تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىپ تۇتايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

تىنچلىق يىللىرىدا ئىس - تۈتەك بولمايدۇ، لېكىن ئىس - تۈتەكسىز جەڭ مەيدانى ئوخشاشلا ھەربىر ئادەمنى سىنايدۇ. جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپە ئالدىدا، جەزمەن جان پىدالىق كۆرسىتىپ، بەرداشلىق بېرىپ، ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك.

«يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىپ تۇتۇش كېرەك.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بولۇپمۇ ئاغرىقلارنى داۋالاش خىزمىتىنى قايتا تەتقىق قىلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، قايتا سەپەرۋەر قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا قارىتا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «يۇقۇم − بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش − مەسئۇلىيەت.» ھازىر دەل چاغان مەزگىلى، كىشىلەر كەڭ دائىرىدە زىچ يۆتكىلىۋاتىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تېز يامراۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەت ئالدىدا، جەزمەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇش كېرەك. بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىپ تۇتىشىمىزدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقىدا، خەلقنىڭ ھەممىدىن ئەلا بولغانلىقىدا، جەزمەن خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشتا مال - مۈلۈكنى ئايىماسلىق، ساغلاملىقنى قوغداشتا قىيىنچىلىق - جاپادىن قورقماسلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە جاپا - مۇشەققەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ سەۋەب، ھازىر يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىدا كېڭىيىش ھالىتى كۆرۈلگەنلىكىدە، جەزمەن «ئون قېتىم ئالدىنى ئېلىپ، توققۇز قېتىم قۇرۇق قېلىشقا بولىدۇكى، ئالدىنى ئېلىشتا ھەرگىزمۇ بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ»دا چىڭ تۇرۇش كېرەك، مەسىلىنى ئېغىرراق ئويلاپ، خەۋپ - خەتەرنى چوڭراق ئويلاپ، تەدبىرلەرنى تېخىمۇ ئەتراپلىقراق بېكىتكەندىلا، ئاندىن يۇقۇمنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنى يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك توسقىلى بولىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا خۇبېي ئۆلكىسىدىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش قىلىش تەلەپ قىلىندى، بۇنىڭدىكى سەۋەب خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشى - تىزگىنلىشى پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقىدا، جەزمەن تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تاشقى جەھەتتە سىرتقا چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بارلىق ئاغرىقلارنى مەركەزلىك ئايرىپ قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، بارلىق يېقىن ئۇچراشقان كىشىلەرگە قارىتا ئۆيىدە تېببىي تەلەپ بويىچە باشقۇرۇشنى قوللىنىپ، ۋۇخەنگە كىرىپ - چىققان ئادەملەرگە قارىتا قاتتىق باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى يولغا قويغاندىلا، ئاندىن يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

مەرد مەيداندا سىنىلار، ھەقىقىي ئالتۇن كۈچلۈك ئوتتا تاۋلىنار. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قانچىكى مۇھىم پەيت ۋە ئاچقۇچلۇق پەيتتە، بىر كادىرنى شۇنچە چېنىقتۇرغىلى، بىر كادىرنى سىنىغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا بىر كادىرنى شۇنچە پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىن ئىبارەت بۇ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەتنى ياخشى تۇتۇش - تۇتالماسلىق، ھەقىقىي تۇتۇش - تۇتالماسلىق، تەلتۆكۈس تۇتۇش - تۇتالماسلىق ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتكەن - كۈچەيتمىگەنلىكى، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتقان - چىڭىتمىغانلىقى، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرغان - ئاشۇرمىغانلىقىنى سىنايدىغان بىر مۇھىم ئۆلچەم. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەردىكى رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن ئېنىق چۈشىنىپ، ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نەقلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرىكەتتە قەتئىي، كەسكىنرەك بولۇپ، باشلامچى بولۇپ، ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ، بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىش كېرەك، قوماندانلىق قىلىپلا جەڭگە ئاتلانماسلىققا، بۇرغا چېلىپ قويۇپلا ئاتاكىغا ئۆتمەسلىككە بولمايدۇ، جەزمەن مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ۋاقتىدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ۋاقتىدا ھەرىكەت قوللىنىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن جاپا - مۇشەققەت، قىيىنچىلىق ئىچىدە تىز پۈكمەيدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ جەڭ قىلىدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە. يۇقۇم ئالدىدا، كەڭ تېببىي خادىملار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، «ئەڭ گۈزەل تەتۈر يۈرگۈچى»لەرنىڭ سىيماسىنى قالدۇردى؛ ھەرقايسى جايلاردىكى ياردەم بېرىدىغان داۋالاش ئەترەتلىرى چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى كېچىسى ۋۇخەنگە قاراپ يولغا چىقتى؛ ئىلگىرى بۇيرۇق بويىچە بېيجىڭدىكى شياۋتاڭشەنگە بېرىپ سارسقا تاقابىل تۇرغان نەنفاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش ئەترىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىپ، «ئەگەر جەڭ بولسا، چاقىرغان ھامان كېلىمىز، جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دەپ قەسەم بەردى... پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يېقىندىن ماسلىشىپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ تەڭ كۈچ چىقىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرمەكتە. «ھەرقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ»، پەقەت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ - داۋالاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللانساقلا، بىز چوقۇم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلالايمىز!

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى