تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا كىرىش خاراكتېرلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان يەنە بىر ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى

    ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 1-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، ئاپتونوم رايون كىرىش خاراكتېرلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان يەنە بىر ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى دوكلات قىلدى.

   ئاغرىق جاڭX، ئايال، 29 ياش، ئۇزاق ۋاقىت ۋۇخەندە خىزمەت قىلغان، 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن، قىزىش، سوغۇقتىن قورقۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، پۈتۈن بەدەن موسكۇللىرى يىنىك دەرىجىدە سىرقىراپ ئاغرىش ئالامەتلىرى سەۋەبىدىن 1-ئاينىڭ 23-كۈنى دوختۇرخانىغا كىرىپ ئايرىپ داۋالانغان. ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنى كونترول قىلىش مەركىزى ۋىرۇسنى نۇكلېئىك كىسلاتالىق تەكشۈرۈپ ئۆلچىگەندە، نەتىجىسى مۇسبەت بولۇپ چىققان. 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى دىياگنوز قويۇش مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى بۇ كېسەللىك مىسالىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالى ئىكەنلىكىنى باھالاپ جەزىملەشتۈردى. ھازىر، بۇ ئاغرىق داۋاملىق شۇ جايدىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا ئايرىپ داۋالىنىۋاتىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلىق.

  1-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 24كىچە، ئاپتونوم رايون جەمئىي يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۈچ ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى، ھەممىسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كېسەللىك مىسالى ئىكەنلىكىنى، ئېغىر  كېسەللىك مىسالى ۋە ئۆلگەن كېسەللىك مىسالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى دوكلات قىلدى.

   ھازىر يېقىن ئۇچراشقۇچى ئون كىشى ئىز قوغلاپ تېپىلدى، ئۇلار تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى