تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2020- يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2020 - يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى، تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار:

گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ توپلىنىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھازىر 2020 - يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

1. 2020 - يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش ۋاقتى 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى(دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، يەكشەنبە)گىچە ئۇزارتىلىدۇ، 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى(دۈشەنبە)دىن باشلاپ نورمال ئىشقا چىقىلىدۇ.

2. ھەرقايسى جايلاردىكى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملار، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر، يەسلىلەر ئوقۇش باشلاشنى كېچىكتۈرىدۇ، كونكرېت ۋاقتىنى مائارىپ تارماقلىرى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

3. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سەۋەبلىك دەم ئالالمىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە تولۇقلاپ دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، دەم ئالمىغان ۋاقىتتىكى مائاشى، ئىش ھەققى ئالاقىدار سىياسەت بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلۈشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى كېرەك.

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى

2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى