تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق، بىر ياچېيكا بىر قورغان. پارتىيە ئەزالىرى ئالدى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىپ، ئاممىنى يېتەكلەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، تەشكىللىگەندىلا، ئاندىن خەلق ئاممىسىغا چىڭ تايىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.

«پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرايلى»، باش شۇجى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ جەزمەن خەلق مەنپەئىتىنىڭ ھەممىدىن ئەلا ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلىشىنى، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەكىتلىدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىدىن ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىشنى، يۇقۇم ئەھۋالىنى ئېنىق، توغرا ئىگىلەشنى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلاردىن ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشنى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىدىن جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ۋە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قاتتىق بۇيرۇقى، كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك قىلىشى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقىنى قوغداشقا رىغبەتلەندۈردى ۋە ئىلھاملاندۇردى.

«مۇشۇ ۋاقىتتا بىز پارتىيە ئەزالىرى ئاتاكىغا ئۆتمىسەك، كىم ئاتاكىغا ئۆتىدۇ؟» ۋۇخەن خوشېنشەن قۇرۇلۇش ئورنىدا پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى بار، 270تىن ئارتۇق ئىشچى پارتىيە ئەزاسى ئاۋانگارتلىق - نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىڭدىن ئارتۇق ئىشچىنى يېتەكلەپ كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش، قۇرۇلۇش مۇددىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا خوشېنشەن دوختۇرخانىسى سېلىۋاتىدۇ. «پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، غەلىبىلىك جەڭ قىلىمىز!» 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى بېيجىڭلىق 136 نەپەر داۋالاش ئەترىتى ئەزاسى يىغىلىپ، خەت قالدۇرۇپ، ۋۇخەنگە ئاتلاندى، پارتىيە ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن «ئەڭ گۈزەل تەتۈر يۈرۈش» قىلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ھالقىلىق پەيتتە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، خەتەرلىك، قىيىن پەيتتە جاننى تىكىپ قويۇپ، قەتئىي ئىشەنچى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق، «يۇقۇم − بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش − مەسئۇلىيەت» دېگەن سىياسىي ئاڭلىقلىقنى گەۋدىلەندۈردى، زامانىمىزدىكى كوممۇنىستلارنىڭ قەھرىمانلىق خىسلىتىنى نامايان قىلدى.

پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇشتا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى جەزمەن بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشى، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىشى، بىرتۇتاش ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ مەزگىلدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، پۈتكۈل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى كەسكىن ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئېگىز نۇقتىدا تۇرۇپ، تېخىمۇ يىراق نۇقتىغا قاراپ، تېخىمۇ چوڭقۇر نۇقتىدىن ئويلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، تېخىمۇ كەسكىن، تېخىمۇ كۈچلۈك - تەرتىپلىك، تېخىمۇ ئىلمىي - ئەتراپلىق تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇشى كېرەك.

پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇشتا، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھازىرقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى كەسكىن كۈرەشتە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئەسلىي مەقسەتنى ھەرىكىتىدە ئىپادىلەپ، بۇرچنى ئىش ئورنىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى، ھەربىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ ھەممىسى بىر قىپقىزىل بايراققا ئايلىنىشى، ھەربىر ياچېيكىنىڭ ھەممىسى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانغا ئايلىنىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، نەتىجە يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى كەڭ دائىرىدە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى تەشكىللەپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ قاتتىق مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەش ئەمەلىيىتىدە كادىرلارنى تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى خەتەرلىك پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشقا، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەشكە، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈشى، يېتەكلىشى كېرەك.

يۇقۇم قەيەردە بولسا، پارتىيەلىك كادىرلار شۇ يەردە جەڭ قىلىشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشتىكى مۇھىم جەڭ مەيدانى قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلىسەك، بىز چوقۇم خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ياخشى قوغدىيالايمىز.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى