تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يەنجى ناھىيەسى ئاۋام چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ياڭ جىرۇڭ، گۇ فاجۈن، ما گوچىن خەۋىرى، فوتوسى) 1-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە، 2020-يىللىق شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى «خۇشال-خورام ھالدا ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش» ئاۋام چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ناھىيەدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بىر مەيدان ئېسىل ئەدەبىيات-سەنئەت  كېچىلىكىنى سۇنۇپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان چاغانغا قويۇق بايراملىق كەيپىيات قوشتى.

  بۇ قېتىمقى كېچىلىكنى يەنجى ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، يەنجى ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، يەنجى ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، يەنجى ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ قايدۇ دەرياسى يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن. 

  كېچىلىكتە ئورۇندالغان نومۇرلار ياخشى باھاغا ئېرىشتى، يەنجى خەلقى ئاۋام چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە، ۋىدىيوغا ئېلىپ دوستلار چەمبىرىكىدە ھەمبەھرىلىدى. بۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان كېچىلىك بولۇپ، كېچىلىكتە يەنجى ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرگە مەدھىيە ئوقۇلدى، يەنجى ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۇلۇغۋار ئىرادىسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، پۈتۈن ناھىيە خەلقىنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى نامايان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى