تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

گې خەنبىن: سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئاممىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلىش

گې خەنبىننىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېڭجوۋ، 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر خې جۈەن) خېنەن ئۆلكىسى پىڭدىڭشەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى ئىشخانا بىناسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە، شەھەر رايونىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بىر دەريا بار بولۇپ، ئۇ «جەنخې دەرياسى» دەپ ئاتىلىدۇ. 20 يىل ئىلگىرى، 38 ياشقا كىرگەن گې خەنبىن مۇشۇ دەريادا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئاممىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان.

گې خەنبىن، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شاڭچېڭ ناھىيەسىدىن، خەنزۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە. 1979 - يىلى 10 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1980 - يىلى 7 - ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، 1990 - يىلى 11 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خېنەن ئۆلكىسى پىڭدىڭشەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى، موتورلۇق چوڭ ئەترەتنىڭ مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى، چوڭ ئەترەت باشلىقى، 3 - دەرىجىلىك يېتەكچى ساقچى بولغان.

1999 - يىلى 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت 16 ئەتراپىدا، پىڭدىڭشەن شەھىرى تيەنشى گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچىسى چېن گومىن قىزىنى ئېلىپ قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ ئەتراپىدىكى دەريا قىرغىقىدا سەيلە قىلىۋاتقاندا، قىزىنىڭ بىر پاي ئايىغىنى سۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن. بۇ جەنخې دەرياسىنىڭ كەلكۈن مەزگىلى بولۇپ، سۇ ئورنى ئۆرلەپ كەتكەچكە، يۇقىرى ئېقىندىكى بەيگۇيشەن سۇ ئامبىرىدا چۈشۈرگە ئېچىۋېتىلىپ سۇ قويۇۋېتىلگەنىدى، چېن گومىن ناھايىتى تېزلا جىددىي ئېقىن تەرىپىدىن شىنخۇا يولى كۆۋرۈكىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى كاۋچۇك توسمىغا ئېقىتىپ كېتىلگەن.

سائەت 16 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، شۇ چاغدا قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى موتورلۇق چوڭ ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقلىقىنى ئۆتەۋاتقان گې خەنبىن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 110نىڭ بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان، بۇيرۇقتا قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى كاۋچۇك توسمىدا بىرەيلەننىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئېيتىلغان. بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، گې خەنبىن چوڭ قەدەم بىلەن بىرىنچى قەۋەتتىكى ئىشخانىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ كىيىمىنى سېلىپ تاشلاپ، قىرغاققا يېتىپ بارغاندىن كېيىن سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچى تەرەپكە ئۈزۈپ بارغان.

كاۋچۇك توسمىنىڭ ئاستىدا، گې خەنبىن شىددەتلىك ئېقىن بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشىپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئاممىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدىگەن. لېكىن ئۇ دەريا قاينىمىغا كىرىپ قېلىپ، بارغانسېرى ماغدۇرسىزلانغان، ئاخىرىدا قاينام ئۇنى دەريا تېگىگە ئەكىرىپ كەتكەن. شىددەتلىك ئېقىندىكى قاينامغا يېقىنلاشقىلى بولمىغانلىقتىن، ئارقىدىن يېتىپ كەلگەن تارماق ئەترەتنىڭ خەلق ساقچىلىرى ۋە باشقا قۇتقۇزۇش كۈچلىرى دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدا ئارقان تاشلاپ، ئارقاننى تۇتۇپ سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان. گې خەنبىن سۇ يۈزىگە ئېلىپ چىقىلغاندا، ئۇنىڭدا ئاللىبۇرۇن ھاياتلىقتىن بېشارەت قالمىغان.

گې خەنبىن ھايات ۋاقتىدا تۇرۇشلۇق موتورلۇق چوڭ ئەترەت شەھەر رايونىدىكى قاتناشنى چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەردە قاتناشنى قوغداش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. ھايات - ماماتلىق پەيت، خەتەرلىك پەيتلەردىكى ھەر بىر سىناق ئالدىدا، گې خەنبىن ئۆزىنىڭ ھايات - ماماتى، پايدا - زىيىنى بىلەن ھېسابلاشماي، مەڭگۈ بوشاشماي خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى تاللىغان.

1995 - يىلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تاڭ سەھەردە، جېڭجوۋدىن نەنياڭغا قاراپ ماڭغان بىر چوڭ يولۇچىلار ئاپتوبۇسى يول بويىدىكى ئىككى مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى كۆلچەككە چۈشۈپ كەتكەن. گې خەنبىن ۋە سەككىز ئەترەت ئەزاسى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن 49 يولۇچىنى سوغۇقى سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان چوڭقۇر سۇدىن قۇتقۇزۇپ قىرغاققا ئېلىپ چىققان. گې خەنبىننىڭ پۈتۈن بەدىنى توڭلاپ كۆكىرىپ كەتكەن، پۇت - قوللىرىنى مىدىرلىتالماي قالغان، تىترەپ سۆزلىيەلمەي قالغان. ئۇنىڭ ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئۇنى شەرەپ بىلەن 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئالغان.

1996 - يىلى 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى سەھەردە، بىر ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بۇزۇلۇپ قالغان ئاپتوموبىلنى يانداپ ئۆتمەكچى بولغاندا كۆلچەككە چۈشۈپ كەتكەن، گې خەنبىن ئەترەت ئەزالىرىنى باشلاپ نۆلدىن تۆۋەن 5 سېلسىيە گىرادۇسلۇق سوغۇق سۇدىن 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن قىممەتتىكى نەرسە - كېرەكنى سۈزۈپ چىققان. تارماق ئەترەت ئەسلىدە ئۇنى خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىپ مۇكاپاتلاشنى پىلانلىغان، لېكىن ئۇ رەت قىلىپ، پۇرسەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقا ئەترەت ئەزالىرىغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن.

گې خەنبىن 1980 - يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقاندىن بۇيان، ئىزچىل تۈردە قاتناش باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ساقچى ئىشلىرىدا پاك بولۇپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان خىزمەت نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، كۆپ قېتىم مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى بولۇپ باھالانغان، «خېنەن ئۆلكىسى بويىچە مۇنەۋۋەر خەلق ساقچىسى» بولۇپ باھالانغان. 1999 - يىلى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، گې خەنبىنغا مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلگەن.

گې خەنبىن قۇربان بولغان چاغدا، ئۇنىڭ ئوغلى گې چىلياڭ ئەمدىلا ئون ياشنىڭ قارىسىنى ئالغانىدى. گې چىلياڭ دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، 2008 - يىلى ساقچى مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن خەلق ساقچىسى بولدى. «دادام مېنىڭ ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئاساسىي قاتلام ساقچىخانىسىغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى تاللىدىم، خەلق بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا ساقچىلارنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى چۈشەندىم، شۇنداقلا دادامنىڭ 20 يىل بۇرۇنقى تاللىشىنى تېخىمۇ چۈشەندىم».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى