تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تەكلىپ بويىچە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى.

مېركېل شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت - سائادەتلىك بولۇشىنى تىلىدى.

شى جىنپىڭ مېركېل ۋە گېرمانىيە خەلقىگە يېڭى يىللىق سالام يوللىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو - گېرمانىيە، جۇڭگو - ياۋروپانىڭ كۆپ تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي قارالمىلىرى بار، ئىككى تەرەپنىڭ قويۇق ئالاقىنى ساقلىشى زۆرۈر، ئىككى تەرەپ جۇڭگو - گېرمانىيە، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى بىر يىلدا يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيا ۋەزىيىتى تېخىمۇ داۋالغۇۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپ كاتېگورىيەسىدىن ھالقىپ كەتتى. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئۆزئارا تايىنىدىغان ۋە ئىدېئولوگىيەدىن ھالقىغان ھەمكارلاشقۇچىلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرسا، ياۋروپا تەرەپ ۋە گېرمانىيە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا سودا ھەمراھلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، جۇڭگو بازىرى داۋاملىق ئاشىدۇ. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش روھى بويىچە ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا، پەن - تېخنىكا، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ پىلانلاشنى خالايدۇ، گېرمانىيە تەرەپنىڭ داۋاملىق جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گېرمانىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈن ئادىل رىقابەتلىشىدىغان شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپ بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھاتى قاتارلىق يەر شارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا ئالاقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن مۇھىم بىر يىل. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى قوللاپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، دىققەتنى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو - ياۋروپانىڭ بىر قاتار مۇھىم ئالاقىلىرىگە شارائىت يارىتىپ، نەتىجە توپلاشنى خالايدۇ.

مېركېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئورتاقلىقلىرى ناھايىتى كۆپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلام، دەرىجىدىكى مول نەتىجىلىك سۆھبەت ۋە ئالماشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق ئىقتىساد - سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقىدىن خۇش بولدى. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو بازىرىنىڭ گېرمانىيەگە ئېچىۋېتىلگەن ھالەتنى ساقلىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، گېرمانىيە بازىرىمۇ داۋاملىق تۈردە جۇڭگوغا ئېچىۋېتىلگەن ھالەتنى ساقلايدۇ، گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كارخانىلىرىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ يىل ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ بىر قاتار مۇھىم قارالمىلىرى بار، گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ، ماسلىشىپ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى، بولۇپمۇ ياۋروپا - جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش، ئۈچىنچى تەرەپ بازىرى ھەمكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشنى خالايدۇ. ئوتتۇرا ياۋروپا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ياۋروپا - جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

مېركېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا دەل ۋاقتىدا تاقابىل تۇرۇپ، ئىزچىل ئوچۇق - ئاشكارا بولغانلىقى ھەم خەلقئارا ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپكە مەدەت بېرىش ۋە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. شى جىنپىڭ رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ گېرمانىيە تەرەپ ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مېركېل شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىل ئەۋەتىپ لىۋىيە مەسىلىسى بويىچە بېرلىن باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە نۆۋەتتىكى مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى ئالماشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.