوغداۋاتقان جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىنى، ئۇلارنىڭ سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مۇستەھكەم قورغان قۇرۇپ تىنچ-ئامانلىقنى قوغداۋاتقانلىقىنى خاتىرىلىسىڭىز بولىدۇ؛

ئۈن-تىنسىز ئىشلەۋاتقان مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئىشنى چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىماي، ئومۇمىي خەلقنى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىۋاتقانلىقىنى خاتىرىلىسىڭىز بولىدۇ.

...

كامېرالىرىمىز ئارقىلىق ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرەيلى، ئۇلارغا مەدەت بېرەيلى!

تارقىتىش قىممىتى بار دەپ ھېس قىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر ئەپچىل چارىلەر، ياكى قول سېلىپ ئىشلىگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەشۋىقات قىسقا فىلىملىرىنى بىزگە ئەۋەتىپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىز تاراتقۇلار سۇپىسى ئارقىلىق كەڭ دائىرىدە تارقىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان «يۇقۇمقا قارشى جەڭ» كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز.

بۇ قېتىمقى چاقىرىقتا سۈرەت، سىن توپلاش ئاساس قىلىنىدۇ، يېزىقچە چۈشەندۈرۈش بولۇشى، مەزمۇنى ئاكتىپ، تەسىرچانلىقى كۈچلۈك بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ماقالە يوللاش پوچتا ساندۇقى: xjnian@163.com.

ھەممەيلەن قول تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە ئاكتىپ كۈچ تارقىتايلى، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەيلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى