1-ئاينىڭ 22-كۈنى، چۆچەك شەھىرى چاقچى قار تېيىلىش مەيدانىدا ساياھەتچىلەر قار تېيىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان تارباغاتاي ۋىلايىتى ئەۋزەل قار-مۇز بايلىقىغا تايىنىپ، قار-مۇز ئويمىسى كۆرگەزمىسى، قار-مۇز كاتتا مەرىكىسى قاتارلىق تۈرلۈك ساياھەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇردى، جايلاردىكى ساياھەتچىلەر چۆچەككە كېلىپ، قار-مۇزدىن ھۇزۇرلىنىپ، خۇشال-خورام كەيپىياتتا چاغاننى كۈتۈۋالدى. قاراماي-چۆچەك تۆمۈريولىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى «ماي بوياق رەسىمدەك چۆچەك»نىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 10 مىليون 290 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %100.6 ئاشقان؛ ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان ئۇنىۋېرسال كىرىم 10 مىليارد 450 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %109 ئاشقان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى جاۋ گې فوتوسى
1-ئاينىڭ 22-كۈنى، چۆچەك شەھىرى چاقچى قار تېيىلىش مەيدانىدا، ساياھەتچىلەر قار تېيىلماقتا.
1-ئاينىڭ 22-كۈنى، موتوسىكلىت ماھىرى چۆچەك شەھىرى چاقچى قار تېيىلىش مەيدانىدا موتوسىكلىت ھەيدەش ماھارىتى كۆرسەتمەكتە.