تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، ئامما ئالدىنى ئېلىپ، ئامما تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي، كەسكىن غەلىبە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، ئامما ئالدىنى ئېلىپ، ئامما تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي، كەسكىن غەلىبە قىلىش كېرەك

  1- ئاينىڭ 27 -كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو مىكروبسىز داۋالاش ئەسۋابلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدا ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، چىڭ ساقلاپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ، داۋالاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى چېنگۇاڭ خۇايۈەن ئولتۇراق رايونىدا 2400دىن ئارتۇق ئائىلىلىك 6000دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاھالە ئولتۇراقلاشقان. ئولتۇراق رايوننىڭ كىرىش ئېغىزىدا، تىيانشان رايونلۇق كېسەلنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ۋە مەھەللە، ئولتۇراق رايون مۈلۈك باشقۇرۇش خىزمەتچى خادىملىرى ھەر مىللەت ئاھالىلەرگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتاتتى، كىرىۋاتقان ئاپتوموبىل ۋە كىشىلەرنى تەرتىپلىك دېزىنفېكسىيە قىلىۋاتاتتى، تىزىملاۋاتاتتى. چېن چۈەنگو خىزمەتچى خادىملاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەھەللىدە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى مۇداپىئە سېپى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ۋە تەن ساغلاملىقىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، مەھەللىدە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەھەللىدە دېزىنفېكسىيەلەش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تىزىملاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، سىرتتىن كەلگەن كىشىلەر، بولۇپمۇ يۇقۇم يۈزبەرگەن رايوندىن كەلگەن كىشىلەرنى ۋاقتىدا باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، ئىز قوغلاپ، يېقىندىن ئۇچراشقانلارنى تېببىي تەلەپ بويىچە ئايرىشنى كۈچەيتىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش مېخانىزمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەربىر ئىشىك، ھەربىر ئائىلىدىكى ئاھالىگىچە تەشۋىق قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرغان ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى ئۆيىدە خاتىرجەم تۇرۇش، ئازادە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى شىمالىي رايون سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى مىكروبسىز داۋالاش ئەسۋابلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، بۇ شىركەت دەم ئېلىشنى دەرھال توختىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى. نۆۋەتتە شىركەت ھەر كۈنى 1000 قۇر مۇداپىئە كىيىمى، 50 مىڭ ماسكا ئىشلەپچىقىرىپ پۈتۈن شىنجاڭ بازىرىنى تەمىنلەۋېتىپتۇ ھەم يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى بولغان مۇداپىئە كىيىمىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ ئېچىۋېتىپتۇ، سەھىيە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن دەرھال ئىشلەپچىقىرىدىكەن. چېن چۈەنگو مۇداپىئە ئايرىش كىيىمى، بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، كارخانىدىكى مەسئۇل يولداشلارنى بار كۈچى بىلەن تىرىشىپ، مۇداپىئە كىيىمى، ماسكا قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىپ، بازارنى تەمىنلەشنى ئاشۇرۇپ، سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. چېن چۈەنگو ئالاقىدار تارماقلاردىن ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، جىددىي ئىشنى تېز بېجىرىپ، ئۆلچەمنى قاتتىق ئىگىلەپ، تەكشۈرۈشنى تېزلىتىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.

چېن چۈەنگو يەنە قەشقەر شەرقىي يولىدىكى بىر دورا دۇكىنىغا كىرىپ، ماسكا ۋە كۈندىلىك دورا قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دورا ۋە دائىم ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، زاپاس ساقلاش، تەمىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تەشكىللەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تاۋارلارنى بېسىپ قويۇپ ھايانكەشلىك قىلىش، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ، داۋالاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن غەلىبە قىلىشى كېرەك. ۋەزىيەتكە توغرا ھۆكۈم قىلىپ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش، بىرتۇتاش ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، توغرا ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ يۈزلىنىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا ئىلمىي تەڭشەش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئاممىنى ياخشى سەپەرۋەر قىلىش كېرەك، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى جەڭگىۋار قورغانلىق ۋە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا تايىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، ئامما ئالدىنى ئېلىپ، ئامما تىزگىنلەپ، ئامما ئالدىنى ئېلىپ، ئامما تۈزەپ، دائىرىلەپ باشقۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تىزىملاش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ پۇختا مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ماددىي ئەشيالارنى ياخشى تەشكىللەپ، ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەپ سەپلەش، تەشكىللەش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ، دورا، دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى، مۇداپىئە بۇيۇملىرى، قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئەسۋابلىرى قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى تەمىنات كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىۋى پىكىرنى ياخشى يېتەكلەپ، قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە يۇقۇم ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئالاقىدار سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان تارقىلىپ يۈرگەن گەپ - سۆزلەرنى ئېنىقلاپ، ئىغۋانى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. مۇقىملىقنى ياخشى قوغداپ، بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تۇتۇش، بىر قولدا مۇقىملىقنى قوغداشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ھازىرلاش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.