تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقاردى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ ئۇقتۇرۇش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلاردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا يېقىندىن تايىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي، كەسكىن غەلىبە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، كۆپ قېتىم دوكلات ئاڭلاپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە مەركەزنىڭ ئۇقتۇرۇش، تەلىپىگە قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتكە كېلىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپىلىرى) يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي، كەسكىن زىممىسىگە ئېلىپ، ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى ئېنىق، توغرا ئىگىلەپ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش، بىرتۇتاش ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى، قوماندانلىق ئىشتابلىرى ۋە ھەرقايسى مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىلىرى مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولىدىغان رەھبەرلەرنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى، تەۋەلىك مەسئۇلىيىتى ۋە تارماقلارنىڭ فۇنكسىيەلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەردىكى رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، قەتئىي ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى، ئەمەلىي تۇتۇشى، ئاخىرغىچە تۇتۇشى كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، قەيەردە ۋەزىپە خەتەرلىك، ئېغىر بولسا، شۇ يەردە پارتىيە تەشكىلاتى قەتئىي، كۈچلۈك خىزمەت قىلىش، شۇ يەردە پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت، ئۈلگە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كەڭ دوختۇر - سېسترالار ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، داۋالاش - قۇتقۇزۇش، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئاساسىي ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىدا رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە بارلىققا كەلگەن ئىلغار تىپلار ۋە تەسىرلىك ئىش ئىزلارنى ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى