تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ماناس ناھىيەسىدە ساياھەت ئۇنىۋېرسال ئېچىش تۈرى ئەمەلىيلەشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز فېي شۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جۇ ۋېنبىن، ۋارىسجان خەۋىرى، فوتوسى): 1-ئاينىڭ 21-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس ناھىيەسى خەلق ھۆكۈمىتى بېيجىڭ لياڭزى گۇرۇھى بىلەن 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ۋۇداۋيا(گېزىدوڭ) مەنزىرە رايونىغا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇنىڭ بىلەن 2020-يىلى ماناس ناھىيەسىدە تۇنجى 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان ساياھەتچىلىكنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش تۈرى رەسمىي ماكانلاشتى، بۇ تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، بۇ مەنزىرە رايونى شىنجاڭ تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى مۇھىم ساياھەت بازىسى ۋە مەنزىلگە ئايلىنىپ، بۇ ناھىيەنىڭ پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ زور تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  «مەنزىرە رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ، مەسىلەن، ئۆزگىچە يېمەك ـ ئىچمەك، پۇقراۋى تۇرالغۇ قاتارلىق تىجارەتلەرنى قىلغىلى بولىدۇ» دېدى بېيجىڭ لياڭزى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جۇ گوفەن.

  ماناس ناھىيەسى ۋۇداۋيا(گېزىدوڭ) مەنزىرە رايونى ساياھەت تەرەققىيات قۇرۇلۇش تۈرى S101 ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ تۈر ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنۈپ يولغا قويۇلىدۇ، ساياھەت ئېكىسكۇرسىيە قىلىش، ئىستىراھەت دەم ئېلىش، كۈتۈنۈش، پىيادە مېڭىش ۋە قار-مۇز تەنھەرىكىتى، ئائىلىۋىي پائالىيەت قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدۇ.

  ماناس ناھيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جاڭ شىنيۈ مۇنداق دېدى: «ماناس ناھىيەسى ۋۇداۋيا (گېزىدوڭ) مەنزىرە رايونىنى ئېچىش تۈرى ماناس ناھىيەسى بۇ يىل ئىمزالىغان تۇنجى تۈر بولۇپ، بۇ تۈر بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پۈتىدۇ، سىرتقا ئېچىۋېتىش 1-قارارلىق قۇرۇلۇش ئاساسلىقى مېھمانخانا، يۇلتۇزلۇق ئاسمان چېدىرى، دالا ئاپتوموبىلى، جىلغا ئارىشاڭ ۋە يانداش مەنزىرە رايونى ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈر يولغا قويۇلسا، مۆلچەرىمىزدە يىلدا بىر مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچىلىككە تۈرتكە بولىدۇ، ماناس ناھىيەسى جەنۇبىي قىسىمدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ ساياھەتچىلىكىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەتراپتىكى چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. بىزنىڭمۇ بۇ مەنزىرە رايونىنى ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە رايونلىرىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش، ساياھەت مۇھىم مەنزىلى قىلىپ، مەملىكەتكە تونۇلغان تور قىزىق نۇقتا مەنزىلى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىشەنچىمىز بار».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئامبار ئاشلىققا تولدى تاماق قاچىسى مۇقىم بولدى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدا بايراملىق بازارنىڭ تەمىناتى تولۇق، باھاسى مۇقىم بولدى
  • ماددىي ئەشيالار تولۇق بولدى