تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئاۋا خەلقى يېڭى ناخشا ئېيتىدۇ

− شى جىنپىڭ يۈننەندىكى ۋازۇلار كەنتىگە بېرىپ خەلق تۇرمۇشىنى ئىگىلىدى، چاغاننى تەبرىكلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، يۆ شياۋچياۋ

قىش كۈنى چۈشتىن كېيىنكى قۇياش نۇرى ئىللىق ھەم يېقىشلىق بولۇپ، رەتلىك، پاكىز دېھقانلار ھويلىسىغا چۈشۈپ تۇراتتى. قەۋەتلىك كىچىك ياغاچ ئۆيلەرگە ئېسىلغان ئالتۇن رەڭلىك كۆممىقوناقلار مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

بىر چاسا ئۈستەل، بىرقانچە پاكار ئورۇندۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆي ئىگىسى لى فاشۇن ئائىلىسىدىكى ئالتە جان بىلەن بىللە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا پاراڭلاشتى، بەختلىك تۇرمۇش ھەققىدە ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىشتى.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپسىلەر، يەنە ئۆستۈرۈشكە، ياخشىلاشقا تېگىشلىك قانداق ئېھتىياجىڭلار بار؟»

«چوڭلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى يەنىمۇ ياخشىراق ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئىككى بالام كەلگۈسىدە ياخشى خىزمەت تاپالىسىلا تولۇق قانائەتلەنگەن بولاتتىم».

كىچىك ھويلىدا خۇشال كۈلكە ساداسى ياڭرىدى، قەلبلەر ئىللىقلىققا تولدى...

چاغاننىڭ ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس يۈننەنگە بېرىپ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى. 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ ئالدى بىلەن تېڭچۇڭ شەھىرى چىڭشۈي يېزىسى سەنجيا كەنتى جۇڭجەي سىمولا ۋازۇ كەنتىگە كەلدى.

ئاپتوموبىل ئوڭغۇل - دوڭغۇل تاغ يولىنى بويلاپ مېڭىپ بىر تاغ چوققىسىدىن ئايلىنىپ ئۆتكەندىن كېيىن كۆز ئالدىمىز بىردىنلا يورۇپ كەتتى: تاغ باغرىدا قەۋەت - قەۋەت پەلەمپەي ئېتىزلار، ياپيېشىل كۆكتاتلىقلار، ھۈپپىدە ئېچىلغان قىچا گۈللىرى بار بولۇپ، سىمولا ۋازۇ كەنتىنىڭ كەنت دەرۋازىسى يېشىللىق ئىچىدە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.

سىمولا ۋازۇ تىلىدا «بەختلىك جاي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ جاي ياپيېشىل تاغلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، ئېرىقتا سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدۇ، مەنزىرىسى گۈزەل، مىللىي ئۆرپ - ئادىتى ئاددىي - ساددا. 500 نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ جايدىكى ۋازۇ ئاممىسى خەنزۇ، بەيزۇ، دەيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئاممىسى بىلەن ئىناق بىللە ياشاپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشاپ كەلمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن كەنتتە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 16 نامرات ئائىلىدىكى 71 ئادەمنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىشى بېشى يىللىق ساپ كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كەنت ئاھالىسى لى فاشۈن ئائىلىسىدىكىلەر «چوڭ بەش رام»لىق ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، بىر تۆر ئۆي، ئىككى يان ئۆي، بىر دالدا تام بار بولۇپ، ئاستى - ئۈستى ئىككى قەۋەت، پاكىز، پۇختا ئىدى.

«بۇ ئۆينىڭ قۇرۇلمىسى يامان ئەمەس ئىكەن، كىشىنى ئىنتايىن روھلاندۇرىدىكەن.» لى فاشۈننىڭ ئۆيىگە كىرگەندە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاۋۋال ئۆيلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆردى، ئاندىن «ئۆينى قاچان سالدىڭلار؟ قانچە پۇل خەجلىدىڭلار؟» دەپ سورىدى.

«2014 - يىلى كونا ئۆينى چېقىپ ئورنىغا يېڭىدىن سالغان، ھۆكۈمەت 12 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بەردى» دېدى لى فاشۈن باش شۇجىغا.

تۆر ئۆي، ياتاق ئۆي، ئاشخانا، تازىلىق ئۆيى... شى جىنپىڭ بىر - بىرلەپ تەپسىلىي كۆردى.

ياتاق ئۆيگە كىرگەندە شى جىنپىڭ كارىۋاتتىكى كۆرپىنى تۇتۇپ كۆرۈپ، كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا مۇنداق سورىدى: «بۇ پەسىلدە كېچىسى ئۇخلىغاندا سوغۇقمۇ - ئەمەسمۇ؟»

ئاشخانىدا، شى جىنپىڭ جۈمەكنى ئېچىپ، تۇرۇبا سۈيىنى سىناپ باقتى. توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، كۆكتات، گۆش بارلىقىنى كۆردى، قازاننىڭ تۇۋىقىنى ئېچىۋېدى، تاماقنىڭ مەززىلىك پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلدى، شى جىنپىڭ بېشىنى لىڭشىتىپ مۇنداق دېدى: «قورساق تويىدىغان، ئىسسىق كىيىنەلەيدىغان بوپسىلەر، ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق ئىشقا ئېشىپتۇ».

ئارقا ھويلىدىكى چوشقا قوتىنىدا، چوڭ - كىچىك بولۇپ 20 نەچچە چوشقا بېقىلىۋاتقانىدى.

شى جىنپىڭ چوشقا قوتىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، كۆرگەچ: «چوشقا باھاسى ھېلىھەم ياخشىدۇ؟ بۇ بىر نەسىللىك چوشقىدىن بىر يىلدا قانچىلىك پۇل تاپقىلى بولىدۇ؟» دەپ سورىدى.

«بۇلتۇر چوشقىنىڭ باھاسى ياخشى بولدى، بوردالغان سەككىز چوشقىنى جەمئىي 30 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇلغا ساتتۇق. بىر مېكىجىن باقساق، ھۆكۈمەت يەنە 600 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىدۇ. بىر نەسىللىك چوشقىدىن بىر يىلدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپقىلى بولىدۇ» دېدى لى فاشۈن كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئۇلار كىچىك ھويلىغا قايتىپ چىقىپ چۆرىدىشىپ ئولتۇردى، لى فاشۈننىڭ باش شۇجىغا دەيدىغان نۇرغۇن گېپى بار ئىدى.

ئون يىل ئىلگىرى تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە لى فاشۈن ئېغىر يارىلىنىپ، پالەچ بولۇپ قالغىلى تاس قالغان. بۇ ئائىلە ئاساسلىق ئەمگەك كۈچىدىن ئايرىلىپ قالغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر جۈپ ئوغۇل - قىزىنىڭ ئوقۇش خىراجىتى ئۇلارنى بىردىنلا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى.

تۆر ئۆينىڭ تېمىغا ئېسىپ قويۇلغان «ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنى چۈشىنىش كارتىسى»دا نامراتلىشىپ كېتىش سەۋەبى: «ئوقۇش، ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش» دەپ ئېنىق يېزىلغانىدى.

دۆلەتنىڭ سىياسەت جەھەتتە ياردەم بېرىشى، يۆلىشى، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى بىلەن، 2017 - يىلىنىڭ ئاخىرى لى فاشۈننىڭ ئائىلىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىدى، بۇلتۇر ئائىلە كىرىمى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. بۇ خۇددى ئۇنىڭ ئۆيىدىكى چۇنليەنگە يېزىلغان: «جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ ئائىلە ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش» دېگەندەك ئىش بولدى.

«سىلەر ھازىر ئاساسلىقى نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر؟» شى جىنپىڭ بۇ ئائىلىنىڭ كىرىم مەنبەسىنى تەپسىلىي سورىدى.

«مەن ئۆيدە چوشقا باقىمەن، ئازراق كوممىقوناق، چاي تېرىدىم، يەنە كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىپ ساتىمەن، خوتۇنۇم بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەندىكى ئېلېكتىرون زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتىدۇ، كىرىمىمۇ يامان ئەمەس» دېدى لى فاشۈن.

«چوڭلارنىڭ سالامەتلىكى ياخشىمۇ؟ كېسەل كۆرسىتىشى كاپالەتلەندۈرۈلدىمۇ - يوق؟» باش شۇجى ئۇلاپلا سورىدى.

«دادام 78 ياشقا، ئانام 71 ياشقا كىردى، سالامەتلىكى خېلى ياخشى. ھازىر دۆلەتنىڭ سىياسىتى ياخشى، ياشانغانلار كېسەل كۆرسەتسە ئاتچوت قىلىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، بىزنىڭ نۇرغۇن يۈكىمىز يېنىكلىدى.» بۇ ئىككى يىلدا، لى فاشۈننىڭ ئاتا - ئانىسى كېسەل كۆرسىتىشكە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 15 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەپتۇ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئاتچوت قىلىپ بېرىپتۇ، ئۆز يېنىدىن چىقارغىنى 1500 يۈەنگىمۇ يەتمەپتۇ.

«ئىككىلا بالىڭىز ئوقۇۋاتامدۇ؟ ئوقۇش پۇلىنى قانداق قىلىۋاتىسىلەر؟ ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولدىمۇ؟» باش شۇجىنىڭ نەزەرى لى فاشۈننىڭ بىر جۈپ ئوغۇل - قىزىغا يۆتكەلدى.

شىمال مىللەتلەر داشۆسىنىڭ 3 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چوڭ قىزى لى ليەنخۇەن بىر نەچچە كۈن ئالدىدا نىڭشيا يىنچۇەندىن چاغان ئۆتكۈزگىلى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: ھەر يىلى 6000 يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز پۇل بېرىدۇ، يەنە دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى بار، ئوقۇش پۇلى ۋە ياتاق پۇلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

«ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە يەنە بىر يىل قاپتۇ، قانداق تەرەققىي قىلماقچى بولۇۋاتىسىز؟ قەيەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىسىز؟» دەپ سورىدى باش شۇجى سەمىمىيلىك بىلەن.

«ھازىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، ئاسپىرانتلىقنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، قايتىپ كېلىپ مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىمەن».

«ياخشى! ھەقىقەتەن ئىرادىلىك ئىكەنسىز، بۇنى پۈتۈنلەي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئىرادىلىك ئادەم ھامان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ!»

لى ليەنخۇەننىڭ ئىنىسى لى ليەنبىن باش شۇجىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغانىدى، گەرچە تېخى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئاچىسىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش پىلانى بار ئىدى: «مەن سىچۇەندىكى قوراللىق ساقچى قىسىم ساقچى ئوفىتسېرلار شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن».

«ياخشى، جاسارەتلىك ئىكەنسەن! كېيىن قوراللىق ساقچى بولماقچى، ئەسكەر بولۇپ ئارمىيەگە قاتناشماقچى بولساڭ، بەدىنىڭنى ياخشى چېنىقتۇرۇشۇڭ كېرەك. ساڭىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن!»

باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ كىچىك ئائىلەڭلار دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتا سىلەرنىڭ بۇ يېشىڭلار دەل پەيتىگە توغرا كېلىدۇ، كەلگۈسىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بولۇشۇڭلار كېرەك».

ئاچا - ئىنى ئىككىيلەن بېشىنى لىڭشىتتى، كۆزلىرى ئۈمىدكە تولدى.

كىچىك يىلنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپلا، لى فاشۈن ئۆيىگە چوڭ قىزىل پانۇس، جۇڭگو تۈگۈنچىكى ئاسقان، چوڭ قىزىل بەخت خېتى ۋە چۇنليەنلەرنى چاپلىغان، ھويلىنىڭ بۇلۇڭىدا ئالتۇن رەڭلىك كاۋىلار تىزىلغان، بامبۇك يايپاڭ سېۋەتكە قىپقىزىل لازىلار يېيىلغان بولۇپ، قاينام - تاشقىنلىق بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى.

لى فاشۈن باش شۇجىنى بىرلىكتە ۋازۇلارنىڭ چاغانلىق ئەنئەنىۋى يېمەكلىكى گۈرۈچ قوتۇرمىچى تەييارلاشقا تەكلىپ قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ لۆڭگىنى ئېلىپ قولىنى سۈرتۈپ، لى فاشۈن ئەر - خوتۇن ئىككىسى بىلەن بىللە مەشغۇلات قىلىشقا باشلىدى.

ئوڭ قولىدا بىر كاللەك گۈرۈچ خېمىرىنى ئېلىپ، قېلىپقا كۈچەپ باستى، سول قولىدا يەنە كۈچەپ باستى، باش شۇجى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بەخت خېتى بېسىلدى، يەنە خۇشاللىق خېتى باساي، بەختمۇ بولسۇن، خۇشاللىقمۇ بولسۇن.» كۆپچىلىك چاۋاك چېلىشىپ كەتتى.

قىزىل، ئاق، سېرىق قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان رەڭدىكى گۈرۈچ قوتۇرماچلىرى دۆشىگە تىزىلدى، قېلىپتا بېسىپ چىقىرىلغان كەترەن گۈلى، تۆت يوپۇرماقلىق گۈل قاتارلىق نەقىشلەر ۋە بەخت، ئۆمۈر، خۇشاللىق دېگەن خەتلەر كېلەر يىلىدىكى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تىلەكنى ئىپادىلەپ تۇراتتى.

بىر ئائىلە، بىر ئۆي دەل بىر كەنت، بىر مەھەللىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى.

«پاتقاق يول»دىن «سېمونت يول»غىچە، «چىتلاق ئۆي»دىن «كىچىك ھويلا»غىچە، «ئارغامچىنى تۈگۈچ قىلىپ خاتىرە قالدۇرۇش»تىن مىللەتلەرنىڭ ئورتاق يۇغۇرۇلۇشىغىچە... كەنت ئەھۋالى كۆرگەزمىخانىسىدا نۇرغۇن يېڭى، كونا سۈرەتلەر روشەن سېلىشتۇرما بولغانىدى، ۋازۇلار كەنتىدىكى قاتناش، تۇرالغۇ، مەدەنىيەت - مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باش شۇجى قايتا - قايتا ماختىدى.

«سىلەرنىڭ بۇ جايدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشقا ئېشىپتۇ ھەم يېڭى تەرەققىيات نىشانىغا قاراپ تىرىشىپ قەدەم ئېلىۋېتىپسىلەر، بۇ جەريانمۇ دۆلىتىمىز بىلەن ئوخشاش بوپتۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلغاندىن كېيىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەھەر - يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىق، پۇچەك كەنت قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا - كەنت ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا كىرىمنى ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش كېرەك. بەختلىك سىمولا كەنتىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمەن!» دېدى شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە.

بىر كەنت، بىر مەھەللە دەل بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىدا بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن 340 ئەتراپىدىكى نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىدى، 10 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بەخت ناخشىسى ئېيتىلدى، شادلىق ئۇسسۇلى ئوينالدى.

كەنت مەيدانىدا مىللىيچە كىيىنگەن ۋازۇ ئەر - ئاياللار، چوڭ - كىچىكلەر پىل تاپىنىسىمان دۇمباق چېلىپ، بىرلىكتە «جيالىنسەي» (ۋازۇ تىلىدا كۆپچىلىك بىرلىكتە قاتار تىزىلىپ ئۇسسۇل ئويناش دېگەن مەنىدە) تۇرۇپ، قىزغىن چاچ سىلكىش ئۇسسۇلى ۋە شادىمان بامبۇك ئۇسسۇلى ئويناپ ئەڭ ئەزىز مېھماننى قارشى ئالدى.

شۇ جاينىڭ ئۆرپ - ئادىتى بويىچە، باش شۇجى ۋازۇلارنىڭ بەخت تىلەش ياغاچ دۇمبىقىنى چالدى −

«دۇمباق ئاۋازى بىر قېتىم ياڭرىسا، ھۆل - يېغىن مۇۋاپىق بولىدۇ؛ دۇمباق ئاۋازى ئىككى قېتىم ياڭرىسا، دۆلەت تىنچ، خەلق ئامان بولىدۇ؛ دۇمباق ئاۋازى ئۈچ قېتىم ياڭرىسا، ئالەم تىنچ بولىدۇ!» جاراڭلىق دۇمباق ساداسى ۋە چوڭلارنىڭ تىلەكلىرى بىلەن، مەيداننى چاۋاك سادالىرى، تەنتەنە سادالىرى قاپلىدى.

«ھەممە كەنتلەردە، ئەي، دۇمباق چېلىندى، جاڭ چېلىندى، ئاۋالار يېڭى ناخشا ئېيتىدۇ...»

خوشلىشىش پەيتى يېتىپ كەلدى، كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە چۆرىدەپ كېلىپ، «ئاۋا خەلقى يېڭى ناخشا ئېيتىدۇ» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، باش شۇجىنى ئارىغا ئېلىپ كەنت ئېغىزىغىچە باردى، ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى.

«كۆپچىلىكنىڭ چاغاننى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشىنى، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمەن!» باش شۇجى يۇرتداشلار بىلەن قول ئىشارىسى قىلىپ خوشلاشتى.

«كومپارتىيەنىڭ پارلاق نۇرى چېگرا رايوننى يورۇتتى، تاغ - دەريالار شادلىققا تولۇپ، كىشىلەر خۇشاللىققا چۆمدى. سوتسىيالىزم ياخشى، ئەي، بەخت كۆۋرۈكى سالدى. ئەي... يول ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ، ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ...»

خۇشال ناخشا ساداسى كەنتتە ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇنمىڭ، 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.