تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەن قايتىدىن ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچ ۋە گۈزەللىكنى تاپتىم

ئاقسۇ شەھەرلىك تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى ئايشەمگۈل يولۋاس:

مەن قايتىدىن ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچ ۋە گۈزەللىكنى تاپتىم

مېنىڭ ئىسمىم ئايشەمگۈل يولۋاس، ئۆيۈم ئاقسۇ شەھىرىدە. ئاقسۇ شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە، مەن بىر كىيىم - كېچەك دۇكىنى ئېچىپ، قوشۇمچە ھۆسن تۈزەش، تىرناق ياساش كەسپى بىلەن شۇغۇللاندىم، تىجارىتىم ناھايىتى ياخشى، ئايلىق ساپ كىرىمىم 5000 يۈەندىن ئاشتى.

لېكىن بۇرۇنقى مەن ھازىرقى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتىم، ئۇ چاغدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى مېنى چىرمىۋالغانىدى، مەن بېكىنمە ھالەتتە بولۇپ، مۇتەئەسسىپ بولۇپ قالغانىدىم، يەنە ھەممىلا يەردە دىنىي ئەسەبىزمنىڭ ئاتالمىش «دىنىي قائىدە»لىرى بىلەن باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلاشقانىدىم. مەندە بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق زور ئۆزگىرىشنىڭ بولۇشى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنكەنلىكىمدىن بولدى، دەل مۇشۇ مەكتەپتە، كاللامدىكى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ئۈزۈل - كېسىل تۈگىتىپ، قايتىدىن ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچ ۋە گۈزەللىكنى تاپتىم.

توي قىلغاندىن كېيىن، ئېرىم باشقىلار بىلەن دۇكان ئېچىپ خىمىيەۋى ئوغۇت ساتتى، مەن ئۆيدە بالامغا قارىدىم، تۇرمۇشىمىز ناھايىتى بەختلىك ئۆتكەنىدى. كېيىن، قاچاندىن باشلاندىكىن، ئەتراپىمدىكى بەزى ئاياللار نىقابلىق كىيىم كىيدى، كەيپىياتمۇ ئاستا - ئاستا ئۆزگەردى. مەن دوستلىرىمنى سىرتقا چىقىپ بىرلىكتە ئويناشقا تەكلىپ قىلسام، ئۇلار مېنى ئەيىبلەشكە باشلىدى، مېنى نىقابلىق كىيىم كىيمىدىڭ، «ھەقىقىي مۇسۇلمان» ئەمەس ئىكەنسەن دېيىشتى، يەنە ماڭا نۇرغۇن ئاتالمىش «ھەقىقىي مۇسۇلمان» قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.

ئۆزۈمنى ئاتالمىش «ھەقىقىي مۇسۇلمان» قىلىش ئۈچۈن، مەن توردىن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن ئۈن - سىنلارنى چۈشۈردۈم، يەنە باشقىلارنىڭ كۆرۈشىگە يوللاپ بەردىم ھەم ئاتالمىش «دىنىي قائىدە»لەر بىلەن ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشىغا چەك قويدۇم: ئېرىم تاماكا چېكىپ، ھاراق ئىچسە، مەن ئۇنى «ھەقىقىي مۇسۇلمان» ئەمەس دەپ، كۈندە ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشتۇم؛ ئۇ مېنى دوستلىرىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ كەل دېسە، مەن بارمىدىم، مەن ئاياللار ئۆيدە ئولتۇرۇشى كېرەك، سىرتقا چىقىپ خىزمەت قىلسا بولمايدۇ، خالىغانچە باشقىلارغا چىرايىنى كۆرسەتسە تېخىمۇ بولمايدۇ، دەپ قارىدىم. بۇلا ئەمەس، مەن يەنە ئانام ئەتكەن تاماقنى يېمىدىم، چۈنكى ئانام دائىم مودا كىيىملەرنى كىيىپ، چىرايلىق گىرىم قىلىپ يۈرەتتى. مەن ئۇنىڭغا «ھەقىقىي مۇسۇلمان»نىڭ نىقابلىق كىيىم كىيىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتىم.

ئۇ چاغدا مەن ئەقلىمدىن ئېزىپ، كۈندە ئۆزۈمنى ناھايىتى چىڭ ئوراپ، خۇددى بىر قاپقا قاچىلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتىم. سىرتقا چىققاندا چىرايلىق ياسىنىۋالغان ئاياللارنى كۆرسەم، ئىچىمدە ئۇلارنى «ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم دوزاخقا كىرىسەن» دەپ قارغايتتىم. ھەر قېتىم ئېرىم ھاراق ئىچىپ قايتىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا تاماق ئېتىپ بەرمەيتتىم، بالامغىمۇ قارىمايتتىم. كېيىن، ئېرىم پەقەت چىدىيالماي، مەن بىلەن ئاجرىشىپ كەتتى.

مەھەللە كادىرلىرى مېنىڭ ئەھۋالىمنى بايقىغاندىن كېيىن، ماڭا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئىپادىلىرى ۋە خەۋپىنى سۆزلەپ بەردى ھەم مېنى تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلدى.

مەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە نۇرغۇن قائىدىلەرنى ئۆگەندىم، ئۆزۈمنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن زەھەرلەنگەنلىكتىن بىنورمال بولۇپ قالغانلىقىمنى، بەختلىك تۇرمۇشۇمدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمنى چۈشەندىم؛ گۈزەللىكنى سۆيۈش ئاياللارنىڭ تەبىئىتى، لېكىن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئاياللارنىڭ گىرىم قىلىشىغا يول قويماي، ئاياللارنىڭ گۈزەللىكنى سۆيىدىغان تەبىئىتىنى چەكلەپ قويدى، شۇنداقلا مېنىڭ دۇنيا قارىشىم، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىم، قىممەت قارىشىمنى بۇرمىلىدى؛ قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، نۇرغۇن قىلمىشلىرىمنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يەتتىم. ئەگەر تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كەلمىگەن بولسام، مەن خاتا يولغا تېخىمۇ چوڭقۇر پېتىپ كېتىپ، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئائىلەمدىكىلەرگە ئوخشاش مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالدى، ماڭا كۆڭۈل بۆلدى، ماڭا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى. بىر قېتىم مەن ئاغرىپ قالغاندا ئوقۇتقۇچىلار دەرھال مېنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى ھەم يېنىمدا تۇرۇپ: «ئايشەمگۈل، ئەنسىرىمەڭ، ئوقۇتقۇچىلار سىزگە ھەمراھ بولىدۇ» دەپ ماڭا توختىماي تەسەللى بەردى. شۇ كۈنى كەچتە، بىر نەچچە ئوقۇتقۇچى نۆۋەتلىشىپ دوختۇرخانىدا ھالىمدىن خەۋەر ئالدى، مەن ناھايىتى خاتىرجەم، ياخشى ئۇخلىدىم. مەن ئاغرىپ قالغان مەزگىلدە ئوقۇتقۇچۇم ماڭا ھەمراھ بولدى، مەن بىلەن مۇڭداشتى، ماڭا تاماق يېگۈزۈپ قويدى، مەن ئۆزۈمنى بالىلىق دەۋرىمگە قايتىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم، يېقىن كىشىلىرىمنىڭ ماڭا بولغان كۆيۈنۈشىنى ھېس قىلدىم.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، مەن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى تىرىشىپ ئۆگەندىم، يەنە ھۆسن تۈزەش، تىرناق ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگەندىم. ھازىر، مەن دۆلەت ئورتاق تىلىدا خېرىدارلار بىلەن راۋان سۆزلىشەلەيدىغان بولدۇم، دۇكاننىڭ سودىسى كۈندىن - كۈنگە ياخشى بولۇۋاتىدۇ.

مېنىڭ ھازىرقى يىگىتىم ئىلگىرىكى ئېرىم، ئۇ ماڭا قايتىدىن تەلەپ قويدى، ئۇ مېنى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، پۈتۈنلەي ياخشى ئۆزگىرىپ كېتىپسىز، دېدى. ئۇ ھەر كۈنى مەندىن ھال - ئەھۋال سورايدۇ، دۇكاندا ئىش ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە يەنە ماڭا تاماق ئەكېلىپ بېرىدۇ، مەن ئۆزۈمنى بەك بەختلىك ھېس قىلدىم. بۇ قېتىم مەن بۇنى چوقۇم قەدىرلەيمەن.

راستتىمنى ئېيتسام، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئائىلەمنى ۋەيران قىلدى، بەختلىك تۇرمۇشۇمنى ۋەيران قىلدى. ئىلگىرى مەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ياشاپتىكەنمەن، ھازىرقى تۇرمۇشۇم ناھايىتى رەڭدار. تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، مەن كىيىم - كېچەك دۇكىنى ئاچتىم، ھەر كۈنى سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن، چىرايلىق ياسىنىمەن، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ، خۇشال كەيپىياتتا ئىشقا بارىمەن. ئۆزى ئىشلەپ پۇل تېپىش تولىمۇ ياخشى ئىكەن، كۆپچىلىك مېنى بەك چىرايلىق بولۇپ كەتتى، ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بولدى، دېيىشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، مەن ھەر قېتىم مال كىرگۈزگەندە ئىنتايىن چىرايلىق كىيىملەرنى تاللايمەن، دۇكىنىمغا كەلگەن ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ، چىرايلىق گىرىم قىلىپ، ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا چىرايلىق ياسىنىپ، ھەر بىر كۈننى ياخشى ئۆتكۈزسە ئىكەن دەيمەن.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيا رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.