تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2019 - يىلى شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئېچىلغان 2019 - يىللىق شىنجاڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بىرتۇتاش ھېسابات قىلىشىچە، 2019 - يىلى شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 359 مىليارد 711 مىليون يۈەنگە يېتىپ، مۇقىم باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %6.2 ئاشقان.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى شۈ بىن مۇنداق دېدى: 2019 - يىلى، مۇرەككەپ، كەسكىن بولغان دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتى ۋە سىجىل ئېشىۋاتقان ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئالدىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىدى. شىنجاڭنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەكشى، مۇقىم يۈرۈشۈپ، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەردە مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلىنىپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.

2019 - يىلى، شىنجاڭدا 1 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 178 مىليارد 175 مىليون يۈەن بولۇپ، %5.3 ئاشتى؛ 2 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 479 مىليارد 550 مىليون يۈەن بولۇپ %3.7 ئاشتى؛ 3 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 701 مىليارد 986 مىليون يۈەن بولۇپ %8.1 ئاشتى.

ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى مۇقىم قايتا ئاشتى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ تېز ئاشتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 27.7 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ ئىستېمال بازىرى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆرلەپ، پۈتۈن يىلدا شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 336 مىليارد 161 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %5.5 ئاشتى، يېڭىچە ئىستېمالنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز بولدى، پۈتۈن يىلدا شىنجاڭ ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ توردا پارچە سېتىش سوممىسى 20 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %26.5 ئاشتى، شىنجاڭدىكى يەرلىك ئىستېمالچىلارنىڭ توردا مال سېتىۋېلىش سوممىسى 99 مىليارد 10 مىليون يۈەن بولۇپ، %35.9 ئېشىپ، شىنجاڭدىكى جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %29.5 ىنى ئىگىلىدى.

2019 - يىلى، شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال باھاسى (CPI) ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.9 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى (%2.9)دىن بىر پىرسەنت پوئېنت تۆۋەن بولۇپ، مەملىكىتىمىز بويىچە (31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە رەتكە تىزغاندا) 31 - ئورۇندا تۇردى.

پۇقرالارنىڭ «ھەميېنى» تېخىمۇ تومپايدى. 2019 - يىلى شىنجاڭدىكى بارلىق ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 23 مىڭ 103 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئاشتى، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، %5.5 ئەمەلىي ئاشتى؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىم بولدى، شەھەر - بازارلاردا 480 مىڭ 900 ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن 2 مىليون 860 مىڭ ئادەم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ پۈتۈن يىلدا 645 مىڭ نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 976 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىندى، 12 نامرات ناھىيە قالپىقىنى تاشلىدى، نامراتلىقنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى %1.2كە تۆۋەنلىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، 4 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ماتېرىيالى ۋە دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بېكىتكەن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش يىللىق ھېسابلاش ئۇسۇلىغا ئاساسەن، 2018 - يىللىق شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى 2018 - يىللىق شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان نەتىجىدىن بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا 1 تىرىليون 280 مىليارد 939 مىليون يۈەن بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى