تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇش ئەڭ گۈزەل «كەسىپنى قەدىرلەش بەخت كارتىسى»نى نامايان قىلىش

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

بۇ ئالاھىدە چاغاندا، نۇرغۇن كىشى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ گۈزەل «كەسىپنى قەدىرلەش بەخت كارتىسى»نى نامايان قىلماقتا. ئۇلار تېببىي خادىملار، پويىز خادىملىرى، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى، ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرلىرى، تاللا بازىرى خىزمەتچىلىرى، توك، پار بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈش خادىملىرى... ئۇلار ئاددىي ئىش ئورنىدا باشقىچە چىڭ تۇردى. چاغان مەزگىلىدە، پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان بىرىنچى سەپتىكى ئەمگەكچىلەرگە يېقىنلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىراش چاغلىرىنى خاتىرىلىدى.

مېھىر - مۇھەببەت ئارقىلىق قوغداش    ئىللىقلىق ئارقىلىق ئامانلىق - ساغلاملىقنى كاپالەتلەندۈرۈش

1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت 9دا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ سېسترالار باشلىقى ۋاڭ لۇ ئامبۇلاتورىيەگە بالدۇرلا كېلىپ ئىسمېنا ئالمىشىپ، ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ ئەتىدىكى نۆۋەتچى خادىملار ئۇچۇرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، ئاغرىق قوبۇل قىلىش سانلىق مەلۇماتى ۋە ھەرىكەتچان ئۇچۇرنى مەلۇم قىلدى، سېسترالارنىڭ ماسكا، كۆز ئاسراش ئەينىكى قاتارلىق ئۆزىنى قوغداش تەدبىرلىرىدە يوچۇق بار - يوقلۇقىنى تەكشۈردى... بۇ ئۇنىڭ ئۇدا ئالدىراش ئىشلىگەن ئۈچىنچى كۈنى. «مەن پارتىيە ئەزاسى، بۇنداق چاغدا ئەلۋەتتە بىرىنچى سەپتە تۇرۇشۇم كېرەك. بىز بۇ ئالاھىدە چاغاندا بىرلىكتە تىرىشىپ، يۇقۇمغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تاقابىل تۇرىمىز.» ۋاڭ لۇ مۇنداق دېدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، مەن چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى ئىش ئورنىغا قايتىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدىم، مەن ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا موھتاج ئانامنى سىڭلىمغا تاپشۇرۇپ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا يېتىپ باردىم.

«مەركىزىي شەھەر رايونىنىڭ بىر قېتىملىق سۇ بىلەن تەمىنلەش تېمپېراتۇرىسى 108 سېلسىيە گىرادۇس، قايتقان سۇ تېمپېراتۇرىسى 56 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، بېسىم، تېمپېراتۇرا پارامېتىرلىرى نورمال.» 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چاغاننىڭ 1 - كۈنى، ئالتاي شەھەرلىك لەنتيەن پار بىلەن تەمىنلەش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى جى يەنشوۋ ماسكا تاقاپ، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش سېخنى ئايلىنىپ كۆزىتىپ، تەۋەلىك رايوندىكى 120 پار پونكىتىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يۈرۈشۈش پارامېتىرلىرىنى تەكشۈردى. «يۇقۇم مەزگىلىدە يىغىلىشنى ئازايتىش، سىرتقا ئاز چىقىش تەشەببۇس قىلىندى، بىز ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدە بىر ئىللىق چاغان ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.» جى يەنشوۋ مۇنداق دېدى: چاغان مەزگىلىدە، بۇ پار بىلەن تەمىنلەش پونكىتىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى راۋان بولدى، رېمونتچىلار 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىپ تەييار تۇرۇپ، قەيەردە مەسىلە كۆرۈلسە بىرىنچى ۋاقىتتا بېرىپ جىددىي رېمونت قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشتىكى جىددىي تاقابىل تۇرۇشقا تېگىشلىك تۈرلۈك ۋەقەلەرنىڭ ۋاقتىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش    تىنچ - ئامان سەپەرگە چىقىش

1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت 14تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، Z70- قېتىملىق پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، يېڭى سەپەرنى باشلىدى. پويىز باشلىقى خې خەيبىن ماسكا تاقاپ ۋاگوندا موكىدەك ئۆتۈشۈپ، يولۇچىلارنىڭ يۈك - تاقلىرىنى رەتلىدى، يولۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى، يۇقۇمدىن ساقلىنىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى. ۋاگون ئىچىدىكى رادىيودا يۇقۇمدىن ساقلىنىش بىلىملىرى ئاڭلىتىلىۋاتاتتى، خې خەيبىن باشقا پويىز خادىملىرى بىلەن قەرەللىك ھالدا ۋاگون ئىچىگە دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى چاچتى، «كۆپچىلىك ماسكىنى ياخشى تاقاپ، قولۇڭلارنى يۇيۇپ تۇرۇڭلار، بىئارام بولۇۋاتقان يولۇچىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭلار». خې خەيبىن بىر تەرەپتىن ئالدىراش ئىشلىگەچ، بىر تەرەپتىن يولۇچىلارغا نەسىھەت قىلىۋاتاتتى. خې خەيبىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئالاقىدار تەلىپى بويىچە، يولۇچىلاردا گۇمانىي قىزىش ئالامىتى بايقالغان ھامان، دەرھال تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ئايرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يولۇچىلارنىڭ تىنچ - ئامان سەپەر قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

«ئاپتوبۇسقا ئاۋايلاپ چىقىڭ، سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.» 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت 14تە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 2005 - يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ باش بېكىتىدە، ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرى گۇ شياڭفېڭ ماسكا تاقاپ تۇرۇپ، ئاپتوبۇسقا چىققان يولۇچىلارنى سەۋرچانلىق بىلەن ئەسكەرتتى. چاغان مەزگىلىدە، گۇ شياڭفېڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش 2005 - يول ئاممىۋى ئاپتوبۇس لىنىيەسىدە قاتنىدى. چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىمدا ئۈچ يولۇچىنى توشىدى. ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۇ ئاپتوبۇسقا گازنى لىق قاچىلىدى ھەم ئاپتوبۇسنى پاكىز تازىلاپ ئاندىن ئۆيىگە قايتىپ جەم بولۇش تامىقى يېگەندە، سائەت 23 بولغانىدى. گۇ شياڭفېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شىركەتنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەر قېتىملىق ئاممىۋى ئاپتوبۇس يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئاپتوبۇسنى دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك، ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرلىرى چوقۇم ماسكا تاقىشى كېرەك، «ئۆزىنى قوغداش بىلەن بىللە، يولۇچىلارغىمۇ مەسئۇل بولۇش كېرەك» دېدى گۇ شياڭفېڭ.

ئاددىي ئىش ئورنىدا ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇش

1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت 9دا، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىنىڭ مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسى قادىر ھوشۇر ئالدىراش ھالدا كوچا بويلاپ قەغەز پارچىلىرى ۋە تاماكا قالدۇقلىرىنى تازىلاۋاتاتتى. مۇھىت تازىلىقى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 13 يىلدا، ھەر يىلى چاغاندا ئۇ خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى. «بۇ ئىككى كۈندە، كۈندىلىك تازىلاش ۋە ئاسراشتىن باشقا، بىز يەنە مەشغۇلات ئەسلىھەلىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ، كوچىلاردىكى ئەخلەتلەرنى كۈندە تازىلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى ماسكا تاقىۋالغان قادىر.

يول يۈزى، گۈللۈك، ئەخلەت ساندۇقى... پەقەت ئەخلەت بار يەر بولسىلا، قادىر پاكىز تازىلايدۇ. «يېقىندا ئىدارە بىرىنچى سەپتىكى مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنى يۇقۇمدىن ساقلىنىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىدى، بىز ئۆزىمىزنى ياخشى قوغداش بىلەن بىللە، يەنە چاغان مەزگىلىدە شەھەر قىياپىتىنىڭ رەتلىك، پاكىز بولۇشىغا، ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىش مۇھىتىنىڭ پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دېدى قادىر.

«نەق پۇل تاپشۇرامسىز ياكى ئۈندىداردىمۇ؟» «خالتا ئالامسىز؟» 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، چۆچەك شەھىرىدىكى بەيجيا تاللا بازىرىدا پۇل يىغقۇچى زەينۇر مۇقامەتقان بىر تەرەپتىن پۇل يىغقاچ بىر تەرەپتىن خېرىداردىن سوراۋاتاتتى. ماسكا تاقىۋالغاچقا، خېرىدارلارنىڭ ئاڭلىيالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا سوراۋاتاتتى. تاللا بازىرىنى دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنىڭ سۇس پۇرىقى قاپلىغان بولۇپ، خېرىدارلار ماسكا تاقاپ، ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاۋاتاتتى، ھەممە ئىشلار تەرتىپلىك ئىدى. «نۇرغۇن يىل چاغاننىڭ ھەممىسىنى ئىش ئورنىمىزدا ئۆتكۈزدۇق، بۇ يىل چاغان گەرچە ئالاھىدە بولسىمۇ، لېكىن بىز قوغدىنىشنى ياخشى قىلىپ، تاۋار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، خېرىدارلارنى سەمىمىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز» دېدى زەينۇر.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، چاۋ جىن، يۈ شى، ۋېي خۇڭپىڭ، جاڭ تىڭ، لۇ فېڭباۋ، ۋاڭ دۇڭ، رايىدە يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى