تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ ئۇقتۇرۇش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ ئۇقتۇرۇش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، كۆپ قېتىم رىياسەتچىلىك قىلىپ يىغىن ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى، ئامانلىقىنى قوغداش توغرىسىدا قاتتىق بۇيرۇق چۈشۈردى، كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەقىقىي تۈردە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى ئاكتىپ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش - ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە «ئۇقتۇرۇش»تىكى تەلەپ بويىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى كەسكىن ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش، بىرتۇتاش ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، تېخىمۇ كەسكىن، تېخىمۇ كۈچلۈك - تەرتىپلىك، تېخىمۇ ئىلمىي - ئەتراپلىق تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى تولۇق تونۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى نۆۋەتتىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ھەرىكىتىدە ئىپادىلەپ، بۇرچنى ئىش ئورنىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھالقىلىق پەيتتە ئاتاكىغا ئۆتەلەيدىغان، خەتەرلىك، قىيىن پەيتتە جان پىدا قىلالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ئېتىقاد ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىقنى ئېنىق ئىپادىلەپ، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى قۇدرەتلىك سىياسىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كادىرلارنى كۆزىتىش، پەرقلەندۈرۈش، باھالاش، ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەلالىرىنى مۇكاپاتلاپ، ناچارلىرىنى جازالاپ، ياخشى يۆنىلىش تۇرغۇزۇش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ئاۋانگارت، ئۈلگە بولۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن باشلامچى بولۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇداپىئە تورىنى زىچ، چىڭ توقۇپ، يۇقۇمنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، چىڭ ساقلاش، قەتئىي يوچۇق قالدۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ۋە تېببىي خادىملارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش، غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، ئامما خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كەڭ كۆلەمدە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى تەشكىللەپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى قۇرۇپ، ئاممىنى ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشنى كۈچەيتىش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشكە قاتنىشىشقا، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىككە، ئىغۋا تارقاتماسلىققا پائال يېتەكلەپ، تىرىشىپ ئاممىنىڭ ياخشى سىردىشى ۋە يۆلەنچۈكى بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا زىچ تايىنىپ، ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پۈتۈن شىنجاڭ «بىر تاختا شاھمات»، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات»، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، رايونلار ئىدارە قىلىش، تارماقلار ئىدارە قىلىش، ساھەلەر ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش، ئورۇنلار ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇشى، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشى، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى، مەسئۇلىيەتچان بولۇشى، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.