تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ليۇ چى خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ ۋوگزالىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە شىنجاڭ تۆمۈريولى شىنجاڭ ئىچىدىكى ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاقسۇ تۆمۈريول ئوچاستىكىسى تەۋەلىكىدە ئىككى جۈپ تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزى كۆپەيتىلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولى ئاقسۇدىن كۇچاغا بارىدىغان K6746/K6745 قېتىملىق تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزىدىن بىر جۈپ كۆپەيتكەن. K6746 قېتىملىق پويىز ئاقسۇ ۋوگزالىدىن سائەت 9:23دە يولغا چىقىپ، كۇچا ۋوگزالىغا سائەت 11:42دە يېتىپ بارىدىكەن؛ K6745 قېتىملىق پويىز كۇچا ۋوگزالىدىن سائەت 12:52دە يولغا چىقىپ، ئاقسۇ ۋوگزالىغا سائەت 16:34دە يېتىپ بارىدىكەن. 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، 28-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە قاتنايدىكەن.
ئاقسۇدىن مارالبېشىغا K6766/K6765 قېتىملىق تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزىدىن بىر جۈپ كۆپەيتىلگەن. K6765 قېتىملىق پويىز ئاقسۇ ۋوگزالىدىن سائەت 8:30دە يولغا چىقىپ، مارالبېشى ۋوگزالىغا سائەت 10:54دە يېتىپ بارىدىكەن؛ K6766 قېتىملىق پويىز مارالبېشى ۋوگزالىدىن سائەت 11:25دە يولغا چىقىپ، ئاقسۇ ۋوگزالىغا سائەت 16:20دە يېتىپ بارىدىكەن. 1-ئاينىڭ 28 -كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە قاتنايدىكەن.