تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى شىنجاڭ دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى يوقلىدى، ھال سورىدى

شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى كاتتا چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ياڭ يۇڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىسىغا كېلىپ، «خەلق قەھرىمانى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچى غەيرەت مامۇتنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، «خەلق ئۈلگىسى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچى بۇرماقان مولدۇنى يوقلىدى، ھال سورىدى، چاغانلىق بەخت ۋە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى، قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ قەتئىي ئېتىقادى، ئەقىدىسى، ئىشەنچى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى.

بۇرماقان مولدۇ ۋە غەيرەت مامۇتنىڭ خوتۇنى مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شەرەپنى قەدىرلەپ، يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ، ئۆز خىزمىتىمىزنى پۇختا ئەستايىدىللىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ، قىزىلسۇ ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن زۇلپىيە خەۋەر قىلىدۇ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى