تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر ۋىلايىتى: ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدى

قەشقەر ۋىلايىتى:

ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىر لىن ۋەنلى

2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى ۋاقتىدا تۈزۈم - مېخانىزم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، دائىم تۇتۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

«ھازىر تۈزىتىش»نى «ئۇزاققىچە تۇرغۇزۇش» بىلەن بىرلەشتۈردى، قەشقەر ۋىلايىتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ <قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش> ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى باھالاش تۈزۈمى» «قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىقلارنى تۈزۈپ تارقاتتى، مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى مەسئۇلىيەت تەقسىماتى، باھالاش - تەكشۈرۈش، ئىنكاس ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش، مۇكاپاتلاش - جازالاش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە قارىتا بەلگىلىمە چىقىرىپ، مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق «دەرھال بېجىرىش، توردا بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» بويىچە خەلققە مۇلازىمەت قىلىش، قولايلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى ئالغا سىلجىتتى. نۆۋەتتە، نوپۇستىن ئۆچۈرۈش، ناھىيە، شەھەرگە نوپۇسنى يۆتكەپ كېلىش، يۆتكەپ چىقىرىش قاتارلىق پۇقرالارغا زىچ مۇناسىۋەتلىك 21 تۈرلۈك نوپۇس كەسپىنىڭ ھەممىسىنى توردا ئالدىن كېلىشىپ بېجىرگىلى بولىدىغان بولىدۇ. قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يەنە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى كونكرېت مەسئۇل كىشىلەرگىچە ئىنچىكىلەشتۈردى.

قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى جۇ فاڭ مۇنداق دېدى: «باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلەش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، بىز <ئالاقە تورى +نوپۇس مەمۇرىيىتى> ۋە <مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش> خىزمەت تەدبىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ۋاقىتلىق ئاھالىلەر كىملىكىنى بېجىرىش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز، ئولتۇراقلىشىشى تارقاق بولۇش قاتارلىق ئەمەلىي قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرگە قارىتا، <ئائىلىسىگە بېرىپ سۈرەتكە تارتىش، كىملىكنى ئائىلىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىش، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش> قاتارلىق قوبۇل قىلىش مۇلازىمەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى <ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر>نى راۋانلاشتۇردۇق».

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مارالبېشى ناھىيەسى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، 18 ساھە، تارماق ۋە 12 يېزا - بازارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەمكارلىشىش، ماسلىشىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمى، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش مېخانىزمى، تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش مېخانىزمى، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بويىچە ئىز قوغلاش تۈزۈمى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك تۈزۈمنى ئورناتتى، تاكامۇللاشتۇردى. ھازىرغا قەدەر، 65 مىڭ ئادەم قېتىم ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەردە بىر ئائىلىدە بىر ئادەم، كۆپ ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازىرى يېڭى مەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئايشەمگۈل تۇراق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شۇ جايدىكى بىر توقۇمىچىلىق شىركىتىگە بېرىپ تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، كارخانىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئايشەمگۈل مۇنداق دېدى: «ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن مۇقىم كىرىمىم بار بولدى، مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنى ئۆگەندىم، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم، ھازىر تۇرمۇشۇمدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى