تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش بەخت يىلىدىن خۇشال بەھرىمەن بولۇش

چۇنليەن سوۋغا قىلىش، بەخت خېتى سوۋغا قىلىش، پانۇس ئۇسسۇلى، ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى... 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز − مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش» «چاغانلىق <بەخت> خېتى سوۋغا قىلىش، چۇنليەن سوۋغا قىلىش» «يېڭى دەۋردە يېزا - كەنتلەردىكى ئوقۇش پەسلى» قاتارلىق شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولغان مەدەنىيەت - تەنتەربىيە بويىچە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا شادلىققا ۋە چاغان پۇرىقىغا تولغان مەدەنىيەت «كاتتا سوۋغىتى»نى يەتكۈزدى.

ھال سوراش ئويۇنى قويۇش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، ھۆسنخەت، رەسىم ئىئانە قىلىش، چاغانلىق چۇنليەن يېزىش، «بەخت» خېتى سوۋغا قىلىش... چاغاننىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئالتاي شەھىرىدىكى ھەربىر مەدەنىيەت - سەنئەت ئەترىتى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ، ھەربىر «مەدەنىيەت چاغانلىقى»نى ھەر مىللەت ئاممىغا يەتكۈزۈپ، خۇشال - خۇرام، ئىناق بايرام كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردى.

ئالتاي شەھىرى خۇڭدۆڭ بازىرى كۆكبۇقا كەنتىنىڭ كەنت كومىتېتى قورۇسىدا، دومبىرا چېلىپ، ناخشا ئېيتىش، كۈەيبەن ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، گارمون چېلىش قاتارلىق نومۇرلار بەس - بەستە ئوينىلىپ، يېزىلاردىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بايان قىلىندى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەختلىك، ئىناق تۇرمۇشى كۈيلەندى؛ ئالتاي شەھەرلىك گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى، جىنشەن خەتتاتلىق - رەسساملىق يۇرتىدىكى بەش سەنئەتكار قەلەم تەۋرىتىپ، جانلىق ھەم كۈچلۈك بولغان چۇنليەنلەرنى يېزىپ، بايرام قۇتلۇقلانغان «بەخت» خېتىنى ھەر مىللەت ئاممىغا سوۋغا قىلدى. «بۈگۈنكى نومۇرلار بەك قالتىس بولدى، سەنئەتكارلار ئۆز قولى بىلەن چۇنليەن يېزىپ بىزگە سوۋغا قىلدى، بەك خۇشال بولدۇق، بىز بۇنىڭدىن قويۇق چاغان پۇرىقىنى ھېس قىلدۇق!» دېدى كەنت ئاھالىسى باغدار ناسىر خۇشال ھالدا.

لېكسىيە يەتكۈزۈش، تەربىيەلەش يەتكۈزۈش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ئوقۇشتىن بەھرىلىنىش يىغىلىشى، دائىم كىتاب ئوقۇش... قىش كىرگەندىن بۇيان، باي ناھىيەلىك كۇتۇپخانا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ياقائېرىق بازىرى، قىزىل يېزىسى، مىچىغ يېزىسى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «يېڭى دەۋردە يېزا - كەنتلەردىكى ئوقۇش پەسلى − مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. مىچىغ يېزىسى شىرىلتاي كەنتىدە، باي ناھىيەلىك كۇتۇپخانا ئاممىغا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت رەسىملىرى، گېزىت ۋە پاختىلىق كىيىم قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، ھېسسىيات جەھەتتىن ئىللىقلىق يەتكۈزۈپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، كۆپچىلىكنى ئەلا سۈپەتلىك مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلىدى.

1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانا «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» − 2020 - يىللىق مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش «رەسىملىك كىتاب ئوقۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 30 غا يېقىن ئائىلە نەق مەيدانغا كېلىپ قاتناشتى. «مۇئەللىم ۋەقەلىككە ئاساسەن ئويۇن تەسىس قىلسا، بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغىغىلى بولىدۇ.» ئائىلە باشلىقى زۇلپىيە ساۋۇر مۇنداق دېدى: مۇشۇنداق پائالىيەتلەر ئارقىلىق بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇشىنى، كىتاب ئوقۇش ياخشى ئادىتى يېتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، خەتتاتلارنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۇيشىگوۋ بازىرى شيەنلەي كىچىك بازىرىنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرىدىكى مەدەنىيەت ساياھىتى پىيادىلەر كوچىسى شۇ جايدىكى ئامما بىلەن لىق تولدى، كۆپچىلىك شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىدىكى 14 نەپەر خەتتاتنى چۇنليەن، بەخت خېتى يېزىپ بېرىشكە بەس - بەستە تەكلىپ قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى 5 مىليون چۇنليەن بېسىپ، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭدىكى ئاممىغا سوۋغا قىلغان. «چاغان يېتىپ كېلىش پەيتىدە، بىز ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت تىلەيمىز، تېخىمۇ مۇھىمى، تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ساداسى ۋە غەمخورلۇقىنى پۇقرالارنىڭ قەلبىگە يەتكۈزىمىز» دېدى جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لى فاڭ.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىرلار تيەن يەنخۇڭ، ئايشىۋاق تۇرسۇن، ياڭ مېڭياۋ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى