تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردى −

بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

«پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرايلى». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى قاتتىق بۇيرۇق، شۇنداقلا كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى جەڭگىۋار قورغانلىق ۋە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ھەرىكىتىدە ئىپادىلەپ، بۇرچنى ئىش ئورنىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، خەلق ئاممىسىغا چىڭ تايىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان

ئۇچۇرنى تىزىملاش، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى چېچىش... 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى بەخت يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بەخت يولى جەنۇبىي مەھەللىسىدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەرنىڭ كىرىش ئېغىزىدا، خىزمەتچى خادىملار تەرتىپلىك ھالدا كىرىپ چىقىۋاتقان ئاپتوموبىل ۋە ئاھالىلەرگە قارىتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، بۇ مەھەللە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ھەربىر بىنا ئىشىكى، ھەربىر ئائىلىلىك ئاھالىگىچە ئەمەلىيلەشتۈردى.

«تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن بۇ يۇقۇم پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىك ئىرادىسىگە نىسبەتەن سىناق بولدى، بىز ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز» دېدى بەخت يولى جەنۇبىي مەھەللىسى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما يۆ.

1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، غۇلجا شەھىرى قارا دۆڭ يېزىسى جىڭيۈەن مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جۇ تۇڭيۈ ئالدىراپ كېتىۋاتاتتى، «جىڭيۈەن مەھەللىسىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە بار، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى ئىشلەيدۇ» دېدى جۇ تۇڭيۈ. 30 نەچچە خىزمەتچى خادىم گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ نۆۋەت بىلەن مەھەللىدە نۆۋەتچىلىك قىلىپ، كىچىك كاناي ئارقىلىق ئاھالىلەرگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى... مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جىڭيۈەن مەھەللىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى بىرمۇبىر دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتى.

«يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھېسسىياتى تەكشۈرۈپ كۆزىتىلدى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش سىنالدى. بىز ئەسلىي مەقسەتنى ھەرىكىتىمىزدە ئىپادىلەپ، بۇرچنى ئىش ئورنىمىزدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز» دېدى ئاراتۈرۈك ناھىيەسى ئاراتۈرۈك بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋېي ۋېي. ۋېي ۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاراتۈرۈك بازىرىدىكى 146 نەپەر پارتىيە ئەزاسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىنى چىڭ ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغداۋېتىپتۇ.

ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئاتاكىغا ئۆتۈش

يۇقۇم قەيەردە بولسا، پارتىيەلىك كادىرلار شۇ يەردە كۈرەش قىلدى. بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىدى، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى بىر قىپقىزىل بايراققا ئايلاندى.

«ھالقىلىق پەيتتە پارتىيە ئەزالىرى ئاتاكىغا ئۆتمىسە كىم ئاتاكىغا ئۆتىدۇ؟» 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سائەت 11 دە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا يۇقۇم بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل دوختۇرى جېڭ رۇڭگۈي ئەمدىلا ئىسمېنا ئالماشقان بولۇپ، كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى. مۇداپىئەلىنىش كىيىمىنى سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇزاق ۋاقىت مۇداپىئەلىنىش ماسكىسى تاقىۋالغاچقا، ئۇنىڭ قاڭشىرىدا روشەن بېسىلغان ئىز قالغانىدى. 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا يۇقۇم بۆلۈمىنىڭ ئامبۇلاتورىيەسى جىددىي لايىھەنى يولغا قويغاندىن بۇيان، جېڭ رۇڭگۈي ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئامبۇلاتورىيەدە 24 سائەت كېسەل كۆردى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ بۆلۈمدىكى تېببىي خادىملار ئىچىدە 22 پارتىيە ئەزاسى بار، ھەممىسى جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ، بىرمۇ ئادەم ئىككىلىنىپ چېكىنمىدى، ۋايسىمىدى، «ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلساقلا، بىز ھامان يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايمىز» دېدى جېڭ رۇڭگۈي تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سائەت 13تە، ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ بېلەت تەكشۈرۈش ئېغىزىدا، C8110 - قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرىدىغان يولۇچىلار تەرتىپ بويىچە ئۆچرەتتە تۇرۇپ بېلىتىنى تەكشۈرۈتۈۋاتاتتى، بېلەت تەكشۈرگۈچى چېن سىچى يولۇچىلارغا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئەسكەرتكەچ، ياشانغان، كىچىك، ئاغرىق، مېيىپ، ھامىلىدار يولۇچىلارنى يېشىل يولغا باشلاپ بېرىپ ئالدىن بېلەت تەكشۈردى. چاغان مەزگىلىدە، 25 ياشقا كىرگەن چېن سىچى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ دىجورنىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى: «مەن بىر پارتىيە ئەزاسى، بۇنداق ۋاقىتتا چوقۇم ئالدىدا مېڭىشىم كېرەك» دېدى ئۇ.

«مۇھىم پەيت ۋە خەتەرلىك، قىيىن ۋاقىتتا، پارتىيە ئەزالىرى ئاتاكىغا ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىپ، ئاممىنى يېتەكلىشى، ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك» دېدى 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، شىخەنزە شەھىرى لاۋجيې كوچىسى شياۋبەيياڭ مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى جۇ چېڭجۈن قەتئىيلىك بىلەن. شياۋبەيياڭ مەھەللىسىدە 3500 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ئاھالە بار، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، جۇ چېڭجۈن باشلامچىلىق بىلەن دىجورنىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەھەللىدە يېتىپ قوپتى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، 12 نەپەر مەھەللە كادىرى باشتىن - ئاخىر خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى، بولۇپمۇ بەش نەپەر پارتىيە ئەزاسى سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىش

«گۇرۇھ پارتىيە كومىتېتى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى باشلامچى بولۇپ، بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتى سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلەتتى» دېدى 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، سېختا ئالدىراش يۈرگەن شىنجاڭ جۇڭتەي شىنشىن خىمىيە سانائىتى پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئەخمەت سەمەت. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭتەي گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتى كەينى - كەينىدىن مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، قارىمىقىدىكى ئىككى كارخانىنى بار كۈچى بىلەن تىرىشىپ، دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتى سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىپ، دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتى خام ئەشياسى بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىشقا تەشكىللىدى.

1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سائەت 20 دە، كورلا شەھىرى بايىن شەرقىي يولىدىكى شىنجاڭ ياخشى يۇرت تاللا بازىرى ئەمدىلا تاقىلىشى بىلەن، تازىلىق ئىشچىسى مەربىيەم قاۋۇل 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى تەڭشەپ، پول، مال سېتىۋېلىش ھارۋىلىرىنى سۈرتۈشكە باشلىدى. تاللا بازىرى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تاللا بازىرى تەپسىلىي بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىققان، كونكرېت تەدبىرلەر ھەربىر ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن، پارتىيە ئەزالىرى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپتۇ. «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ھەربىر ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، پارتىيە ئەزالىرى ئاكتىپ باشلامچى بولۇۋاتسا، بىزمۇ ئارقىدا قالساق بولمايدۇ» دېدى مەربىيەم.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى چۈنشيا، يۈ شى، فۇ شياڭلۇڭ، چاۋ جىن، لۇ فېڭباۋ، جاڭ شياۋيەن، دۇ جيەنخۇي، رايىدە، جاڭ رۇيلىن، جەزىرە نېسىپبېك، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شۈ شۇاڭمىڭ، شى سەيخې يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى