تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يۇقۇم − بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش − مەسئۇلىيەت.

پەقەت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ، داۋالاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللانساقلا، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز. 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى مەخسۇس ئاڭلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بولۇپمۇ ئاغرىقلارنى داۋالاش خىزمىتىنى قايتا تەتقىق قىلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، قايتا سەپەرۋەر قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چاغاننى تىنچ - خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشىگە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرى قاتارلىق جايلاردا يېقىندىن بۇيان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كەينى - كەينىدىن يۈزبەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، كۆپ قېتىم دوكلات ئاڭلاپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ھەم ئالاقىدار تارماقلاردىن ئەتراپلىق لايىھە تۈزۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى تەشكىللەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ھالىتىنى قەتئىي توسۇشنى تەلەپ قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، گوۋۇيۈەن كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلدى، ھەل قىلدى، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى كۈچلۈك، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا. بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇنداق قارار قىلىندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرىدۇ، بۇ گۇرۇپپا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خۇبېي قاتارلىق يۇقۇم ئېغىر رايونلارغا يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئالاقىدار جايلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىزدا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالار كېچىلەپ توشۇلدى؛ ھاياتلىققا كۈچ ئۇلاش ئۈچۈن، تېببىي خادىملار جىددىي ئاتلاندى. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە جايلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، بىرقەدەر قىسقا ۋاقىتتىلا كېسەل مەنبەسىنى ئېنىقلاپ، ئاغرىقلارنى پائال قۇتقۇزۇپ، داۋالاپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى. ھەرقايسى جايلار جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە قارىتا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش 1 - دەرىجىلىك لايىھە مېخانىزمىنى كەينى - كەينىدىن يولغا قويدى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋۇخەنگە جىددىي ياردەم قىلىپ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇردى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تېببىي خادىملار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە جەڭ قىلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بولۇپمۇ خۇبېيدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ماسلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئورتاق قوغدىدى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، پائال ياردەم قولىنى سۇنۇپ، بىرلىكتە مەدەت - ئىلھام بەردى.

ھەممە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشسا، ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغان تاغ يوق؛ كۆڭۈللەر، قوللار تۇتاشسا، ھەل بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، قەتئىي بوشاشماي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يىغىننىڭ تەلىپى بويىچە، تۈرلەرگە ئايرىپ ھەرقايسى جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقۇملانغان ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش، داۋالاش، كەڭ داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ياخشى قوغداش كېرەك، قانۇن بويىچە ئىلمىي، تەرتىپلىك ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، يۇقۇم ئەھۋالىنى دەل ۋاقتىدا، توغرا، ئوچۇق - ئاشكارا ئېلان قىلىپ، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەردىكى رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جېڭىدە سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ۋاقتىدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ۋاقتىدا ھەرىكەت قوللىنىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ھاياتلىق تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك. خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدىغانلىق ئەسلىي مەقسىتىمىزنى قوغدىغانلىق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىكى كادىرلار باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن بىللە بولۇپ، باشتىن - ئاخىر پۇقرالار ئويلىغاننى ئويلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىسىلا، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز.

(1 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى