تىيانشان تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 1-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، ئاپتونوم رايون(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان يەنە بەش ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى دوكلات قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن بىرى، ئىلى ئوبلاستىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن بىرى، تۇرپان شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن بىرى، بىڭتۇەن 7-شىسىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن بىرى، بىڭتۇەن 8-شىسى شىخەنزە شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن بىرى بار.
1-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 24:00 كىچە، ئاپتونوم رايون(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) جەمئىي يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن 10نى دوكلات قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىلى ئوبلاستىدا يېڭىدىن كۆپىيىپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىر كېسەللىك مىسالى ئېغىر كېسەللىك مىسالىغا ئايلانغان. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىساللىرى ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بەشى، ئىلى ئوبلاستىدا ئىككىسى، تۇرپان شەھىرىدە بىرى، بىڭتۇەن 7-شىسىدە بىرى، بىڭتۇەن 8-شىسى شىخەنزە شەھىرىدە بىرى بار ئىكەن، ھازىر ئېغىر كېسەللىك مىسالىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، ئۆلۈپ كەتكەن كېسەللىك مىسالى يوق.
نۆۋەتتە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن يېقىندىن ئۇچراشقانلاردىن 204 كىشى بار بولۇپ، توققۇز كىشىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان، ھازىر 195 كىشى تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.