تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ھەممە بىر نىيەتتە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىش

− پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى قىلىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

بۇ، تاسادىپىي دۇچ كەلگەن يېڭى خىرىس، تۇيۇقسىز دۇچ كەلگەن يېڭى سىناق − دەل يىل ھالقىغان پەيتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى شىددەتلىك بولدى.

يۇقۇم − بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش − مەسئۇلىيەت.

يۇقۇم تېز يامراۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەر بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، ھەممە تەرەپ بايلىق جەھەتتە جىددىي ياردەم بېرىپ، ئالاقىدار تارماقلار پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى، بىر مەيدان پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى باشلاندى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ھەرىكەتتە −

دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە كېسەللىك مىسالىنى كۈندىلىك دوكلات قىلىش ۋە نۆل دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچتە دورا بۇيۇملىرى ئىسكىلات قالدۇقى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالارنى ئىشلەپچىقىرىش - تەمىنلەش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى.

پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن گۇرۇپپا باشلىقى بولغان، 14 مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن بىرلىشىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش خىزمەت مېخانىزمى بويىچە ئىلمىي تەتقىق قىلىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، پەن - تېخنىكىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلەتتى.

مالىيە مىنىستىرلىقى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشى - تىزگىنلىشى ئۈچۈن 1 مىليارد يۈەن جىددىي ياردەم مەبلىغى چۈشۈرۈپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنىڭ خىراجەت مەسىلىسى سەۋەبىدىن داۋالىنىشىغا تەسىر يەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى ھەم دوختۇر، ئاغرىق قاتارلىق خادىملار توشۇلغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆلكە ئاتلاپ يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا يۈرۈشىگە قارىتا يول يۈرۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى ھەم ئالدىن يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

تاموژنا باش مەھكىمىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يۇقۇملۇق كېسەللەرنى كارانتىن قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، تەدبىر قوللىنىپ، ئىمپورت ئىئانە ماددىي ئەشيالىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتى بېجىرىشكە يېشىل يول ئېچىپ بەردى.

بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش ۋە ئۇنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ ھەرقانداق شەكىلدىكى ياۋايى ھايۋانلار سودىسىنى چەكلەش قارارىنى چىقاردى.

......

ھەر دەرىجىلىك يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرمۇ ھەرىكەتكە كەلدى −

نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 30 ئۆلكە ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە قارىتا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش 1 - دەرىجىلىك لايىھەسىنى يولغا قويغانلىقىنى، ئەڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى:

ئەنخۇي، خېنەن قاتارلىق جايلاردىكى سەھىيە تارماقلىرى پۈتۈن سىستېما بويىچە جىددىي ھالەتكە كىرىپ، چاغانلىق دەم ئېلىشنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىپ، بارلىق خادىملار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە تەييارلاندى؛

خۇنەن، جياڭشى قاتارلىق جايلار چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش ۋە دائىرىلەپ سېلىشتۇرۇش شەكلىنى قوللىنىپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يولغا قويدى؛

بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق جايلار ئۆلكىلەر ئارا ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار نۆۋەتچى ئاپتوبۇسى ۋە ساياھەت كۆتۈرە ئاپتوموبىللىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، يۇقۇمنىڭ يولدا يولۇچى توشۇش ئارقىلىق تارقىلىشىنى قاتتىق تىزگىنلىدى.

......

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ئومۇمىي خەلق ھەرىكەتتە −

خۇبېي سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسىدىكى بارلىق خادىملار دەم ئېلىشتىن ۋاز كېچىپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى، 500 مىڭدىن ئارتۇق تېببىي خادىم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ.

كەڭ تېببىي خادىملار بەس - بەستە جەڭگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىپ، يۇقۇم رايونىغا قاراپ ئاتلاندى.

ۋۇخەندە، خۇبېيدا، پۈتۈن جۇڭگودا، بىر مەيدان بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلماقتا.

يۇقۇم ھامان ئۆتۈپ كېتىدۇ، باھار جەزمەن يېتىپ كېلىدۇ!

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر پۈتۈن كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللانسا، جەزمەن بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى