تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى دېھقانلار كالېندارى بويىچە يېڭى يىل يېتىپ كېلىش پەيتىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تەكلىپ بويىچە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى.

ماكرون ئالدى بىلەن شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ چاغاننى خۇشال ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ ماكرون ۋە فىرانسىيە خەلقىگە چاغانلىق بەخت تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2019 - يىل جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلغان بىر يىل بولدى. مەن ۋە سىز ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتۇق. بىز ھاسىل قىلغان تۈرلۈك ئورتاق تونۇشلار ناھايىتى ياخشى ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ. يېڭى بىر يىلدا، مەن سىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايمەن. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. مەن سىز بىلەن دائىملىق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايمەن. بىز ھاسىل قىلغان بىر قاتار ئەمەلىي ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور ئىشلارغا ئېتىبار بېرىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە، پۇقراۋى يادرو ئېنېرگىيەسى، پەن - تېخنىكا، سانائەت، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، 2021 - يىللىق جۇڭگو - فىرانسىيە مەدەنىيەت - ساياھەت يىلىغا ياخشى تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو بازىرى پۈتۈن دۇنياغا ئېچىۋېتىلگەن، ئەلۋەتتە ياۋروپاغا، فىرانسىيەگە داۋاملىق ئېچىۋېتىلىدۇ. خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، 6 - ئايدىكى مارسېل دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش يىغىنى ھەم 4 - نۆۋەتلىك «بىر پىلانېت» باشلىقلار يىغىنى ھەمدە 10 - ئايدىكى كۇنمىڭ «جانلىقلار كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» بويىچە 15 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنى ياخشى ئېچىشنى ئۆزئارا قوللىشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھات مەسىلىسىدە ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا بىر قاتار مۇھىم، زور ئالاقىلەر بولىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى بالدۇرراق ھاسىل قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق يەر شارىۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى بىر يىلدا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ماكرون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل فىرانسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋە ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم يىل، ئىككى تەرەپنىڭ قارالمىلىرى ئىنتايىن مول. مەن يەنە بىر قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. ئىككى تەرەپنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. فىرانسىيە تەرەپ كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھاتى قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ «جانلىقلار كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» بويىچە 15 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ. مەن شۇنى تەكىتلەشنى خالايمەنكى، 5G مەسىلىسىدە فىرانسىيە تەرەپ ھەرقانداق مۇئەييەن دۆلەت ياكى مۇئەييەن شىركەتكە قارىتا كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەدبىر قوللانمايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنىڭ بالدۇرراق ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ماكرون مۇنداق بىلدۈردى: فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا پائال تاقابىل تۇرۇشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان سەھىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلدى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەمدە ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلارغا يۇقۇم ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئىران يادرو مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى ئالماشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.