شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 26-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر يۈ چۇڭيۈەن) مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنى مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 0گىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيەدىن 11 مىليارد 210 مىليون يۈەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ياردەم مەبلىغى چۈشۈرۈلۈپ، داۋالاش-قۇتقۇزۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە كېرەكلىك ئۈسكۈنە ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلتىلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، گوۋۇيۈەننىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىراجىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خىراجەت مەسىلىسى تۈپەيلىدىن كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە تەسىر يەتكۈزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلغان. مالىيە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: مەركەز مالىيەسى ۋە يەرلىك مالىيەلەر كاپالەت سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىراجىتىنىڭ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.