تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ قەلبلەر ئىللىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن چىنيەن

1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، مۇخبىر پوسكام ناھىيەسىنىڭ تۇڭئەن يېزىسى يېڭىئاۋات كەنتىگە كەلدى. كەنتكە كىرگەندە، پاكىز يول، رەتلىك ئەمىن ئۆيلەر كىشىگە بۇ يەردىكى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچنى ھېس قىلدۇراتتى. ھەممە ئائىلىلەر قىپقىزىل چۇنليەن چاپلىغانىدى، خۇشال كەيپىيات ئۇرغۇپ تۇراتتى.

«ھازىر قەلبىمدە ھەقىقەتەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان خۇشاللىق ۋە ھاياجان بار، ئەزەلدىن ئاستىدىن ئىسسىيدىغان پارلىق يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشىمنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. بۇ يىل مۇشۇ يەردە چاغان ئۆتكۈزىمىز، قەلبىم بەكلا ئىللىدى.» كەنت ئاھالىسى تۇماخان ھۈسەننىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

تۇماخان ئىلگىرى ياشىغان ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ كوسراپ يېزىسى تاغلىق كۆلىمى %95تىن ئاشىدىغان كوئېنلۇن تاغلىق رايونىغا جايلاشقانىدى.

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بولمىسا، بۇ ئۆمرۈمدە نەدىمۇ بۇنداق ئازادە، يورۇق، ئىسسىق يېڭى ئۆيدە ئولتۇرالايتتىم!» دېدى تۇماخان ھاياجانلانغان ھالدا.

تۇماخاننى ئەڭ خۇشال قىلغىنى، يېڭى ئۆيىگە سۇ ئىسسىتقۇچ ئورنىتىلغانلىقى بولۇپ، ھەر ۋاقىت ئىسسىق سۇ ئىشلەتكىلى بولاتتى. ھالبۇكى، ئۇلار ئىلگىرى يۇيۇنسا، بىر داس سۇ ئېلىپ بەدىنىنى لۆڭگە بىلەن سۈرتەتتى. «تاغ ئىچىدە تۇرغان ۋاقتىمىزدا، مەكتەپتە ئوقۇش، كېسەل كۆرسىتىشنىڭ ھەممىسى قولايسىز ئىدى. ھازىر ئۆيدىن مەھەللە پائالىيەت مەركىزى، تاللا بازىرى، شىپاخانىغا بېرىشقا نەچچە مىنۇتلا كېتىدۇ.» تۇماخاننىڭ ئېيتىشىچە، تاغدا تۇرغاندا ئۇ يەر تېرىپ، قوي بېقىشقىلا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتىكەن، كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇ كەنتتىكى نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا ئىشلەشكە باشلاپتۇ. تۇماخان ئۆزىنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە «خىزمەتچى»گە ئايلىنىپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەن.

يېرىم يىل ئىلگىرى، ھاشىم ھۈسەن ئائىلىسىمۇ كوئېنلۇن تاغلىق رايونىدىن كۆچۈپ، تۇڭئەن يېزىسىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپتۇ. كۆچۈپ كەلگىنىگە ئۇزاق بولمىغان بولسىمۇ، يېڭى تۇرمۇش مەنزىرىسى شەكىللىنىپ بوپتۇ.

«ئائىلىمىزدىكى بەش جان ئەمدى كىچىككىنە ئۆيدە قىستالمايدىغان بولدۇق، يېڭى ئۆيدە چاغان ئۆتكۈزۈش ھېسسىياتى ھەقىقەتەن ياخشىكەن!» گەرچە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگىنىگە يېرىم يىل بولغان بولسىمۇ، ھاشىم يەنىلا ھاياجان ئىلكىدە ئىدى.

«ئىلگىرى، ھەر يىلى 8 - ، 9 - ئايلاردا تاغدىن كەلكۈن، لاي - شېغىللىق ئېقىن كېلىپ، ياكى ئۆيىمىزنى سۇ بېسىپ كېتەتتى ياكى يېرىمىزنى يالاپ كېتەتتى.» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا نىسبەتەن، تاغدا 48 يىل ياشىغان ھاشىمنىڭ پىلانىمۇ، دەرمانىمۇ يوق ئىكەنتۇق، «نامراتلىق ئاشۇ تاغقا ئوخشايدۇ، بىز تۇغۇلۇشىمىز بىلەنلا ئۇنىڭ ئىچىدە ئىدۇق».

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھەممە جايدا بىز پۇقرالارنى ئويلاپ، بىزگە ياردەم قىلىپ يېڭى ئۆي سېلىپ بەردى، ھويلىمىزنى ئوڭشاپ بەردى، ئىللىق قوتان ياساپ بەردى، بىزگە يەنە 8.8 مو يەم - خەشەك يېرى ۋە تۆت مو تېرىلغۇ يەر بۆلۈپ بەردى، تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتتى.» ھاشىم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر ئۆيۈمدىكى قوي كۆپىيىپ 30 تۇياققا يەتتى».

تۇڭئەن يېزىسىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ھاشىم كىچىك يۈك ئاپتوموبىلىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ، يەم - خەشەك ۋە قوي توشۇش بىلەن مەشغۇل بوپتۇ، يەنە ئىنىسى بىلەن شېرىكلىشىپ كىچىك مىنىبۇس سېتىۋېلىپ، يولۇچى توشۇپتۇ. «بىر يىلدا، ئاز دېگەندىمۇ 100 مىڭ يۈەن تاپالايمىز.» يېڭى بىر يىلدا، ھاشىم ئائىلىسى ئۈمىدكە تولغانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى