ھەممە ئائىلە شاد - خۇراملىققا چۆمۈپ بىرلىكتە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتى چوڭقۇرلاشتى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەممە ئائىلە شاد - خۇراملىققا چۆمۈپ بىرلىكتە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتى چوڭقۇرلاشتى

− تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئامما چاغاننى خۇشال ئۆتكۈزمەكتە

چاغان ئالدىدا، خوشۇت ناھىيەسى شېخو ئويۇنى سەيلە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ھەر مىللەت ئامما بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، خۇشال - خۇرام ھالدا داقا - دۇمباق ساداسىغا جور بولۇپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان مەدھىيەسى ۋە يېڭى بىر يىلدىكى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلىدى.

(ۋاڭ لىنرۇڭ فوتوسى)

چاشقان يىلىنى مۇبارەكلەپ، گېڭزى يىلىدىكى چاغاننى كۈتۈۋالدۇق. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھەممە يەر قويۇق چاغان كەيپىياتىغا چۆمۈپ، بەخت باش تېمىسى يەتكۈزۈلۈپ، كەلگۈسىگە ئۈمىد باغلاندى.

ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى تۇغقانلاشقان كادىرلار چاغانلىق تىلەكلىرىنى ئېلىپ، بۇرۇنلا تەييارلاپ قويغان سوۋغاتلارنى ئېلىپ كەنتكە كېلىپ قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى يوقلاپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە چاغان ئۆتكۈزدى.

ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر جەم بولۇپ چاغاننى تەبرىكلىدى

1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى، خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسى قوتازمەھەللە كەنتى. «ئىگەمبەردى ئاكا، ياخشىمۇسىز؟ مەن شياۋجىن.» شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى ئارقا سەپ باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جىن دېڭمىڭ چۇنليەن، بەخت خېتى ۋە چاغانلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ، تۇغقىنى ئىگەمبەردى مەمەتنۇرنىڭ ئىشىكىنى چەكتى. كۆرۈشۈپلا، ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن قىزغىن قۇچاقلاشتى.

«ئائىلىڭىزدىكىلەر ياخشىمۇ؟ سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟ بالىلار زاۋۇتتا ئىشلەشكە كۆنۈپ قالغاندۇ...» جىن دېڭمىڭ بىلەن ئىگەمبەردى ئەھۋاللاشتى، «خاتىرجەم بولۇڭ، بۇ يىل كىرىمىمىز يامان ئەمەس، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلمايمىز، سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، تېخىمۇ غەيرەتكە تولغاندەك ھېس قىلدىم....»

جىن دېڭمىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئاكامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، ئۆيدىكى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ئاساسەن يەڭگەم قىلىدۇ، قىزى بىلەن ئوغلى يېقىن ئەتراپتىكى زاۋۇتتا ئىشلەيدۇ، مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمەن، ئۇنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم قىلىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمەن».

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى بەشكەنت بازىرى تېرەكئاچال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، يېڭى يىللىق پىلان ئۈستىدە كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىپ، تەرەققىيات تەدبىرلىرىنى پىلانلىدى.

كەنت ئاھالىسى رىزۋانگۈل تۇرسۇننىياز مۇنداق دېدى: «ھازىر كەنتىمىزدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، بىز ئىشىكىمىزنىڭ ئالدىدىلا پۇل تاپالايدىغان بولدۇق، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، بۇ يىل بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە تىرىشىپ، پىكاپ سېتىۋېلىپ، گۈزەل تۇرمۇشتىن ئوبدان ھۇزۇرلىنىمىز».

«2019 - يىلى مەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ 25 مىڭ يۈەن پۇل تاپتىم، پۈتۈن ئائىلىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇ يىل تېخىمۇ تىرىشىپ، كۈنلىرىمنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزىمەن.» كەنت ئاھالىسى نۇرمەمەت ھەسەنمۇ تۇغقانلاشقان كادىر بىلەن بۇلتۇرقى ھوسۇل ۋە يېڭى يىللىق ئارزۇسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

ئىللىق ئېقىم مەۋج ئۇرۇپ قەلب ئېتىزىنى سۇغاردى

چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ماناس ناھىيەسى لىياڭجوۋخۇ بازىرى لىياڭجوۋخۇ يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى، ماناس ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بېيۋۇچا بازىرى دامياۋ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئايرىم - ئايرىم كەنتتىكى قارىغۇچىسى يوق ياشانغان يې چېڭخەي، جاۋ گۇيشېڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ياشانغانلارغا ھەمراھ بولۇپ چاغانلىق جەم بولۇش تامىقى يېدى. ئۆيدە كۆكتات يۇيدى، كۆكتات توغرىدى، مەشكە ئوت ياقتى، ئۆي يىغىشتۇردى. سىرتتا چۇنليەن چاپلىدى، ھويلىنى سۈپۈردى، كۆپچىلىك ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

شۇ كۈنى جاۋ گۇيشېڭنىڭ 70 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنت كادىرلىرى مومايغا ئالاھىدە تۇغۇلغان كۈن تورتى ئېلىپ بەردى، كۆپچىلىك بىرلىكتە جياۋزى تۈگۈپ، قورۇما تەييارلىدى.

«ئانا، بۈگۈنكى تۇغۇلغان كۈنىڭىزدە خۇشال بولدىڭىزمۇ؟ بۇنىڭدىن كېيىن بالىلىرىڭىز يېنىڭىزدا بولمىسا، بىز سىزنىڭ بالىلىرىڭىز، قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بولسا بىز بىرلىكتە ھەل قىلىمىز، كۈنلىرىڭىز چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دېدى ماناس ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بېيۋۇچا بازىرى دامياۋ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى بى جۈنشىن جاۋ گۇيشېڭ موماينىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.

ئاراتۈرۈك ناھىيەسى ئاداق يېزىسىدىكى خىزمەت ئورنىدا ئىشلەۋاتقان كادىرلارنىڭ ئىللىق، مېھىر - مۇھەببەتلىك چاغان ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، ئاداق يېزىسىنىڭ مەركىزىي كەنتىدىكى ئامما ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ يېزا ئاشخانىسىغا 1500 جياۋزى ئەكېلىپ بەردى.

«كادىرلار جاپا چېكىپ ئامما ئۈچۈن بىر يىل مۇلازىمەت قىلدى، چاغان مەزگىلىدە يەنىلا خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتىدۇ، بىز جياۋزى تۈگۈپ، ئازراق كۆڭلىمىزنى ئىپادىلىدۇق، ئۇلارنىڭ ئەجرىگە رەھمەت» دېدى كەنت ئاھالىسى نىيازخان گالى.

جياۋزى يەپ، ئىللىق ئېقىم ھەربىر كادىرنىڭ قەلب ئېتىزىغا ئېقىپ كىردى.

بىر نىيەتتە قول تۇتۇشۇپ بېيىش يولىغا ئاتلىنىش

بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىدىكى 12 نەپەر كادىر چاغانلىق تىلەكلىرى ۋە گۈرۈچ، ياغ، مېۋە - چېۋە قاتارلىق يېڭى يىللىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ، چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى چۈشتىن كېيىن بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى چىيغانجىيدە يېزىسىنىڭ سېكروۋ كەنتىگە كېلىپ تۇغقانلىرىنى يوقلىدى.

كەنت ئاھالىسى قارقىنبېك مۇپتىقان تۇغقىنى ياڭ شياۋدۇڭنىڭ ئۆيىگە كېلىپ چاغاننى بىللە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئەتىگەندىلا ھويلا - ئارانلىرىنى تازىلاپ، تۇغقىنىنى كۈتۈۋالدى.

ياڭ تاغىسىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بالىلار خۇشال ھالدا يۈگۈرۈپ بېرىپ چاغىنىنى تەبرىكلىدى. «چاغان كەلدى، سىلەرگە چىرايلىق يېڭى كىيىم ئېلىپ كەلدىم، تېز كېلىپ كىيىپ بېقىڭلار، يېڭى يىلدا ئۆگىنىشتە ئىلگىرىلىشىڭلارغا تىلەكداشمەن. بۇ يەردە يەنە گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، كۆكتات بار، بۇ يىل چاغاننى بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە ئۆتكۈزىمىز.» ياڭ شياۋدۇڭ سوۋغاتلارنى قويغاندىن كېيىن، تۇغقانلىرى بىلەن بىللە چۇنليەن چاپلىدى، بەخت خېتىنى ئاستى.

كۆپچىلىك چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، يېڭى بىر يىلنى كۈتۈۋالدى. پاراڭلىشىش جەريانىدا، قارقىنبېكنىڭ بۇ يىل ئىسسىق قوتاننى كېڭەيتىپ ياساپ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتمەكچى بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ياڭ شياۋدۇڭ ئۇنىڭغا ناھىيەنىڭ ئىسسىق قوتان ئۆزگەرتىش - سېلىش، يەم - خەشەك تېرىش، دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ چارۋىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاقىدار ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى چۈشەندۈردى. «بۇ بىر نەچچە يىلدا دۆلەتنىڭ سىياسىتى ناھايىتى ياخشى بولدى، بۇلتۇر بىر يىلدىلا مەن 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىم، بۇ يىل يەنە سىياسەتكە تايىنىپ باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىمەن» دېدى قارقىنبېك.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەزكىرە ئىشخانىسىدىكى تۇغقانلاشقان كادىرلار ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى خېپەن كەنتى لۈجيايۈەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش سورۇنى قىلىپ تاللىدى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا شۇ كەنتتىن چىققان ياڭاق، ئالما ۋە چىلانلار تىزىلغان بولۇپ، خۇشال كۈلكە سادالىرى ياڭراپ تۇراتتى، بەزى تۇغقانلاشقان كادىرلار تۇغقانلىرى بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋىۋىسكىسى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشتى، بەزى تۇغقانلاشقان كادىرلار تۇغقانلىرىدىن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگەن - كىرمىگەنلىكىنى ھەمدە بۇلتۇرقى كىرىم ئەھۋالىنى سورىدى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەزكىرە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۇ شىن قاتارلىق تۇغقانلاشقان كادىرلار مۇنداق بىلدۈردى: كەنت ئاھالىلىرى، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشلەپ، كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىز كوپىراتىپنىڭ ياخشى تەشۋىقاتچىسى ۋە مۇلازىمەتچىسى بولۇپ، كوپىراتىپنى سۈپەتلىك ماركا يارىتىش، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، ئادەم ئىشلىتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى رايىدە، پەرىزات ئابدۇل، خەن چىنيەن، جاڭ تىڭ، جاڭ جىلى، گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ ياڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى