تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو بىلەن بىرما تەقدىرداش  قېرىنداشلىق مېھىر - مۇھەببىتى چوڭقۇر

− دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرمىدا زىيارەتتە بولغان 25 سائەت توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خاۋ ۋېيۋېي، خو شياۋگۇاڭ

1 - ئاي بىرما پايتەختى نېيبىدۇنىڭ بىر يىلدىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلى بولۇپ، قۇياش نۇرى ئىللىق، ھاۋاسى ساپ، ھەممە يەر يېشىللىققا پۈركەنگەن. شۇ جاي ۋاقتى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان بىرمىنىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ قوغدىشى بىلەن، نېيبىدۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا ئاستا - ئاستا قوندى.

بۇ چاغدا، خۇاشيا زېمىنى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى خۇشاللىق كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. ئەمدىلا مۇستەقىللىق بايرىمىنى تەبرىكلىگەن بىرما خەلقى بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەن ھالدا جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارنى دوستانە قارشى ئالدى.

بىرمىنىڭ 1 - مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مىن رۈي كۆپلىگەن ئىچكى كابىنېت مىنىستىرىنى باشلاپ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

قىزىل رەڭلىك پايانداز دۇمباق مۇزىكىسى ۋە تەبەسسۇم چىرايلارنى تۇتاشتۇردى.

ئايروپورتتا، يەرلىك سەنئەتكارلار چىرايلىق مىللىيچە كىيىملەرنى كىيىپ، شادلىق ئۇسسۇللىرىنى ئوينىدى. كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ئۆسمۈر - بالىلار جۇڭگو - بىرما ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، «ياشىسۇن جۇڭگو - بىرما دوستلۇقى!» «شى جۇشىنىڭ تېنى سالامەت بولسۇن!» دەپ تەنتەنە قىلىشتى.

چوڭ - كىچىك كوچىلار قويۇق دوستلۇق مۇھەببىتىگە چۆمۈلدى.

«جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىرمىدا زىيارەتتە بولۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» «جۇڭگو - بىرمىنىڭ قېرىنداشلارچە دوستلۇقى مەڭگۈ ياشنايدۇ» «جۇڭگو - بىرمىنىڭ دوستانە ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز راۋاجلانغۇسى»... ئايروپورتتىن رەئىس شى جىنپىڭ چۈشكەن مېھمانسارايغىچە، قىزىل رەڭلىك چوڭ پىلاكات يول بويى تۇتىشىپ كەتكەنىدى. «جۇڭگو رەھبىرىنىڭ زىيارەتكە كېلىشى بىرمىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ» «جۇڭگو - بىرما دوستلۇقى ھەر ۋاقىت نۇر چاچقۇسى»... ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدىن جەمئىيەت ئالاقە تورلىرىغىچە، «جۇڭگو» «جۇڭگو - بىرما دوستلۇقى» كۆپ تەكرارلىنىدىغان سۆزگە ئايلاندى.

بۇ، بىر قېتىملىق دوستلۇق چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان سەپەر − 25 سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى، ئۇدا 12 مەيدان رەسمىي پائالىيەتتە رەئىس شى جىنپىڭ بىرمىدىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچراشتى، پىكىر ئالماشتۇردى.

بۇ، بىر قېتىملىق ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان سەپەر − جۇڭگو بىلەن بىرما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى ئارىدىن 19 يىل ئۆتكەندە بىرمىنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىپ، جۇڭگو - بىرما ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق - ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى، جۇڭگو - بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى.

مېھىر - مۇھەببەت قويۇق

«بىرما تىلىدا <باۋبو> دېگەن سۆز بىر تۇغقان قېرىنداشلار دېگەن مەنىدە. ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئەزەلدىن قېرىنداشلاردەك ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن، <قېرىنداشلىق> مېھىر - مۇھەببىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە».

زىيارەتتە بولۇشنىڭ ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ بىرما تاراتقۇلىرىدا «مىڭ يىللىق قېرىنداشلىق مېھىر - مۇھەببەتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتەيلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگو - بىرما ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە مېھىر - مۇھەببەتنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن بايان قىلدى.

2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا لىنىيەسى، 2000 يىلدىن ئارتۇق ئالاقە تارىخى، چىن، خەن دەۋرىدىكى جەنۇب يىپەك يولىدىكى ئۆزئارا ئۆتنە - يېرىم قىلىشتىن، پياۋگو دۆلىتىنىڭ شاھزادىسى گۈللەنگەن تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى بولۇپ بېرىپ ناخشا - ئۇسسۇل سەنئىتىنى ئالماشتۇرۇشقىچە، ئالدىنقى ئەسىردە ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ مۇستەملىكىچىلىك، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرغاندىن تارتىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىرما ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە يېڭى جۇڭگونى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلىشقىچە، جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاشقان، كۆڭۈل رىشتى تۇتاشقان، بار - يوقنى تەڭ كۆرگەن.

زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - بىرما پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىنى كۆپ قېتىم ئەسلىدى. ئۇ جوۋ ئېنلەي زۇڭلى 1954 - يىلى بىرمىنى زىيارەت قىلغاندا بىرما زۇڭتۇڭى با يۈ، زۇڭلى ۋۇ نۇلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىۋاتقان چاغدىكى بىر پارچە سۈرەتنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. «ئۇ چاغدا، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان، بىرما ئايرىم - ئايرىم ھالدا قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلغان. بۇ، خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىدىكى مۇھىم، زور ئىجادىيەت».

بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، تارىختىن بۇيان مۇستەھكەملىنىپ كەلگەن جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ قېرىنداشلىق مېھىر - مۇھەببىتى يېڭى دەۋردە ئۈزلۈكسىز كەڭ جارى قىلدۇرۇلدى.

زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ كۆرۈشۈش زالىدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ۋېن مىن بىلەن تۇنجى قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى. يېڭى دوستلار خۇددى كونا دوستلاردەك سەمىمىي كۆرۈشتى. «بۈگۈن جۇڭگو دېھقانلار كالېندارى بويىچە <كىچىك يىل>، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن بىرما ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە چاغانلىق بەخت تىلەيمەن». رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇردى.

سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ ۋېن مىن رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى. زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ زىياپەت زالى ئەزىز مېھمانلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، بىرمىدىكى مۇقەددەس تاغ پوبا تېغى سۈرەتلەنگەن چوڭ ئەنلىك رەسىم كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. زۇڭتۇڭ ۋېن مىن قىزغىن ھېسسىيات بىلەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «سىز بىرمىنى يېڭى يىلدىكى تۇنجى زىيارەتتە بولىدىغان دۆلەت قىلدىڭىز، بىرما خەلقى چوڭقۇر شەرەپ ھېس قىلىدۇ... بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئابىدە بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

زۇڭتۇڭ ۋېن مىن بىرمىنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇسى «ۋەنچىن»نى چالىدىغان سازەندىلەرنى تەكلىپ قىلىپ رەئىس شى جىنپىڭغا نومۇر ئورۇنلاپ بەردى. خوشلىشىدىغان چاغدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئالايىتەن سازەندىلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «جاپا چەكتىڭلار، سىلەرگە رەھمەت!» چىن ھېسسىيات، چوڭقۇر تەشەككۈر بىلەن ئېيتىلغان بىر ئېغىز سالام كىشى قەلبىنى ئىللىتتى.

چوڭقۇر ھېسسىيات مېھىر - مۇھەببەتنى نامايان قىلدى، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئورتاقلىق ھاسىل قىلدى.

جۇڭگو - بىرما مۇناسىۋىتى توغرىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ تۆت «ياخشى»نى ئوتتۇرىغا قويدى: جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان ياخشى قوشنا بولۇشتا، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان ياخشى دوستلاردىن بولۇشتا، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشتا، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولىدىغان ياخشى قېرىنداشلاردىن بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. زۇڭتۇڭ ۋېن مىن ئارقا - ئارقىدىن بېشىنى لىڭشىتىپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رەئىس شى جىنپىڭ يېتىپ بارغان كۈنى، بىرمىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭشەن سۇجى ئالايىتەن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە بېرىپ رەئىس شى جىنپىڭغا قارشى ئېلىش، سالام يوللاش ھېسسىياتىنى بىلدۈردى. بۇ، 2015 - يىلى 6 - ئايدا ئاڭشەن سۇجى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندىن بۇيان، ئىككى رەھبەرنىڭ 7 - قېتىم كۆرۈشۈشى.

ئاڭشەن سۇجى يۈرەك سۆزىنى قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىرما تەرەپ جۇڭگونىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان بىرمىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدۇ ۋە ئۇنى قەدىرلەيدۇ. بىرما بىلەن جۇڭگونىڭ <قېرىنداشلارچە> دوستلۇقى دەۋر ئۆزگىرىشىنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈردى، پەقەت بىزلا ئۇنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى پىششىق بىلىمىز. جۇڭگو ئىزچىل بىزنىڭ ياخشى دوستىمىز، تەقدىر بىز ئىككى تەرەپنى بىر - بىرىمىزگە زىچ باغلىدى».

70 يىللىق ئۆزگىرىش داۋامىدا، جۇڭگو - بىرما باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا قوللاپ، چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى.

زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى بىرما ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىدۇ.

زۇڭتۇڭ ۋېن مىن ئېنىق قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىرمىغا قارىتا قىممەتلىك چۈشىنىش ۋە قوللاشتا بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز، جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرمىنىڭ دۆلەت ئىچى تىنچلىق مۇساپىسىدە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئالقىشلايمىز، بىرما تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېندا يولغا قويغان «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، باشتىن - ئاخىر تەيۋەننى جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدۇ.

بىرما دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باش سىلىڭى مىن ئاڭلەي رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىرمىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بەرگەن ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىمىز، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، بىرما دۆلىتىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

«قېرىنداشلىق مېھرى چوڭقۇر، دەريانىڭ مەنبەسى ئۇزۇن».

بىر ئالاھىدە سوۋغات ئارقىلىق تارىخقا ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى.

1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭشەن سۇجى رۇيشەنيىن مېھمانخانىسىدا رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچۈن كىچىك دائىرىدە زىياپەت بەردى. زىياپەتتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭشەن سۇجىغا بىر قىممەتلىك سوۋغاتنى، يەنى ئاڭشەن سۇجىنىڭ ئانىسى، بىرمىنىڭ تونۇلغان ئىجتىمائىي پائالىيەتچىسى دۇ چىڭجىنىڭ «جۇڭگو رىشتىسى» ئىپادىلەنگەن سۈرەتلەرنى تەقدىم قىلدى.

سۈرەتلەر ئىچىدە، دۇ چىڭجىنىڭ جوۋ ئېنلەي، جۇ دې، سۇڭ چىڭلىڭ قاتارلىق جۇڭگونىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەتلەر بار ئىدى، يەنە ئۇنىڭ مەركىزىي مىللەتلەر شۆيۈەنى كۇتۇپخانىسىدا ماتېرىيال كۆرۈۋاتقان سۈرىتىمۇ بار ئىدى.

رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭشەن سۇجىغا ھەربىر پارچە سۈرەتتە خاتىرىلەنگەن تارىخىي كۆرۈنۈشلەرنى تونۇشتۇردى، ئاڭشەن سۇجى بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى، رەئىس شى جىنپىڭغا چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى.

تارىخنىڭ چاقى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ بىرمىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو - بىرما ئىككى دۆلەت قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، مىڭ يىل ۋارىسلىق قىلىنغان بۇ قېرىنداشلىق مېھىر - مۇھەببەتكە يېڭى ئىزاھات بەردى −

«ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ ئەنئەنىۋى <قېرىنداشلارچە> مېھىر - مۇھەببىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق - ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - بىرما مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى».

مەنپەئەت ئەمەلىي

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2019 - يىلىدىكى يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

«يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تەبرىكلەيمىز، جۇڭگونىڭ بىرما قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ تەڭ بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنىڭ بىرمىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز».

«قوشنا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرما جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا ئىشلاردا چوڭ دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى ئىنتايىن خۇشاللىق بىلەن كۆردى. بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگونىڭ چوقۇم <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز».

بىرما رەھبەرلىرى رەئىس شى جىنپىڭغا ۋە جۇڭگو خەلقىگە ئېھتىرام بىلدۈردى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارىتا ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2020 - يىلى جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىلغا قەدەم قويدى، بىرما دۆلەتنىڭ تەرەققىيات، قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى مەزگىلگە قەدەم قويدى. زىيارەت مەزگىلىدە، تەرەققىيات تەجرىبىلىرى، تەرەققىيات يولى جۇڭگو - بىرما رەھبەرلىرىنىڭ ئوچۇق - يورۇقلۇق بىلەن چوڭقۇر سۆزلىشىدىغان سۆز تېمىسىغا ئايلاندى.

ھەم نامرات، ھەم قالاقلىقتىن دۇنيادىكى 2 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىشقىچە، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئەتراپتىكىلەرگە، دۇنياغا نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى، ئەڭ مۇھىم مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق ھەمراھى، ئەڭ چوڭ چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر كېلىش مەنبە دۆلىتى... جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى داۋامىدا بىرما پۇرسەتنى بايقىدى، جاۋاب تاپتى.

جۇڭگو - بىرما ئىقتىساد كارىدورى ئۇقۇم يىرىك پىلانىدىن ماھىيەتلىك قۇرۇلۇشقا ئۆتتى، جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىدا پۇختا قەدەم تاشلاندى. بۇ، رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتتە قولغا كەلتۈرگەن بىر تۈرلۈك مۇھىم نەتىجە.

دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭشەن سۇجى مۇنداق بىر ئابزاس سۆزنى قىلدى: دۇنيا بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، رەئىس شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلاپ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ بىرمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشنا دۆلەتلەرنى نەپكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىغا ھەم دۇنياغا ئىجابىي تەرەققىيات ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك كەلگۈسىنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

21 - ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم تايانچ نۇقتا دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرما «بىر بەلباغ، بىر يول»غا ئىزچىل پائال ئاۋاز قوشتى ھەم ئۇنى ئورتاق قۇرۇشقا قاتناشتى.

دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭشەن سۇجى 1 - نۆۋەتلىك، 2 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقان، يەنە ئۆزى بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى يولغا قويۇش رەھبەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، بىرمىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولغان.

جۇڭگو - بىرما ئىقتىساد كارىدورى شىمالدا جۇڭگو يۈننەندىن باشلىنىپ، جۇڭگو - بىرما چېگراسىدىن ئۆتۈپ جەنۇبتا ماندالايغا تۇتىشىدۇ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ياڭگۇاڭ يېڭى شەھىرى ۋە جياۋپياۋ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىغىچە سوزۇلۇپ، ئۈچ ئۇچى تىرەك بولىدىغان «人» خېتى شەكىللىك ھەمكارلىق چوڭ ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.

2017 - يىلى 11 - ئايدا، جۇڭگو - بىرما ئىقتىساد كارىدورىنى قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان. يېرىم ئاي ئۆتمەيلا، رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭشەن سۇجى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئاستىدا جۇڭگو - بىرما ئىقتىساد كارىدورىنى ئورتاق قۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. 2 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە، جۇڭگو بىلەن بىرما جۇڭگو - بىرما ئىقتىساد كارىدورىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك ئۈنۈم تۈرى تىزىملىكىنى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەم جۇڭگو - بىرما ئىقتىساد كارىدورى ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا قەدەم تاشلىشى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالدى.

بىرما زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئىمزا قويۇش زالىدا، رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭشەن سۇجى بىلەن بىللە ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى. جياۋپياۋ تۈرىنىڭ جۇڭگو - بىرما ئىقتىساد كارىدورىدىكى ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو - بىرما چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى ۋە ياڭگۇاڭ يېڭى شەھىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش... 20 نەچچە تۈرلۈك ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىسى مول بولدى. سىياسىيدىن ئىقتىساد - سودىغىچە، مەبلەغ سېلىشتىن ئادىمىيەتكىچە، جۇڭگو - بىرمىنىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئىستىقبالى كەڭ.

70 نەچچە يىل بۇرۇن، پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىغان مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق دولقۇنىدا دۇنياغا كەلگەن يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىككى دۆلەت بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشىنىڭ يېڭى يولىنى ئورتاق ئاچتى.

بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن بىرما «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققىيات تېمىسىنى يېشىپ بېرىپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ يېڭى بولغان دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنىغا ئىگە قىلىپ، جۇڭگو - بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ يېپيېڭى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

يىلتىزى چوڭقۇر

1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كەچتە، بىرما 2 - خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە فونتاندىن سۇلار ئېتىلىپ چىقىپ، چىراغلار چاقناپ كۆزنى قاماشتۇراتتى. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن 700دىن ئارتۇق ۋەكىل بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، جۇڭگو - بىرما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ھەم جۇڭگو - بىرما مەدەنىيەت - ساياھەت يىلىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

«مىنگېلابا!» رەئىس شى جىنپىڭ بىرما تىلىدا كۆپچىلىككە سالام يوللاپ، پۈتۈن مەيداننىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

«جۇڭگو - بىرما مەدەنىيىتىدە <رىشتە> سۆزىگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ».

«مەدەنىيەت ۋە خەلقنىڭ ئۆرپ - ئادىتى بىر دۆلەتنىڭ ئىسىم كارتوچكىسى».

«تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنىڭ ۋاقتى ئۆتمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇزاق تارىخىي جەرياندا تېخىمۇ يېڭىلاندى»...

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك سۆزى كەيپىياتنى ئۇرغۇتۇپ، چەكسىز لەززەت بېغىشلاپ، ئارقا - ئارقىدىن قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

بامبۇك ۋە گۈللەر سەھنىنى ئوراپ تۇراتتى. چوڭ ئېكراندا، جۇڭگو - بىرما ئىككى دۆلەتنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى سەددىچىن سېپىلى، ماندالاي خان ئوردىسى گىرەلىشىپ نۇر چېچىپ تۇراتتى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ۋېن مىن بىلەن بىرلىكتە يۇمىلاق قوزغىتىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، جۇڭگو - بىرما مەدەنىيەت - ساياھەت يىلىنىڭ چوڭ پەردىسىنى ئاچتى.

جۇڭگو - بىرما ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەۋلادتىن - ئەۋلادقىچە بولغان دوستلۇقى مەزمۇن قىلىنغان «جۇڭگو - بىرما دوستلۇق ئۇسسۇلى»، جۇڭگونىڭ شىمالىي شەنشىدىكى چاغانلىق ئۆرپ - ئادەتلەر نامايان قىلىنغان «بايرامدىكى تەنتەنە»، بىرما خەلقىنىڭ مايسا تىكىش، ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى قاتارلىق ئەمگەك تۇرمۇش مەنزىرىلىرى ئىپادىلەنگەن ئۇسسۇل «يۇرتنىڭ سېھرىي كۈچى»، يۈننەندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىنى مەدھىيەلەيدىغان «رەڭدار بۇلۇتلۇق يۈننەن»... جۇڭگو - بىرما سەنئەتكارلىرىنىڭ كامالەتكە يەتكەن نومۇرلىرى تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. رەئىس شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن نومۇرلارنى كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن يېنىدا بىللە ئولتۇرغان زۇڭتۇڭ ۋېن مىن، دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭشەن سۇجى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

باھار يامغۇرىدەك زېمىنغا ئۈن - تىنسىز ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتكەنگە ئوخشاش، جۇڭگو - بىرما دوستلۇقى مانا مۇشۇنداق خەلقنىڭ قەلبىدە تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.

زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ تۈرلۈك سورۇنلاردا، «يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش»تەك ئەتراپ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، جۇڭگو - بىرما دوستلۇقىنىڭ خەلق قەلبى تىرىكى، جەمئىيەت ئۇل تېشىنى پۇختىلىدى، بۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلىق مېھرى، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كىشىلەر قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر ئورنىتىلدى.

بىرمىدىكى ئاساسلىق پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېقىشلىق، دانا بولغان چوڭ دۆلەت داھىيسىلىق سالاپىتى بىرمىدىكى پارتىيەلەرنىڭ 20دەك رەھبىرىگە چوڭقۇر ھەم گۈزەل تەسىرات قالدۇردى.

ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزىلىرىنىڭ يېشى 90غا ئۇلاشقان، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز، بەزىلىرى ئۇزاق مۇساپىلەرنى بېسىپ كەلگەنىدى. رەئىس شى جىنپىڭ پارتىيەلەرنىڭ ھەربىر رەھبىرى بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ، قىزغىن ھال - ئەھۋال سورىدى. «مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتنىڭ بولۇشىنى، يېقىن ئارىلىقتىن چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ سالاپىتىنى ھېس قىلالايدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم» «بىز كوللېكتىپ چۈشكەن سۈرەتنى كۆزگە ئەڭ چېلىقىپ تۇرىدىغان جايغا ئېسىپ قويىمىز، بۇ، بىزنى بىرما بىلەن جۇڭگونىڭ قېرىنداشلىق مېھرىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ».

يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش، خەلق قەلبى، خەلق رايى ئەڭ ياخشى كارتىنا. «ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش» «شۇ جايدىكى خەلققە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈش» «قوشنىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئاچقۇچى خەلقنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش»... زىيارەت مەزگىلىدە، ھەر قېتىم جۇڭگو - بىرما مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ «خەلق» «پۇقرا» دېگەن سۆزنى تەكرار تىلغا ئالدى.

جۇڭگو بىلەن بىرما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ھەم جۇڭگو - بىرما مەدەنىيەت - ساياھەت يىلىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ۋېن مىن، دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭشەن سۇجى ھەمدە بىرمىنىڭ 1 - مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، 2 - مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، ئىككى پالاتانىڭ باشلىقى، باش سىلىڭ مىن ئاڭلەي قاتارلىق بىرما تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، جۇڭگو بىلەن بىرما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنى كۆردى. 46 پارچە قىممەتلىك سۈرەت جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ 70 يىللىق دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ يۆگىمە رەسىمىنى تۇتاشتۇردى.

رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ بىرمىغا بارغان داۋالاش ئەترىتىنىڭ «يورۇقلۇق ھەرىكىتى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان سۈرىتى ئالدىدا توختاپ تەپسىلىي كۆردى، چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. سۈرەتتە جۇڭگو - بىرما ئىككى دۆلەتنىڭ داۋالاش خادىملىرى كۆزگە چۈشكەن ئاقنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلغان بىرمىلىق ئاغرىقنى قايتا تەكشۈرۈۋاتقانىدى. ئاشۇ ئاغرىقنىڭ چېھرىدە يورۇقلۇقنى قايتا كۆرگەندىكى ھاياجانلىق ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەنىدى.

ئالدى بىلەن ئەتراپتا ئەمەلىيلەشتۈردى، خەلق قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزدى. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك: «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشتا، ئالدى بىلەن ئەتراپتىن باشلاش، ئىناق قوشنىدارچىلىق، تىنچ قوشنىدارچىلىق، باي قوشنىدارچىلىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك».

ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە مەنپەئەت يۇغۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇشتەك ئەتراپ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىرما سەپىرى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن يېڭى يىللىق يېڭى سەھىپە ئاچتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى