تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرەيلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كەم - كوتسىز ياخشى ئىشلەپ، قەتئىي تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايونىمىز ئۇدا يىغىن ئېچىپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ھازىر ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە قارىتا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش 1 - دەرىجىلىك لايىھە مېخانىزمى يولغا قويۇلۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ «بىر تاختا شاھمات»، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش كۈچەيتىلىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ.

ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى كەسكىن، بىز جەزمەن تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ئىستىل ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىشقا جۈرئەت قىلىش ھەممىدىن مۇھىم. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە تەكشۈرۈلۈپ كۆزىتىلىدىغىنى خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەت، سىنىلىدىغىنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش. بىز ئادەمنى ئاساس قىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنى چوڭراق ئويلاپ، مەسىلىنى ئېغىرراق ئويلاپ، قىيىنچىلىقنى كۆپرەك ئويلاپ، سەپ تارتىپ تەييار تۇرۇپ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ چىڭ ساقلاپ، قەتئىي بىپەرۋارلىق قىلماسلىقىمىز، سەۋەنلىك ئۆتكۈزمەسلىكىمىز كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ھالقىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، قىلچىلىك بوشاڭلىق قىلماسلىقىمىز، ئازراقمۇ مەۋھۇم ئىش قىلماسلىقىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەردىكى رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، ۋاقتىدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ۋاقتىدا ھەرىكەت قوللىنىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايون يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىلمىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش، كاپالەتلەندۈرۈشنى ياخشى قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىشنى يەنىمۇ ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك جايىدا بولۇش، خىزمەت مەسئۇلىيىتى جايىدا بولۇش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى جايىدا بولۇش، ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش جايىدا بولۇش، ئۈنۈملۈك ئايرىش جايىدا بولۇش، ئىلمىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش جايىدا بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ تەرتىپلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. ئومۇمىي خەلق قاتناشمىسا، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقى بولمايدۇ. ھەر مىللەت ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە قوزغاپ، ئالاھىدە ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك. يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە ئاتلىنىشقا ئەڭ زور دەرىجىدە، ئەڭ كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىپ، تەشكىللەپ، يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تۈزەشتەك پۇختا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى قىلىش كېرەك. بۇ، يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋاقتىدا، توغرا، ئىلمىي، ئاشكارا ئېلان قىلىپ، ئالاقىدار سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغان جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشنى؛ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياخشى قوغدىنىپ، سەپەرگە چىقىشنى ئاڭلىق تىزگىنلەپ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنكاس قىلىپ، ياخشى روھىي ھالەت بىلەن يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش ھەم داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۇچۇر توپلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ماسلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى بولسىلا، ھەممەيلەن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلسىلا، ئاندىن ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتەلەيدۇ.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بىزنىڭ كەسكىن سىناق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىزدىكى قۇدرەتلىك كۈچ؛ ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش بارلىق قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى ئەڭ زور شىجائەت. بىز «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىسەكلا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى